تىلداش |
2014-06-19 12:28 |
ئاتامغا
ئاتامغا
دىلنۇر ئىبراھىم( ئوقۇغۇچى)
ئاچقىنىمدا كۆز يورۇق دۇنياغا، بېشىڭ كۆككە يېتىپتۇ ئاتا. ‹‹ۋاي، بالام››دەپ سۆيۈپ_سۆيۈنۈپ، مىھىر بىلەن كۈلۈپسەن ئاتا.
تەم-تەم بولۇپ ماڭغان چېغىمدا، يېتىلەپسەن مۈدۈرمىسۇن دەپ. مەدەت بېرىپ قەدەملىرىمگە، ئاسىراپسەن سەن ھەردەم غېمىم يەپ.
سەن قەلبىمنىڭ تاجى_تەختىسەن، سەن بېغىمنىڭ باغۋەنىدۇر ھەم. بۇ جاھاندا قەددىڭ ھەيۋەتلىك، سەن روھىمنىڭ تۈۋرۈكى ئاتا.
سەن بولغاچقا ئائىلىمىزدە، بەخت قۇشىمۇ قەھ-قەھ سايرايدۇ. سېنىڭ كۈلكەڭ ھايات كۈلكىسى، سەن يىغلىساڭ ھايات يىغلايدۇ.
يۈرىكىمدىن كۈيلەيمەن ئاتا، ۋۇجۇدۇمنىڭ گۈلخانى ئاتا. سەن بولغاچقا گۈلخانمەن ئۆچمەس، ھاياتىمنىڭ چوغلانى ئاتا. مەنبە: ھەۋەسكارلار خاتىرىسى |
|