查看完整版本: [-- ئاچچىق ھايات(راست ئىشلار خاتىرىسى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> ئاچچىق ھايات(راست ئىشلار خاتىرىسى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

زەردار 2014-06-19 16:13

ئاچچىق ھايات(راست ئىشلار خاتىرىسى)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! pA+Qb.z5z  
%4n=qK9T 5  
قەلەم قۇۋۋىتىم تۆۋەن بولغىنى ئۈچۈن ،بېشىمدىن ئۆتكەن ھەقىقى مۇھەببەت -نەپرىتىمنى يېزىش جەريانىدىكى كەمچىلىكلەرنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ تۈزىتىپ تەستىقلاپ بېرىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن. ~aA+L-s|  
6\~m{@  
',juZ[]_ {  
&W.tjqmw  
تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرقى يىلى قىشتا،يېڭىسار ناھىيسىدە قېلىن قار ياغدى.ئاشۇ تۇنجى ياققان قار بىلەن مېنىڭ ھاياتىمغا ئەقىللىق،گۈزەل بىر قىز بۆسۈپ كىردى.شۇ كۈنى باشقىلار بىر-بىرى بىلەن قار ئېتىشىپ ئويناۋاتاتتى.مەن بولسام ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ،بىر چەتتە قاراپ جىممىدە تۇراتتىم. 4XX21 
q'  _  
كەل قار ئېتىشىپ ئوينايلى دىدى ،زىننەتگۈل ماڭا كۈلۈپ ھەم قار ئېتىپ.بىز بىردەم قار ئېتىشىپ ئوينىدۇق.كىرىپ كېتىدىغان چاغدا ئۇ ماڭا چاپىنىنىڭ ئۈستىدىكى قارنى ئېلىۋىتىشىمنى ئېيتتى.مەن خۇش بولۇپ ھەم قورۇنۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ كىيىمىدىكى قارنى ئېلىپ تاشلىۋەتتىم. r8Gq\ ^  
Zh3]bg5  
2uiiTg>  
بىز ئاشۇ تۇنجى قار ياققان كۈنىنى چىن دوسلۇقىمىزنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ سىمۋولى دەپ بىلدۇق.ھەر يىلى ياققان تۇنجى قاردا ئۆزىمىز قولىمىزدا ياسىغان ئاددى سوۋغىنى بىر-بىرىمىزگە سوۋغا قىلىشنى ئادەت قىلدۇق. M{O2O(  
مەن ئۇنىڭغا مەكتەپنىڭ گۈللىرى ئېچىلغاندا پات-پات قىزىل گۈل سوۋغا قىلاتتىم. 1AoBsEnd  
ئۇمۇ ماڭا گۈل ئۈزۈپ بېرەتتى.بىز ئۆيلىرىمىزدە بىر-بىرمىزگە تۇخۇم پۇشۇرۇپ ئېلىپ كېلەتتۇق.ھەم مەن ئۇنىڭغا سويۇپ بېرەتتىم،ئۇ ماڭا سويۇپ بېرەتتى.دوسلۇقىمىز بارا-بارا مۇھەببەتكە ئايلاندى.ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يىگىنىم ھازىرقىدەك ئېسىمدە.شۇ كۈنى مەن تاماق يەپ كىرگەنىدىم.ئۇ مەكتەپتىكەن،بىللە تاماق يەيلىمۇ دىسەم ئۇ قوشۇلدى.مېنىڭ كۆڭلۈمنى دەپ قوشۇلغىنىنى بىلەتتىم.بىز سىرىتقا چىقىپ لەغمەن يىدۇق.ھازىرقىدەك ئېسىمدە ئىككىلىمىز ئىنتايىن تارتىنىپ ،تەرلەپ دىگۈدەك يىگەنىدۇق. T3M 4r|  
!H?#~{ W}  
بىر كۈنى دۇكاندىن 1يۈەنگە كېچىسى يانىدىغان بوينىغا ئاسىدىغان نەرسە ئالدىم.كەچلىك مۇزاكىرىدىن كېيىن ئۇنىڭغا بەردىم.ئۇ بوينۇمغا ئېسىپ قوي دىدى.مەن تارتىنىپ تۇرۇپ بوينىغا ئېسىپ قويدۇم.ئۇ رەھمەت دەپ چىقىپ كەتتى. y}#bCRy~.A  
{&K#~[)  
مەن بىر كۈنى سەھەردە 9تال ئەتىرگۈلنى ئۇنىڭغا بەردىم،ئۇنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كېتىۋىدى،مەن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا:خاتا چۈشەنمىگىن مەن ئازاپلىنىدىكەنمەن ،دىدىم.ئۇ ياقەي رەھمەت ،دىدى. Mc76)   
ئۇ مېنىڭ ئىنتايىن بەخىتلىك چاغلىرىم.ئەپسۇس ھازىر تىرىك پېتىم تونۇر كاۋىپى قىلىنىۋاتىمەن. W e9C9)0  
siyJjE)}w  
d@] 0 =Ax  
ھەپتە ئاخىرى ئۆيگە ماڭغىنىمىزدا كۆز قىيمىغان ھالدا خوشلىشاتتۇق.بىر كۈنى ئۇ مەندىن بۇرۇن مېڭىپتىكەن،مەن كەينىدىن ئۇزۇنغىچە ئاستا ماڭغانىدىم،ئۇمۇ ئاستا ماڭدى.مەن ئاستا ماڭساممۇ يېتىشىۋالدىم.ئۇ مېنى يېتىشىۋالسا دەپ شۇنداق ئاستا ماڭغانىكەن. o @&#*3<_e  
ئۇ ماڭا بەك كۆڭۈل بۆلەتتى.مەن ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىدىم.مۇناسىۋىتىمىز شۇنداق تەرەققى قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا يەكەنگە بېرىش ئۈچۈن ماشىنىغا چىقتۇق.مەن يۈك-تاقىلىرىمىزنى باسقىچە ئۇ ماڭا ئورۇن ئېلىپ تۇرغانىدى.مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەكەنگە بادىم.ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىلدىم. ;Iv)J|*  
چۈنكى ،ھەركىم ئۆزى سۆيىدىغان كىشىسىنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشسە ،ئۆزىنى چەكسىز بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ. ^>k[T.  
\[Rh\v&  
ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىپ كەلدۇق،ئارزۇ تولدۇرۇشقىمۇ ئۇ ياردەم قىلدى.تەتىل بولدى.بىزنىڭ سېغىنىشىمىز يۇقىرى پەللىگە يەتتى.ئۇنىڭ ئۆيىگە تىلفۇن قىلىپ ۋاقىتى توغرا كەلسە كۆرۈشتۇق.ئۇ شۇ ئارىدا قەشقەردە تىل تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇدى.بىزنىڭ تۇققىنىمىزنىڭكىگە تىلفۇن قىلاتتى ،بىز كۆرىشەتتۇق. 7,Z%rqf\)  
مەن بىر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا باردىم.ئۇ ماڭا ياڭاق مېغىزى بەردى.بىللە تاماق يىدۇق.ئارىدا مەن قولۇڭنى ئاچقىن دىۋىدىم ئۇ ئاچتى،مەن ئۇنىڭ ئالقىنىغا:مەن سېنى سۈيىمەن، دەپ يازدىم.ئۇ قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى.مەن بىر دوستۇم بىلەن مارال بېشىغا ئىشلىگىلى ېرىش ئۈچۈن پويىز ئىستانسسىغا بېلەت ئالغىلى باردۇق.ھاياتىمنىڭ گۈلىمۇ بىللە باردى.يولدا كېتىۋېتىم بىر گەپنى دەۋېتىپ بىلىشمەيلا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ سالدىم.قويىۋەتكۈم كەلمىدى.ئۇمۇ رەت قىلمىدى.كېيىن ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ،كوچا ئاپتۇۋۇزىغا چىقتۇق.مەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالغانىدىم.ھەتتا پۇل يىغىدىغان ئادەمگىمۇ ئۇنىڭ قولىنى قويىۋەتمەي،سول قولۇمدا پۇل بەردىم.(نۇمۇسسىزلارچە ئەمەس،ئەلۋەتتە باشقىلار كۆرگىدەك ئەمەس) y4M 
  داۋامى بار...ئەگەر قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈك تورداشلار ماڭا ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىشنى توغرا تاپسا تەپسىلاتىنى دەپ بېرەي.بولمىسا ئۆزۈم يازاي.دەردىمنى ئىچىمگە يۇتالمايۋاتىمەن.سۈرە ياسىننى ئارقا -ئارقىدىن ئاڭلاۋاتىمەن.توختىتىپ قويساملا يۈرىكىم ئوتتا كۆيگەندەك ئازاپلىنىۋاتىدۇ
v*]|1q%/  
= #ocp  

گۈلزىبا 2014-06-29 23:27
سالام ئىنىم ! {WFYNEQ[  
چىن ھىسىياتىڭىزدىن  تەسىرلىنىۋاتىمەن ، ئاخىرىنى  پەرەز  قىلىۋاتىمەن . مەنچە  ئۆزىڭىز  يېزىڭ ،يېزىپ  بولۇپ ،تازا  تولدۇرۇپ  نەپەس  ئېلىپ ، ئورنىڭىزدىن  دەس  تۇرۇڭ .... i,* DWD+  
مۇھەببەتسىز  ئىنساننى  ئىنسان  دېگىلى  بولمايدۇ .، ئەمما مۇھەببەتنىڭ  قۇلى  بولۇپ كەتكەن ، مۇھەببەتتىن باشقا  ئويلايدىغان ھىچنىمىسى يوقلارمۇ تازا نورمال ئىنسان ئەمەس. ئالدىمىزدىكى  ھەر بىر ئىش ياراتقۇچىمىزنىڭ سېنىقىدۇر ، بۇ سىناقتىن ئۆتۈشكە ئىرادە كېرەك....

tawpek 2014-07-06 13:53
شۇنچىلىك  چىن تەبىئى  چىقىپتۇ. 51&wH  
I#$u(2.H  
راست گەپنى قىلىش چىن ھىسياتنى ئىپادىلەش  ھەققىدە بىر يىزىقچىلىق دەرىسى ئۆتىمىزغۇ دەيمەن M|Z] B<_x  
6,c yi|s  
مانا بۇ شۇنىڭغا دەل چۈشۈپتۇ، ئۆزىڭىز يىزىڭ، سۆيۆپ ئوقودۇق، كىمنىڭمۇ سىزدەك مۇشۇنداق مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى بولمىغان دەيسىز. Kd^ ._  
~#) DJ  
ياشلىقىمىزنى ئەسلىۋىلىشقا پۇرسەت تەييارلاۋىتىپسىز،  داۋامىغا تەشنامىز


查看完整版本: [-- ئاچچىق ھايات(راست ئىشلار خاتىرىسى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled