ھاتەھاتەم |
2014-06-18 18:33 |
كېچە كەلدىم باغىڭغا
كېچە كەلدىم باغىڭغا كېچە كەلدىم باغىڭغا ،مېۋىلەرنىڭ كانىغا ھوسۇن قوشۇپ ھوسنىڭگە ،ئاي سېڭىپتۇ باغرىڭغا،. ئايمۇ خىجىل سوسنىڭدىن، نۇر چاچىدۇ چېھرىڭدىن، خۇش پۇراقلار كېلىدۇ، سەن تېرىغان گۈللەردىن.
كېچە كەلدىم باغىڭغا، جانان سېنى كۆرگىلى، ساڭا ئاشىق بۇ يۈرەك، مۇڭلىرىمنى تۆككىلى، قۇشلار ساڭا مەھلىيا، شۇڭا مۇڭلۇق سايرايدۇ، مەستخۇش بولۇپ تەبىئەت،گۈزەل قىز دەپ تاۋلايدۇ.
ئەدەپ-ئەخلاق باغىدىن سېنى ئىزدەپ تاپارمەن، بارچە گۈللەر ئىچىدىن سېنى ئۈزۈپ قىسارمەن. ھاياتىمنىڭ سەپرىگە سېنى ھەمراھ قىلارمەن، قەھرىتان قىش سۇغاقتا گۇلخان بۇلۇپ يانارمەن.
|
|