ھاتەھاتەم |
2014-06-18 17:32 |
ئاتاقلىق مائارىپچى ھەيدەر سايرانى
ئاتاقلىق مائارىپچى ھەيدەر سايرانى B3`5O[6 ھەردەر سايرانى 1886-يىلى روسىيە فېدېراتسىيەسى قارمىقىدىكى تاتارىستاننىڭ ئوفا شەھرىدە سايرانىلارنىڭ 6-ئەۋلادى،تاتار زىيالىي ئوقۇتقۇچى مىنھاجىتتىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ.ئۇ ئۇفا شەھرىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،ئۇنۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئەينى چاغدا ئۇفادا پەقەت مەدرىسەلەرلا بولۇپ، پەننىي ئالىي بىلىم يۇرۇتلىرى قازانغا جايلاشقان ئىدى.ئۇ 1905-يىلى ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،شۇ مەكتەپتە خىزمەت قىلىدۇ.1905-1907-يىللاردىكى روسىيە ئىنقىلابى ھەيدەر سايرانىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ جەرياندا قازاندا ئۆتكۇزۇلۈپ تۇرىدىغان تۇرلۈك ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ئۇ تاتار خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى ئابدۇللا توقاي بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇلار ئابدۇللا توقاي ئىشلىگەن«ئەلئىسلام»،«يەشىن»(چاقماق)،«يالت-يۇلت»ژورناللىرىدىكى ماقالىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بارىدۇ. z|J_b"u4 1909-يىلى تۇرپان ئاستانلىق مەرىپەتپەرۋەر مەخسۇت مۇھىتى قازانغا بېرىپ، ھەيدار سايرانى بىلەن تونۇشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆز خەلقنىڭ جاھالەت، زۇلمەت تۇمانلىرى ئىچدىكى ئېچىنىشلىق ھاياتى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىپ،خەلقنى جاھالەت، ئوقۇش-ئاقارتىش ئىشلىرىنى يولغا سېلىپ،خەلقنى جاھالەت، زۇلمەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ، مەرىپەتكە باشلاش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ.مەخسۇت مۇھىتىنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ ۋە مەخسۇت مۇھىتىنىڭ تەكلىپىنى كوبۇل قىلىدۇ.ھەيدەر سايرانى ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن بىرقانچە مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر بىلەن،جۈملىدىن ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئائىللىكلەر ئولتۇراق ئۆيىنى سېلىش قۇرۇلىشىدا ياغاچچىلىق قىلىپ يۈرگەنتۆمۇر خەلپە بىلەن تونۇشىدۇ. تومۇر خەلپىنىڭ «تۇرپان يېغىلىقى» ھەققىدىكى بايانلىرى ئۇنى بەك قىزىقتۇرىدۇ. ئۇ تۆمۇر خەلپىگە 1905-يىلى روسىيەنىڭ پىتىرگرات شەھرىدە يۈز بەرگەن«قانلىق يەكشەنبە» ۋەقەسىنى تەپسىلى سۆزلەپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆز سەرگۇزەشتىلىرىنى سۆزلىشىپ،يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ. X,%
0/6*] ئۈرۈمچىدىكى مەرىپەتپەرۋەرلەر ھەيدەر سايرانىنى ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.لېكىن مەخسۇت مۇھىتى يەنىلا ئۇنىڭ تۇرپان ئاستانىغا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرغانلىقتىن،ئۇ 1909-يىلى ئاستانىغا بارىدۇ. ئۇ زامانلاردا ئاستانىدا بىرەرمۇ يېڭىچە مەكتەپ يوق بولۇپ، ھەممەيلەن دىنىي ئولىمالارنىڭ ئاغزىغا قارايتى. شۇڭلاشقا خەلقنى ئاقارتىش ۋە مەدەنىيەتكە باشلاش،يېڭىچە مەكتەپ ئېچىش ھە دىگەندە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. ھەيدەر سايرانى دەسلەپ مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ ۋە تۇققانلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتىدۇ. e2Pcm_Ahv* ئۇ ياز كۈنلىرى ئۈرۈمچىگە چىقىپ دەم ئالىدۇ.1913-يىلى ئۈرۈمچىگە كەلگىنىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان پەرزەنتى، ئۆزىنىڭ سىرداش دوستى تۆمۇر خەلپە پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلىدۇ.ھەيدەر سايرانى بۇ شېھىتنىڭ نامىزىغا قاتنىشىپ،ئۆز قۇلى بىلەن يەرلەپ ئاستانىغا قايتىدۇ. a5^]20Fa سەۋرىچانلىق بىلەن زېرىكمەي،تېرىكمەي ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىق، تەربىيە نەتىيجىسىدە،مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئائىلىسىدە ئوقۇشنى تەلەپ قىلغۇچى بالىلار تەدرىجىي كۆپىيىشكە باشلايدۇ.ئاىىرى ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندىكى ئىلغار زاتلارنىڭ بولۇپمۇ مەخسۇت مۇھىتىنىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەپتىن يولىشى بىلەن 1913-يىلىئاستانە مەدرىسە يېنىغا كۈنگەيگە قارىتىپ ئەينەك دەرىزىلىك، ئاستى-ئۈستى تاختايلىق بىر سىنىپلىق مەكتەپ سېلىندى. Lg+Ac5y}` مەكتەپنىڭ دەرس پروگرامملىرى ئاساسەن قازان مەكتەپلىرىگە ئوخشاش بولۇپ،ئانا تىل، ھېساب.جۇغراپىيە،تارىخ، تەبىئەت، ئەسرى سائادەت(پەيغەمبەرلەر تارخى)،تەنتەربىيە ۋە شېئىر قاتارلىق دەرىسلەر ئۆتىلىدۇ. گەرچە مەكتەپ ئېچىلىپ ئوقۇش رەسمىي يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، يەرلىك مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ قارشىلىقى توختىمايدۇ. چۈنكى، ئىجتىمائىي ۋە تەبئىىي پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى مەدەنىيەت، يېڭى ئىلىم، شىنجاڭنىڭ فېئودال كونا مەدىنيىتى ۋە كونا ئىلىمىگە قارشى ئىدى.ھەيدەر سايرانى زور تىرىشچانلىقلار بىلەن ئوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇردى. ?!:ha;n 1914-يىلى ھەيدەر سايرانى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، ئۇرۇق-تۇققان، يارۇ-بۇرادەر ۋە بەزى ساۋاقداشلىرى بىلەن كۆرىشىدۇ.ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلەشكە دەۋەت قىلىدۇ. B]wk+8SMY. 1917-يىلى ئاستانىغا مەخسۇت موھىتىنىڭ موسكىۋادىكى نۇرغۇن پۇللىرىنى ئۆتكۈزمەيۋاتىدۇ، دېگەن خەۋەر كېلىدۇ. مەخسۇت مۇھىتى بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، موسكىۋاغا ھەيدەر سەيرانىنى بىللە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار بۇ نۆۋەت موسكىۋا،قازان،ئۇفا،تاشكەنت،سېمپالاتنىسك قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ،ئەھۋاللارنى كۈزىتىپ، يېڭىلىقلارنى ئۆگىنىدۇ. شۇنداقلا شىنجاڭغا ئەكىلىشكە ئادەم ئىزدەيدۇ ۋە ئۇ يەرلەردىن مۇھىببۇللا ئەپەندى، گۈلەندەم ئابىستاي، خىسام باۋىن ، خەسەن فەھىمى، ئەلى ئىبرايىم، شاھى شەرەپ قاتارلىق ئالتە نەپەر مۇنەۋۋەر تاتار ئوقۇتقۇچىسىنى شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىدۇ.ئۇلار1917-يىلدىن1919-يىلغىچە شىنجاڭغا كېلىپ بولىدۇ.ئويلىشىلغان پىلان بويىچە، مۇھىببۇللا ئەپەندى بىلەن ئايالى گۈلەندەم ئابستاي ئاستانىغا، ئەلى ئەپەندى تۇرپانغا، خەسەن فەھىمى بىلەن شاھى شەرەپ لۈكچۈنگە،خىسام گۇچۇڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.ھەيدەر سايراننىڭ يېڭى مەكتەپلەرنى ئېچىپ خەلقنى مەدەنىيەت يولىغا باشلىغىنىدىن خەلق ئاممىسى سۆيىنىدۇ ۋە ئۇ يۇقىرى ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ.كىيشلەر ئۇنى يۇرتىغا كەتسە ،كەلمەي قالارمۇ؟دېگەن ئەندىشە بىلەن ئۇنى ئۆيلەپ قويماقچى بولىدۇ،جامائەت ئۇنىڭغا خىزمەت ئىشلەپ،1917-يىلىئاستانىلىق باھاۋۇدۇن ئاكىنىڭ قىزى ئايخانغا ئۆيلەپ قۇيىدۇ. :r,pqnH_ ئاستانە مەكتەپنىڭ 1- قارار ئوقۇغۇچلىرى1917-يىلى ئوقۇشنى تاماملايدۇ. بۇ قاراردا ئابدۇروسۇل ئابدۇقەيۇمى،مۆمىن ئەخمەت،شاۋۇدۇن ئەپەندى،مۆمىن ئىمىنھاجى،دۇگامەت خۇدىيار،قۇربان سەھىدى،ھەۋەيدۇل توختىھاجى،ئابدۇللا پەرسا، ئابباس نەجىمى،ئەخمەت نەزەرى قاتارلىق40نەچچە ئوقۇغۇچى ئوقۇغان ئىدى.ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندېن كېيىن،شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەدەنىيەت-ئمائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ،خەلقنىڭ ئاڭ سەۋيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش،شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە چوڭ تۆھپىلەرنى يارىتىپ،ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان.1917-يىلغا كەلگەندە ئاستانىدىكى مەكتەپ كىچىكلىك قىلىپ قالدى.يرڭىچە ئوقۇشنى تەلەپ قىلغۇچىلار كۆپەيگەچكە،مەكتەپنى كېڭەيتىپ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەخسۇت مۇھىتىنىڭ قورۇسىنىڭ قارشىسىدىكى بوش يەرگە دېرىزىلىرىنى كۈنگەيگە قارىتىپ،ئاستى-ئۈستى تاختايلىق سىنىپلار سېلىنىدۇ. سىنىپ ئىچى دوسكا،پارتا ۋە ئوقۇش قۇراللىرى بىلەن جاھازلىنىدۇ. يەنە بىر مەكتەپ سالىدۇ.بۇ مەكتەپ قوراسىدا كۆل بولۇپ ئەتراپى دەرەخ بىلەن ئورالغان. مۇھببۇللا ئەپەندى بىلەن ئايالى گۈلەندەم ئابىستاي1918-يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ مەكتەپتە ھەيدەر ئەپەندى بىلەن بىرگە دەرس ئۆتۈشكە باشلايدۇ.1919-يىلى 18-دېكابىردا ھەيدەر سايرانى بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر قويىدۇ.بالا تۇغۇلۇپ ئالتە ئايدىن كېيىن بەخىتكە قارشى ئانىسى ئايخان ئايلا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇيغۇرنى چوڭ ئانىسى مەڭلىك قىز بىلەن ھەيدەر سايرانى ئۆزى باقىدۇ.ھەيدەر ئەپەندى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتكەندېن كېيىن ئابدۇللا پەرسا قارايدۇ. ھەيدەر سايرانى1920-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ياڭخاڭغا سېلىنغان يېڭى مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ھەيئىتى بولىدۇ.شۇ يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى قۇرۇلىدۇ ۋە ھەيدەر ھايرانى ئىنسىپىكتورلۇق ۋەزىيپىسىگە تەيىنلىنىدۇ. =o(5_S.u; 1922-يىلى ھەيدەر سايرانى ئۈرۈمچىدە مەخپىي تەشكىللىگەن ئالغار ياشلار تەشكىلاتىغا قاتنىشىدۇ. بۇ تەشكىلاتتا بۇرھان شەھىدى، لۈكچۈنلۈك تايىر بەگ، تۇرپان ئاستانىلىق مەخسۇت مۇھىتى ،قەشقەرلىك كېرەم چوڭ ھاجى،بايلىق ئايۇپ، تۇرپانلىق يۇنۇس بەگ، ئالتايلىق شەرىپقانلار بار ئىدى. nnEgx;Nl0 1925-يىلى ھەيدەر سايرانى ئۈرۈمچىدە بۇرھان شەھىدىنىڭ سىڭلىسى زەينەپ بانۇ بىلەن توي قىلىدۇ.ئاستانىدىن ئوغلى ئۇيغۇرنى يېنىغا ئالدىرىدۇ.
(N6i4
g6 1928-يىلى ھەيدەر سايرانى خوجىنىياز ھاجى بىلەن تاسادىپىي ئۇچرۇشۇپ تونىشىدۇ.كېيىن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەردە بولۇپ،ئۇنىڭ بىلەن ئىنقىلاپ توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدۇ. KP^V>9q 1931-يىلى ئەتىيازدا قۇمۇلدا دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆترىدۇ.ھەيدەر سايرانى بۇنى جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگە قارشى ئومۇمىي قوزغۇلاڭ كۆترۈشنىڭ ئوبدان پەيتى،دەپ ھېساپلاپ،قەشقەر تۇرپان،لۈكچۈن،ئالتاي،چۆچەك قاتارلىق جايلاردىكى تەشكىلات ئەزالىرىۋە ئۈرۈمچىدىكى جاۋ دېشۇ،تاۋ مىڭيۇ قاتارلىق ھەر مىللەت ئىلغار ياشلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ،يوشۇرۇن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. xC:L)7#aw ھەيدەر سايرانى قۇمۇل قوزغىلىڭىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە ئورنۇتۇپ، ئۇلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ. قۇمۇل قوزغۇلاڭچىلىرىنى بېسىقتۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاق ئورۇس ئارمىيىسىنىڭ گېنرالى مېزگىن ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىشىدا:« قۇمۇللۇقلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ قۇرسۇقىدىكى بالىلىرىغىچە قىرىپ تۈگۈتىمەن»دەپ ۋەدە بېرىدۇ.ھەيدەر سايرانى ئۇنىڭ يولغا چىقىنىنى قۇمۇلغا يۇقۇرقى سۆزىنى قوشۇپ خەۋەر قىلىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولغان قوزغۇلاڭچىلار ئۇلارغا يولدا قاھشاتقۇچ زەربە بېرىدۇ. مېزگىن قۇمۇلغا يېتىپ بارمايلار يولدا ئۆلىدۇ.1934-يىلى8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلىدۇ. ھەيدەر سايرانى ئۇيۇشما تەركىبىدىكى نەشىريات باشقارمىسىغا مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىيئەدەبىي ھەپتىلىك«يرڭى شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ1-سانى1935-يىل1-ئاينىڭ25- كۈنى نەشىر قىلىنىدۇ. :{v#'U/^ ھەيدەر سايرانى 1938-يىلى ئاپرېلدا قولغا ئېلىنىپ، مال-مۇلكى مۇسادىر قىلىنىدۇ.1943-يىلى57 يېشىدا چېن تيەنچۇ،ماۋ زېمىن قاتارلىق كوممۇنىسىتلار، ئىلغار زاتلار بىلەن بىر قاتاردا ئۈرۈمچىدە ئىككىنچى تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ. {hjhL: pg مەنبە: «شىنجاڭ يىقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر»ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى. !u[9a;Sa# (شېرىپ نىياز خۇشتار) '~ .
B9iLI
|
|