查看完整版本: [-- سۇلتانۋەيسنىڭ ئايدىڭ كېچىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> سۇلتانۋەيسنىڭ ئايدىڭ كېچىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

شەرق 2014-06-18 20:30

سۇلتانۋەيسنىڭ ئايدىڭ كېچىسى

جىمجىتلىق قاپساپ كېلەر،
سۇلتانۋەيىس مازارنى.
ھىرىپ كەتكەن ئاي،
قونۋىلىپ تىرەك شېخىغا.
سۆيمەكتە ئۆلۈكلەر بازارنى.

ئايدىڭ كېچە ئاي تولغان كېچە،
قاغىنىڭ قانىتى يورىدى ۋاللىدە.
چىغىر يۇل، شىۋاقلىق يۇل،
ئاھ، ئوزتۇپ تەنھا قالدىدە.

قارياغاچ ئىچكىرلەپ كەتكەن رۇجەككە.
ئىشىق ئۈتى چۆشتى بۆرجەككە.
قانتىنى كىرىپ قەبىرلەر،
نامە يۇللايدۇ غىرىپ يۈرەككە.
يىغلاپ چىقتى باغرى قان كاككۈك،
يەتكۈزگىن دەپ شىرىن تىلەككە.

بىر ئىرىق سۇ قىيغىتىپ، يەنە قىيغىتىپ.
ئۇيناقشىپ  ئاھ، ئۇيناقشىپ.
سۆيمەكتە تەنھالىقنى .
سۆيمەكتە جىمجىتلقىنى.
دۇئالارغا چىلشىپ ئايدىڭ كېچىدە،
ئېلىپ كېتەر دېڭىزلارغا غىرىپلىقىنى.

ئۆتمۈشكە قايتقىڭ بارمۇ؟
كەلگۈسنى قۇچاقلامسەن ياكى.
‹‹.خان›› دېگەن نام ئونتۇلۇپ كەتتى،
تەپ تەكشى قىرقىلمىز چۆپتەك گۇياكى.

شەيخى يۇق مازار،
كىرىش ئىشكىگە ‹‹ 20كوي›› دەپ يېزىلغان بازار.
جىمجىتلىققا قۇلاق سالغىن.
‹‹ سىغىندىم سىلەرنى ئادەملەر›› دېگەن ئاۋاز.

غۇلجا ناھىيە مازار ئوتتۇرا مەكتەپ
مۇزەپپەر ئالىم


توغراق 2014-06-24 11:05
تەسەۋۋۇرغا خېلى تويۇنۇپتۇ.

توغراق 2014-06-24 11:06
تەسەۋۋۇرغا خېلى تويۇنۇپتۇ.

ئاچچىقگۈل 2014-06-27 13:38
مەشھۇر تارىخىي يالدامىلىرىمىزدىن بىرى--سۇلتانۋەيس مازار ئىدى.  ئەسلەتكىنىڭىزگە رەخمەت!

tawpek 2014-07-05 19:54
بۇ مازار ھەققىدىكى بىرنەچچە تەتقىقات ماقالىسىنىمۇ سىز سۇنغانغۇ دەيمەن

ئالىپ ئەرتۇڭاغا ئىيتىلغان مەدىھيە ئۇ ھەققىدىكى تەتقىقاتتىن بەكرەك تارقالدى

بەلكىم بۇ شىئىرنىڭ خاسىيتىدىنمۇ بولسا كىرەك.

سۇلتان ئۇۋەيىسخاننىمۇ نەزمە ئارقىلىق سۈرەتلەپ ياخشى قىپسىز.

داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇڭ


查看完整版本: [-- سۇلتانۋەيسنىڭ ئايدىڭ كېچىسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled