ablatmuhamma |
2014-06-21 01:15 |
قاينىدىم
قاينىدىم
تاڭ يېرىپ ئۇيقۇم ئارا تۇيغۇمدا چىم- چىم قاينىدىم ، دىل خابان ئەركىم كېسەلكەن ھېجراندا سىم -سىم قاينىدىم .
<تارس> قىلىپ كەتكەچ رولىدىن ئارمان ئېتىمنىڭ چۇلۋۇرى ، چىش يېرىپ توقسەن قۇرۇتلار يوتقاندا جىم -جىم قاينىدىم .
مەس ئىكەن دەريالىرىم قىرغاقلىرىمدا شەپە يوق ، كالپۇگۇم ئۈزگەچكە جان تىلىمدا ئىم -ئىم قاينىدىم ،
بەتتام ئىكەن زەر قانلىرىم نەشتەرى خامۇش پاشىدا ، تۆھمىتىم قىسمەت ياساپ زەرداپتا زەم -زەم قاينىدىم .
چاچتى زەھەر باغلىرىمغا قۇم ئالايدى بىئەقىل ، كەتمىنىمگە دات ياماشقاچ رىزقىمدا كەم -كەم قاينىدىم .
تۆت پەسىلگە تېرە تاشلاپ رەڭ ئشىقىدا مۇڭلىنىپ ، بەركىتى يوق خامىنىمدىن كەتكەچكە تەم -تەم قاينىدىم .
تۆھمىتى بولغاچ قەلەم ،قالغاچ شامالدا شەجەرەم ، بىساۋاد ئەمگەچ سۈتۈمنى ئانامغا مەم -مەن قاينىدىم .
چاڭقاقى ئوت يات زۇۋاندا ئانا دىيەلمەي چىملىقىم ، بىغەرەز ئۆسكەچ كۆچەت ئوغلۇمغا غەم -غەم قاينىدىم . بىئەجەل كەتتى كاۋام پۇختا ئەمەسكەن ئارقا تام ، قالمىغاچ مامۇق تۈكۈم توموزدا دىر- دىر قاينىدىم . تەقدىرى ھەغداسىغا ئاجىز مىياڭلار سەت مۈشۈك ، كىملىكىم بولغاچ خاتا چاشقانغا خىر- خىر قاينىدىم . كۆزى قارغۇ گاچا ئامەت دوقمۇشىمغا دار ياسار ، غولدۇرلىغاچ كىر قورسىقىم سۆھبەتتە ئەڭ -ئەڭ قاينىدىم .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن |
|