查看完整版本: [-- توغراق :كۆزلىرىڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> توغراق :كۆزلىرىڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

توغراق 2014-06-18 14:47

توغراق :كۆزلىرىڭ

كۆزلىرىڭ
ئابدۇۋەلى تۇردى

نېمە ئۈچۈن قاراپ قالدىم كۆزۈڭگە،
قارىدىميۇ بىر ئوق تەگدى يۈرەككە.
ئەنە شۇندىن بېرى ھالسىز يۈرۈيمەن،
ئوخشاپ گويا ئوۋچى ئاتقان كىيىككە.

بىناۋامەن شۇندىن بېرى مۇڭلىنىپ،
كېچىلىرى ئۇيقۇم كەلمەس تولغىنىپ.
ياكى سەن بىر ماھارەتلىك ئوۋچىمۇ؟
ھېچ بىلمىدىم قالدىم قانداق ئوۋلىنىپ؟
(ئاپتۇر:ئونسۇ ناھىيە 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە)

تىلداش 2014-06-18 15:56
‹‹گۈزەللەرمۇ بار بۇ يۇرتلاردا،
‹گۈپ!› قىلىپ_سۇ بىلەن يۇتۇۋەتكۈدەك.
كۆزلىرى بىلەن ئەسىر قىلىپ،
كىرپىكى بىلەن ئېتىۋەتكۈدەك.»

گۈلنىھال 2014-06-18 19:57
ھېچ بىلمىدىم قالدىم قانداق ئوۋلىنىپ؟
كۆيدى يۈرەك ھېجرانىڭىدا تاۋلىنىپ .
مەن يۈرەرمەن قاچانغىچە تولغىنىپ ،
جفۋاب بەرگىن ئەي نىگارىم ئويلىنىپ ...

توغراق 2014-06-19 00:15
رەھمەت سىزگە، مەزمۇن تېخىمۇ تولۇقلىنىپتۇ! ماڭىمۇ بىر گەپ كەم قالغاندەك بىلىنگەنتى، ئەمدى تولۇق بوپتۇ.

tawpek 2014-07-05 19:38
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. مۇشۇ مەزمۇندا مۇشائىرە باشلىسىڭىزمۇ بولغۇدەك


查看完整版本: [-- توغراق :كۆزلىرىڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled