查看完整版本: [-- كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيتى (ئارزۇيۇم) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيتى (ئارزۇيۇم) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئارزۇيۇم 2014-06-19 16:36

كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيتى (ئارزۇيۇم)

-يىللىقلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسىدىن بىر سائەتلىك ئوقۇتۇش لاھىيىسى




كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى

ئابدۇشكۇر   مۇھاممەتئىمىن



    دەرسكە باشلاپ كىرىش: ئەخمەت ئېمىننىڭ «ئانا تىلىم» ناملىق نەسىرىنىڭ ئۈنئالغۇ لىنتىسىغا كىرىشتۈرۈلگەن سۈرەتلىك كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىش ئارقىلىق دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
كۆرۈنۈش كۆرىلىپ بولغاندىن كېيىن كۆرۈنۈشتىن نېمىنى ھېس قىلغانلىقى ھەققىدە سوئال سورىلىدۇ ۋە «بەزىدە باتۇر قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى كىتاب قىلىپ يېزىلىپ، دۇنياغا تونۇشتۇرىلىدۇ، بەزىدە يازغۇچىلار ئۆز يازغان كىتابى ئارقىلىق دۇنياغا تونۇلىدۇ، بەزىدە مىللەتنىڭ تارىخى. مەدەنىيىتى، شان-شۆھرىتى، ئار-نۇمۇسى كىتاب قىلىپ يېزىلىپ كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرىلىدۇ، يەنە بەزىدە تارىخى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش ئارقىلىق يەنىلا كىتابقا تايىنىمىز، مۇراجەت قىلىمىز. دېمەك، كىتاب بىر ئادەمنىڭلا ئەمەس، خەلق، مىللەت، ۋەتەن، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشىدە، بۈگۈنىدە ۋە كەلگۈسىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ ئۇلۇغ ئەنگۈشتەردۇر. ئۇنداقتا مەشھۇر ئالىمىمىز ئابدۇشكۇر مۇھەممەدئېمىن بۇ ماقالىسىدا كىتاب ھەققىدە قانداق پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ باقامدۇق؟» دەپ كۆرۈنۈشتىن خۇلاسە قىلىنىدۇ ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى
(مۇھاكىمە ماقالىسى)
ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئېمىن (1933-1995)
    ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم نىشانى: ماقالىنى بۆلەكلەر بويىچە تەھلىل قىلىپ، كىچىك سوئاللار ئاساسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئاپتور ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىنەزەر توغرا يەكۈنلىنىدۇ.
2. ئىقتىدار نىشانى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالىنىڭ نۇقتىنەزىرىنى توغرا يەكۈنلەش ئىقتىدارىنى ۋە ئاپتورنىڭ نۇقتىنەزەرنى ئىسپاتلاشتا قانداق ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقىنى تېپىپ چىقالايدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىنىدۇ.
3. قىممەت قاراش: ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىتىمىزنىڭ كىتابقا ھېرىسمەنلىك، ئىلىم سۆيەرلىك ئەنئەنىسىنى ئۆگىنىپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، بۈگۈنكى دەۋردە ئىلىم-پەن ئۆگىنىشنىڭ ھەر بىر ئادەم، مىللەت، خەلقنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى، شۇڭا، كىتابنى قەدىرلەش، كىتاب ئوقۇشقا ئامراق بولۇش، ئۆگەنگەنلىرىنى دادىل قوللىنالايغان بولۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىلىدۇ.
    ئوقۇتۇش جەريانى:
1. ئوقۇغۇچىلار ماقالىنى بۆلەكلەر بويىچە تەھلىل قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ.
2. سىز كىتاب ھەققىدىكى ماقال-تەمسىل، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى بىلەمسىز؟ ئاپتۇر كىتابنى قانداق تەرىپلىگەن؟
جاۋابى: كىتاب-بىلىم، كۈچ، بايلىق، بەخت قاتارلىقلار
ئاپتور كىتابنى كىتاب-ھەقىقىي ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى، كىتاب-ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى پەلەمپىيى، كىتاب-مىللەتنىڭ مەنىۋىي قىياپىتىنى تۈزەش ۋە يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى، كىتاب-مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دەرياسى ۋە مەنىۋىيەت بۆشۈكى دەپ تەرىپلىگەن.
3. تۆۋەندىكى سوئاللار ئاساسىدا مۇھاكىمىگە تەشكىللىنىدۇ:
1) سىزنىڭچە ئاپتۇر نېمە ئۈچۈن «كىتاب-ئۇلۇغ تارىخىي سىمالارنىڭ ھەقىقەت يالقۇنلىرىنى مەڭگۈ يىلىنجىتىپ تۇرىدىغان مۇقەددەس ئوچاق» دەپ يازىدۇ؟
جاۋابى: بۇ، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر دانىشمەن، ئالىم، مۇتەپەككۇر ۋە ئەدىبلەرنىڭ ئۆچمەس ھاياتى كۈچگە ئىگە ھەقىقەت يالقۇنلىرىنى، يەنى تەپەككۇر دۇردانىلىرىنى، پەلسەپىۋى مۇلاھىزىلىرىنى، ئاجايىپ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئۆچۈرمەي، ئەۋلادلارنىڭ ئەقلىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدىغان پەزىلىتىنى تاۋلايدىغان مۇقەددەس ئوچاق دېگەنلىك.
2) سىز «كىتاب ھەر بىر شەخسنىڭ مەنىۋىي فوندى ۋە ئۇنىڭ كامالەت گۇۋاھنامىسى» دېگەن قاراشقا قانداق قارايسىز؟
جاۋابى: بۇ، كىتابنىڭ شەخسنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنىڭ باي ياكى نامرات بولۇشىنى، شۇنداقلا نەزەر دائىرىسىنىڭ تار ياكى كەڭ بولۇشىنى، بىلىمنىڭ مول ياكى ئاز بولۇشىنى بەلگىلەيدىغانلىقىغا قارىتا ئېيتىلغان.
3) «كىتاب-مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دەرياسى ۋە مەنىۋىي قىياپەت مەكتىپى» دېيىشكە قارىتا ھېس قىلغانلىرىڭىزنى بايان قىلىپ بېقىڭ.
جاۋابى: كىتاب- بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى نامايەن قىلىدىغان، شۇنداقلا ئۆتمۈشى، بۈگۈن ۋە كىلەچىكىنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىدىغان، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى سۇغۇرىدىغان، قەلبىنى پاكلايدىغان، قېنىنى ئۆركەشلىتىدىغان ئەزىم دەريا، مىللەتنىڭ روھىيىتىنى يۈكسەلدۈرىدىغان، تەپەككۇرىنى ئويغىتىدىغان، ئەقىل كۆزىنى ئاچىدىغان، نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، سۈپەت- ساپاسىنى كامالەتكە يەتكۈزىدىغان مەكتەپ، دېگەندىن ئىبارەت.
4) سىز قانداق كىتابلارنى ئوقۇشقا ئامراق؟ ئاپتۇر قايسى 3 خىل كىتابنى ئوقۇشنى تەسۋىيە قىپتۇ؟ سىزنىڭ ئوقۇغانلىرىڭىز قايسى خىل كىتابلارغا كىرىدىكەن؟
جاۋابى: ئوقۇغۇچىلار ئاۋال ئۆزى ئوقۇشقا ئامراق كىتابلارنى بايان قىلىدۇ.
ئاپتور ئوقۇشقا تەسۋىيە قىلغان كىتابلار: 1) ئاساسىي بىلىم كىتابلىرى، 2) بىلىم قۇرۇلمىسىنى بىيىتقۇچى كىتابلار، 3) بەدىئىي لەززەت بېغىشلىغۇچى كىتابلار.
ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئوقۇۋاتقان كىتابلارنىڭ قايسى خىلغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
5) ماقالىدىكى ئاساسىي نۇقتىنەزەر قايسى؟ تارماق نۇقتىنەزەر قايسى؟
ئوقۇغۇچىلار ئالدىنقى سائەتتە چۈشەندۈرۈلگەن نەزىيىرىگە ئاساسەن ئاساسىي نۇقتىنەزەر ۋە تارماق نۇقتىنەزەرلەرنى ئايرىپ چىقىدۇ.
يەنى ماقالىدىكى ئاساسىي نۇقتىنەزەر: كىتاب- بىلىم، كىتاب- كۈچ، كىتاب- بايلىق، كىتاب- بەخت دېگەندىن ئىبارەت.
تارماق نۇقتىنەزەر: كىتاب ئىنسانىيەتكە خاس بولغان ماھىيەتلىك ھادىسە. ئىنسان كىتاب ئارقىلىق تارىخ، ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت بىلەن تونىشىدۇ. كىتاب قەلىبنى پاكلايدۇ. كىتاب مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دەرياسى ۋە مەنىۋى مەكتىۋى. كىتاب ئوقۇغاندا كىتاب دېڭىزىدىن جاۋاھىرات يىغىدىغان غەۋۋاسلىق ماھارىتى بولۇشى لازىم. كىتاب مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى تۈزەش ۋە يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. كىتاب ھەقىقىي ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى. بىزدە نادان ھالەتتىكى باياشاتلىق بىلەن ئەمەس، مەدەنىيەت ھالەتتىكى باياشاتلىق بىلەن ئىپتىخارلىنىدىغان كەيپىيات تۇرغۇزۇلغىنى ياخشى.
6) ماقالىدە ئاپتور نۇقتىنەزەرنى ئىسپاتلاشتا قايسى ئۇسۇللارنى قوللانغان؟
ماقالىدە نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، يەنى ئەنگىلىيە مۇتەپەككۇرى بېكوننىڭ، لابولبىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، نۇقتىنەزەر ئىسپاتلانغان، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. يەنى تەرەققى قىلغان ئەللەردىكى ئائىلىلەر بىلەن قالاق ئەللەردىكى ئائىلىلەرنىڭ كىتاب ئارقىلىق ئائىلە ۋە ئۆزىنى زىننەتلىشى، نادانلىق ھالەتتىكى باياشاتلىق بىلەن مەدەنىيلىك ھالەتتىكى باياشاتلىق... قاتارلىقلار ئۆزئارا سېلىشتۇرۇلۇپ نۇقتىنەزەر كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئايرىمىلىقتىن ئومۇمىيلىققا قاراپ ئىسپاتلاش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ كىتابى بىلىمى، تارىخى بىلىمى، ئاساسىي بىلىملىرىنىڭ مەنبەسى كىتاب ئىكەنلىكى، ھەقىقىي ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى يەنىلا كىتاب ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنە ئومۇملىقتىن ئايرىمىلىققا قاراپ ئىسپاتلاش، ئوخشىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلاش قاتارلىق ئۇسۇللارمۇ قوللىنىلغان.
7) ئاپتور «كىتاب-لوقمان ھېكىم، كىتاب-رۇستەم پاۋان، كىتاب-بەخت قۇشى ئەنقا» دەپ ئېيتقان. بۇ باياندىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟
لوقمان ھېكىم رىۋايەتلەردىكى مەشھۇر تېۋىپ، رۇستەم بولسا تارىخىي داستانلاردا تەرىپلىنىدىغان تەڭداشسىز كۈچ- قۇدرەتكە ئىگە شەخس، ئەنقا بولسا رىۋايەتلەردىكى كىمنىڭ بىشىغا قونسا شۇنىڭ تەقدىرىنى بەخت- ئامىتكە يۈزلەندۈرىدىغان بەخت قۇشى، ئاپتورنىڭ بۇ ئارقىلىق كىتاب- روھىي زەئىپلىكلىرىمىزگە داۋا، ئەقلىي ئاجىزلىقلىرىمىزغا شىپا بولىدىغان تېۋىپ، ۋۇجۇدىمىزغا قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغان كۈچ مەنبەسى، كىشىلىك ھاياتىمىزغا بەخت ئاتا قىلىدىغان ھۇما قۇشى،دېگەنلىكىنى چۈشىنىپ يىتىمىز.
[مۇھاكىمە قىلىپ بېقىڭ]
2-دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپا جەڭ مەيدانىدا ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ، ئامىرىكىنىڭ ياۋروپا جەڭ مەيدانىنىڭ باش قوماندانى ئېزىنخاۋئۇئىر بىرلىن ئۇرۇش خارابىسىنى زىيارەت قىلىۋېتىپ، بىر نەپەر نىمىس مۇماينىڭ بومباردىماندا ۋەيران بولۇپ كەتكەن ئۆيىنىڭ خارابىسىنى كولاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ھالدا بىردەم قاراپ تۇرغان. نىمىس موماي ناھايىتى جاپادا بىر قانچە پارچە كىتابنى كولاپ ئالغان ۋە ئۇنى باغرىغا چىڭ باسقان ھالدا كېتىپ قالغان. بۇنى كۆرگەن ئېزىنخاۋئۇئىر ئەتراپىدىكى ئوفىستىرلارغا:«بىز ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدۇق، نىمىسلارنى مەغلۇپ قىلدۇق دەپ تەنتەنە قىلغان ئىدۇق، قارىغاندا ئۇلارنى تېخى ھەقىقىي مەغلەپ قىلالماپتۇق» دېگەن.
بۇ باياندىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ قارىشىڭىزنى بايان قىلىپ بېقىڭ.
    دوسكا لاھىيىسى:
كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى
ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئېمىن (1933-1995)
كىتاب ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر

كىتاب-بىلىم
      -كۈچ
      -بايلىق
      -بەخت    ئاپتورنىڭ كىتاب ھەققىدىكى ھېكمەتلىك بايانلىرى
كىتاب-ھەقىقىي ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى
كىتاب-ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى پەلەمپىيى
كىتاب-مىللەتنىڭ مەنىۋىي قىياپىتىنى تۈزەش ۋە يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى
كىتاب-مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دەرياسى ۋە مەنىۋىيەت بۆشۈكى    ئاپتور تەۋسىيە قىلغان 3 خىل كىتاب
1) ئاساسىي بىلىم كىتابلىرى
2) بىلىم قۇرۇلمىسىنى بىيىتقۇچى كىتابلار، 3) بەدىئىي لەززەت بېغىشلىغۇچى كىتابلار.
    تاپشۇرۇق:
ئاپتور ماقالىسىدە تىلغا ئالغان «كىتابسىز ئۆي-جانسىز تەن» دېگەن مەشھۇر ھېكمىتىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەنگەن ھالدا كىتابنىڭ رولى، ئەھمىيىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىڭىزنى بىرلەشتۈرۈپ بىر پارچە يېزىڭ. ھەجمى بىر بەت ئەتراپىدا بولسۇن.

    ئىجتىمائىي پائالىيەتكە يېتەكلەش:
1) مەھەللىڭىزدىكى بىر قانچە ئائىلىنى زىيارەت قىلىپ، بۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتى بار-يوقلىقىنى، ئايدا بىرەر پارچە كىتاب سېتىۋالىدىغان ياكى سېتىۋالمايدىغانلىقىنى، ئۆيىدە بار كىتابنىڭ ئادەم بېشىغا قانچە پارچىدىن توغرا كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلاب بېقىڭ. (بۇنىڭدا ئاغزاكە ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ، سۆھبەت مەزمۇنىنى كۆڭۈللۈك، ئەركىن-ئازادە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇش ھەققىدە ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)
2) ناھىيە ۋە شەھەرلەردىكى كىتابخانىلارغا كىرگەندە قايسى خىل كىتابلارنىڭ كۆپرەك سېتىلىدىغانلىقىنى ئىگەللەپ بېقىڭلار. (سۈرۈشتۈرگەندە دەرسلىك كىتابىڭلارنى ئېلىۋېلىپ، شۇنداق قىلىش تەلەپ قىلىنغان تەلەپنى كىتابخانا خادىملىرىغا كۆرسىتىپ قايىل قىلىپ، ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ)

بابۇر0725 2014-06-21 01:56
بەك ياخشى تەييارلىنىپتۇ.پايدىلىنىش قىممىتى بەكلا يۇقىرىكەن

ئارزۇيۇم 2014-06-24 17:13
رەخمەت سىزگە بابۇر ئەپەندى.

tawpek 2014-07-06 13:57
نىمانچە مولچىلىق بۇ، 9- يىللىقنىڭ تەييارلىقلىرى سەل كەمچىل ئىدى، تەشەككۇر.

ئاپتور ئوقۇشقا تەسۋىيە قىلغان كىتابلار: 1) ئاساسىي بىلىم كىتابلىرى، 2) بىلىم قۇرۇلمىسىنى بىيىتقۇچى كىتابلار، 3) بەدىئىي لەززەت بېغىشلىغۇچى كىتابلار.

ئاۋۇ مەزمۇن ئىمتاھانلاردا كۆپ ئۇچراۋاتىدۇ

ئارزۇيۇم 2014-07-07 10:38
رەخمەت تەۋپىق ئۇكام.


查看完整版本: [-- كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيتى (ئارزۇيۇم) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled