كۆزلىرىڭدە كۆرەلمىسەم ئەكسىمنى
كۆزلىرىڭدە كۆرەلمىسەم ئەكسىمنى
(نىھان) (1) كۆزلىرىڭدە كۆرەلمىسەم ئەكسىمنى، يۈرەك يىغلار ئەسلەپ قىلغان ۋەدەڭنى. يۈرەك نېمە؟! يىغلار زىمىن ئىشەنسەڭ، ئەسلەپ مېنىڭ ساڭا قىلغان ئەھدىمنى.
كۆزلىرىڭدە كۆرەلمىسەم ئەكسىمنى، ماڭا ئالەم قاراڭغۇدۇر گەر بىلسەڭ. يۈرۈگۈمنىڭ تۇنجى ئەزىز مېھمىنى، قانداق ياشاي مېنى ئەمدى سۆيمىسەڭ.
كۆزلىرىڭدە كۆرەلمىسەم ئەكسىمنى، كۆز نۇرۇمدىن ۋاز كېچىمەن، كۆرمىسۇن! تولغىنىمەن ئوتتا كۆيگەن قىل كەبى، يۈرۈگۈمدىن ۋاز كېچىمەن، سەزمىسۇن (2) كۆزلىرىڭدە كۆرەلمىسەم ئەكسىمنى، زىمىستاندا قالدۇرساڭ پاك قەلبىمنى، ئېلىپ كەتسەڭ قوياشىمنى، يازىمنى باھار يەنە كېلەلەمدۇ، ئەزىزىم.
باھار يەنە كېلەلەمدۇ، ئەزىزىم. باھارى يوق گۈل كۈلەمدۇ، ئەزىزىم. جىمى ئالەم گۇۋاھ بولغان سۆيگۈمگە خىيانەتلىك دەل كېلەمدۇ، ئەزىزىم. !
مەنبە: نىھان |