گۈلنىھال |
2014-06-20 23:02 |
گۈلنىھال : ئىقرارنامە
ئىقرارنامە `L"{sW6S 4";[Xr{pW 4+r26S,T (چاتما نەسىرلەر ) $.r:
NpY zN|W: ياسىنجان سادىق چوغلانى )~[hf,R5S n6 a=(T ئىت .`K %2D9]L2Up 6S#e?>"+ ئايرىم كىشىلەر ماڭا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ ، دوستى ھەتتا ئايالىنىمۇ ۋاپادارلىق بابىدا ماڭا تەڭ قىلمايدۇ . لىكىن مەن ، كۈندە غاجىلىۋالغۇدەك سۆڭەك ياكى يالىغۇدەك يۇندىغا ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈنلا ئۇلارنىڭ ئايىغىغا باش قويىمەن ، تاپانلىرىنىڭ يالايمەن ، قۇيرۇقۇمنى شىپاڭشىتىمەن . كۈش - كۈشلىگەن رەقىبىگە قاراپ ۈىر ئىككى رەت قاۋاپ قويىمەن . 7U\GX Ma,2_oq+ ~SRK}5E مۈشۈك vP{22P U\
Et
1]i{b/ 4 مېنىڭ ئادەملەر ئارىسىدا « ئۆي ساقچىسى » دەيدىغان تولىمۇ چىرايلىق نامىم ۋە يۈكسەك ئابرويىم بار . ئۇلار ماڭا شۇنداق ئىشىنىدۇكى ، ھەتتا مېنى بار دەپ ، ئۆيدىكى بارلىق يىمەكلىكلەرنى ئالدىغا كەلگەن يەرلەرگە قويۇپ قويىدۇ . ئوغرى چاشقانلاردىن ھەرگىز ۋايىم يىمەيدۇ . ئەمما ئۇلار مېنىڭ بىكار قالساملا چاشقان تۇتىدىغانلىقىمنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈشمەيدۇ . n5~7x
(HW!!xM مېكىيان T5g}z5~" NT6OGBl& مېنى كىشىلەر مەنمەنچى ، ئابرويپەرەس ، ئۇ ياندىن بىر تۇخۇم تۇغۇپ بولغىچە ، بۇياندى ۋاقاقلاپ كۆز - كۆز قىلىشقا ئاران تۇرىدىغاندامدامچى دەپ كۆزگە ئىلىشمايدۇ . لىكىن ئۇلار ئۆزلىرى ئىچىدىكى ، بىرەرسىگە بىر تۇخۇمچىلىكمۇ نەپ بەرمەي تۇرۇپ ، مەندىنمۇ بەكرەك جاھاننى بېشىغا كىيىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى بىلمىسە كېرەك . ئادەملەرنىڭ ئەھۋالى شۇ تۇرسا مېنىڭ ئازراق ۋاقاقلاپ ، تۇخۇم تۇغقانلىقىمنى ئىگەمگە بىلدۈرۈپ قويۇشۇم ئانچە يامان ئىللەت ئەمەسقۇ دەيمەن . چۈنكى ، ھەركىمنىڭ ياراتقان تۆھپىسى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ئۆزىگە تەئەللۇق بولىدۇ . 78}QaE 6 K+DgNK 3++}4%w چاشقان csceu+IA xpJ6M ئادەملەر مېنى تولىمۇ ئۆچ كۆرىدۇ .« ئۆيۈمگە چاشقان ئۈگىنۋالدى » دەپ ، قاخشىشىدۇ . قىزىق ، مەن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە خالىغانچە ، قالايمىغان تاشلاپ قوويغان ئاشلىق ، گۆش ، ياغ ... روزىغارلىرىنى دىمىسەم ئاۋارە بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئۇۋا سېلىپ نىمە قىلاي . ئەسلىدىغۇ ئۇلار ، مېنىڭ ھېچنىمە تاپالمىغان ئۆيدىن يامانلايدىغان ، ئىكلكىنچىلەپ ئاياغ باسمايدىغان خۇيۇمنىڭ بارلىقىنى ناھايىتىمۇ ئوبدان بىلىشىدۇ . jT~PwDSFt3 5r*5Co+ مەنبە : « يۈركىم يىغلايدۇ » ناملىق كىتاب . #DBg8
|
|