查看完整版本: [-- ئەجەل ئايرىدى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ئەجەل ئايرىدى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تىلداش 2014-06-19 14:00

ئەجەل ئايرىدى

ئەجەل ئايرىدى

بۈۋىزۆھرە يارمۇھەممەد(ئوقۇغۇچى)

مېھرىبان ئاتامدىن ئەجەل ئايرىدى،
قان-ياشلار تولدىغۇ ئانام كۆزىگە.
قىسمىتى ئاچچىقكەن، ھىچ چارە يوقكەن،
ئاتامنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە.

بىر قىران ئاتامدىن ئەجەل ئايرىدى،
بۇۋاممۇ، موماممۇ ئاھ ئۇردى بوزلاپ:
«ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى بىز ئىدۇق،بالام،
نەۋىرلەر بولمايتتى سەبى يىتىم»دەپ.

سۆيۈملۈك ئاتامدىن ئەجەل ئايرىدى،
ئۆكسۈشلەر نا ئۈمىد قالدى ھېق تۇتۇپ.
شۇ يىلى ئالتە ياش قەدىمىم تەنتەك،
تۆت ياشلىق سىڭلىممۇ قالدى ھاڭۋېقىپ.

تىۋىنغان ئاتامدىن ئەجەل ئايرىدى،
ئۈمىدىم تېنىدى سەبى دىلىمدا،
ئىزلىدىم ئىزىڭنى، ھىدلىرىڭنى ھەم،
قويغىنىڭ تۇتقىنىڭ قاپتۇ بۇلۇڭدا.

بېقىنغان ئاتامدىن ئەجەل ئايرىدى،
بۇ ھايات يولىدا تەمتىرەرمەنمۇ؟
بالىلىق ئەجرىدە ئۈمىدكە باقسام،
ئانامغا تەسەللىي ئېپ كېلەرمەنمۇ؟

خەيرىيەت، ئاتامدىن ئەجەل ئايرىدى،
پەرۋاسىز قىسمەتلەر قانات قايرىدى.
سەبرىلەر دەقىقلەپ باشىمنى سىلاپ،
ئانامنىڭ باغرىغا ئاستا... باشلىدى.

مەنبە: ھەۋەسكارلار خاتىرىسىدىن

uzqak 2014-06-20 18:41
ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپاسى ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ.ئەجرىڭىزدىن   ئوقۇغۇچىلارمۇ خېلى يېتىشىپ قاپتۇ ھارمىغايسىز. .. سىڭلىمىز  بۈۋىزۆھرە يارمۇھەممەدنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن. داۋاملىق تىرىشىشىغا تىلەكداشمەن!

مىېھرىما 2014-06-20 22:59
بۇ ئۇقۇغۇچنى تەربىيەلەپ قويسا بولغىدەك كەلگۇسىنى شائىرىكەن بۇ

tawpek 2014-07-06 13:46
نەچچىنچى يىللىقنىڭ ئوقوغۇچىسى بولغىيتى؟


查看完整版本: [-- ئەجەل ئايرىدى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled