查看完整版本: [-- يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-06-18 12:11

يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

   qDRNtFa  
       يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش S5~`T7Ra  
psIkG0 &  
^:4L6  
                                           رۇقىيە قادىر 8 7RHA $?  
;/@?6T"  
f49"pTw7  
           (پەيزاۋات ناھىيىلىك قوش تىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ) w`L~#yu  
g 
4|nQ=bIau  
قىسقىچە مەزمۇنى : CN7 k?JO<  
  بۇ ماقالىدە يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كىيىنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بەزىبىر ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرى «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر» قاتارىدىكى توققۇز توپلام ئاساس قىلىنغان ھالدا تەھلىل قىلىنىدۇ. #2\8?UPd  
U,PZMz`2j  
I vYDSu.C@a  
   يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى باشقا ئەدەبىى ژانىرلارغا ئوخشاشلا گەۋدىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. قىسقىلا ئون يىل ئىچىدە نەچچە ئون پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى. مەيلى ئايرىم شېئىرلار ھەققىدە ياكى مەخسۇس بىر شائىر ھەققىدە بولسۇن ۋە ياكى شېئىرىيەت ھادىسلىرى ھەققىدە بولسۇن، شېئىرىيەتكە ئائىت خېلى كۆپ تەتقىقات نەتىجىلىرى بارلىققا كەلدى. UP\C"\  
  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يۈز بەرگەن يېڭىچە شېئىرىيەت ھەققىدىكى زور داغدۇغا، قىزغىنلىق، قاينام – تاشقىنلىق يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان پەسكويغا چۈشۈپ، جىمىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ  شېئىرىيەتنىڭ مەغلۇبىيىتى بولماستىن، ئەكسىچە، بۇ دەۋردىكى شېئىرىيەتنى تاللاش ۋە شاللاشتىن ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ بەلگىلىك تەرەققىيات يولىنى بەرپا قىلغان دەۋر دىيىشكە بولىدۇ. پېشقەدەم شائىر ۋە تەرجىمان ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىنىڭ ئېيتىپ ئۆتكىنىدەك «ھەممە ئادەم شېئىر يازىدىغان، شېئىر ئوقۇيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىققان ۋاقىتنىڭ ئۆزى دەل شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ گۈللىنىش سۈپىتى ئادەمنى گۇمانلاندۇرىدىغان دەۋر ھېسابلىنىدۇ.»① ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى شېئىرىيەت ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشقان ئادەم سانى كۆپ، داغدۇغىسى زور، قىزغىنلىق يۇقىرى بولغان بولسىمۇ يەنىلا نۇرغۇن كەمچىلىكلەردىن خالى بولالمىغان، ئۇتۇقلىرى ئۇنچە زور بولمىغان ئىدى. 6O9iEc,HM  
يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئىجادىيەت قوشۇنى سەرخىللاشتى، بىر مەزگىل  «جىمىپ قېلىش» تىن كىيىن بىر قاتار مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. RdgVB G#Z1  
  شائىرلارنىڭ ئالدىنقى ئەسىردىكى شېئىرىيەت يېڭىلىقلىرىنىڭ تەجىرىبە- ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، ئىزدىنىش ئىچىدىن يېڭىچە يول تېپىشى، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىجادىيەت جۇغلانمىسى ئاساسىدا بەلگىلىك ھوسۇلغا ئېرىشىشى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىغا قارىتىلغان ياخشى سىياسەتلەر قاتارلىق ئاكتىپ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە يېڭى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئون يىلىنىڭ سەمەرىسى سۈپىتىدە، بىر تۈركۈم شېئىر توپلاملىرى نەشىر قىلىندى. e 8,{|a  
2010- يىلنىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە بولغان قىسقىغىنە بىر مەزگىلنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، «بەڭباش ئېلھاملار»(ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر قەشقىرى)، «يۈرەك يىلتىزى»(ئەكبەر نىياز پەتتارى)، «ياشلىق ئېلھاملىرى»(ئەزىز مۇھەممەت شەمسى)، «توغراق يېشى، توغراق سۇلىرى»(ئابدۇللا سۇلايمان)، «گۈلگە باقسام»(ئامىنە دۆلەت)، «ئارمان ئۇپۇقى» (نىياز ئىمىن قۇربانى)، «ياشلىقىمدا يېزىلمىغان شېئىرلار»(تۇرسۇن نىياز)، «زۇمرەت چەشمىلەر»(ئۇچقۇنجان ئۆمەر)، «ئۆمۈر چېچەكلىرى»(توختاش نىياز)، «ھايات ھېسلىرى»(ئابلىز ئۆمەر) قاتارلىق پېشقەدەم شائىرلارنىڭ 80- 90- يىللاردا يازغان شېئىرلىرى توپلىنىپ يېڭىدىن نەشىر قىلىندى. "V4Q2T T  
   مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرى «ئۇمۇ بىر ئانا»، «باھار يامغۇرى»، «ياخشىلارغا خۇشتار بۇ ئالەم»، «مۇھەببەتمۇ پەرۋىشكە موھتاج»، «ئاي سېنىڭدەك بولسىچۇ»، «كۈلكە ۋە كۆز يېشى» قاتارلىق ئالتە توپلام بولۇپ نەشىردىن چىقتى. ic E|.[  
  «تاشقا سۆزلەۋاتقان ئادەم»(ئادىل تۇنىياز)، «قىشتىكى خامان» (ئابدۇقادىر جالالىدىن)، «يارغا ئاتالغان شېئىرلار»، «ئىككىنچى يارىلىش»(ئابىلجان ھېيىت)، «يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار»(گۈلباھار ئەزىز)،«ئۆچمە سۆيگۈم»(ئەنۋەرجان سادىق كۆكنۇر)، «سېرىق ئەتىرگۈل»(ياسىن ئىسمايىل ئەلتىرەش، رەشىدە سىيىت)، «فېۋرالنىڭ چۈشى»(رۇقىيە ئابدۇللا)، «مەن ياشايمەن پەقەت سەن ئۈچۈن»(ھاجىرە قاسىم)، «يۇرتۇم كۈيلىرى» (داۋۇتجان سەيدىن)، «يېرىم ئاسمان» (مۇختار مەخسۇت) ، «ساقاللىق دەرەخ» (زاھىر ئابدۇراخمان)، «جۇلالىق تاڭلار» (مۇھەممەتتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال)، قاتارلىق ياش ۋە ئوتتۇرا ياش شائىرلارنىڭ توپلاملىرى ئارقا- ئارقىدىن نەشىر قىلىنىپ، شېئىرىيەتتە گۈللىنىش مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. $Jp ~\_X  
  ئۇنىڭدىن باشقا «ئارمان ئۇپۇقى»(تەخمىسلەر) (نىياز ئىمىن قۇربانى)، «جۇلالىق تاڭلار»(سونىتلار)، (مۇھەممەتتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال)، «مىڭ بىر رۇبائىي»(رۇبائىيلار)، (ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن) غا ئوخشاش شېئىرىيەتنىڭ مەخسۇس بىر ژانىرىدىن تەشكىل تاپقان شېئىر توپلاملىرىمۇ بارلىققا كەلدى. O$qtq(Q%  
  يەنە بىر خۇشاللىنارلىق ئىش شۇكى، «شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆز- ئارا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ تۈرتكىسىدە نەشىر قىلىنغان 50 پارچە ئەسەر ئىچىدە ئىمىن ئەھمىدىنىڭ «ئوتقا تۇغۇلغان بالا»، پەرھات ئىلياس تۈزگەن «چەتئەل شېئىرلىرى I»، «چەتئەل شېئىرلىرى II» ۋە «‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى› غا ئېرىشكەن ئەسەرلەردىن تاللانما: شېئىرلار» قاتارلىق تۆت پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى. بۇ گەرچە ئوخشاش ۋاقىتتا نەشىر قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئومۇمى سانى ئىچىدە بەك كۆپ سالماقنى ئېگەللىمىسىمۇ، شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىكى ئەينەك بولۇپ قالدى.     ^gOww6$<  
  شېئىرىيەت تەرجىمىسى ساھەسىدە مۇختەر مەخسۇت، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىقلارنىڭ  تەرجىمە شېئىرلار توپلاملىرى نەشر قىلىندى.   <~{du ?4n  
        II         ?[)yGRzO2  
  يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان شېئىرىيەت ھەققىدىكى تەتقىقاتلار خېلى گۈللىنىپ بەلگىلىك كۆلەم ھاسىل قىلدى. بۇ تەتقىقاتلارنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ: >{5 p0  
بىرىنچى، يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدە ماگىستېرلىق ئىلمىي ماقالىلىرى يېزىلىپ، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنىڭ مەلۇم يۈزلىنىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈردى. %2"J:0j  
  مىسال ئۈچۈن كۆرسىتىپ ئۆتىدىغان بولساق،  ئايسىمە ئىدرىسنىڭ « يېڭى ئەسىر ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ  شېئىرىيەت ئىجادىيىتى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ماقالىسىدە « يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كىيىنكى ئون يىل جەريانىدىكى ياش شائىرلارنىڭ شېئىرىيەت سەھنىسىدىكى ئورنى، ئىجادىيەت ئەھۋالى، ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت نەزەرىيە مەنبەلىرى، ئىجادىيەتتىكى ساقلانغان مەسىلىلەر  ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلۇپ، ياش شائىرلارنىڭ بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ياش شائىرلارنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ھەر قايسى ژورناللار، ياش شائىرلارنىڭ توپلاملىرىدىن كونكىرىت مىساللار ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى يورۇتۇپ بېرىلگەن. يەنە، ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق ياش شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى يېتەرسىز  تەرەپلەر مەزمۇن، شەكىل نۇقتىسىدىن كۆرسىتىلىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا  تەھلىل ئېلىپ بېرىلغان. ئاخىرىدا ياش شائىرلارنىڭ شېئىر توپلاملىرى كاتولوگى بېرىلىپ، يۇقىرىقى يورۇتۇلغان مەزمۇنلارغا قارىتا چۈشەنچە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان.»② بۇ يېڭى ئۇيغۇر شېئىرىيتى ھەققىدىكى بىر قەدەر يىرىك ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. `G!M>h@  
  مۇنىرىدىن شەمسىدىننىڭ «ئۇيغۇر يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىدىكى ‹گۇڭگا شېئىرلار›ھادىسسى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ماقالىسىدە گۇڭگا شېئىرنىڭ مەيدانغا كېلىش جەريانى، بېسىپ ئۆتكەن يوللىرى، نەزەرىيىۋىي ئاساسلىرى، گۇڭگا شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى، گۇڭگا شېئىرلارنىڭ تېما، مەزمۇن، تىل ۋە شەكىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى تەتقىق قىلىندى. Gb2L }  
ئۇنىڭدىن باشقا سۇلايمان قەييۇمنىڭ ياش شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىنى تەتقىق قىلىپ يازغان ماقالىسى، ئابدۇۋەلى ئەيسانىڭ شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ھەققىدىكى ماقالىلىرى شېئىرىيەت تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ئىلمىي ئەمگەكلەردىن بولۇپ قالدى. Y$ 
  ئىككىنچى، شېئىرىيەت ھەققىدىكى تەتقىقات خاراكتىرىنى ئالغان كىتابلار ۋە ئايرىم ماقالىلەر توپلاملىرىدىكى شېئىرىيەت تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ماقالىلەر،  مەسىلەن: ئىمىن تۇرسۇننىڭ «شېئىر ۋە شائىر»، بۇغدا ئابدۇللانىڭ «شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق»، «شېئىر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ»، مۇھەممەد شاۋۇدۇننىڭ «شائىرلىق كوچىسىدا»، مۇھەممەد رەھىمنىڭ «شېئىرىيەت ۋە تەسىرات» قاتارلىق كىتابلىرى مەخسۇس شېئىرىيەت تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان كىتابلار بولۇپ، يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەردە مۇھىم رول ئوينىدى.  ئادىل تۇنىيازنىڭ «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر»، پەرھات ئىلياسنىڭ «غالىپ تەشۋىشلەر» قاتارلىق توپلاملىرىدىكى شېئىرىيەت ھەققىدىكى ماقالىلەر مەيلى شۇ شائىرنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتتا بولسۇن، ياكى ئۇيغۇر شېئىرىيتىدىكى ئايرىم شېئىرىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە بولسۇن، ئەتراپلىق مۇھاكىمىلەر يۈرگۈزۈلگەن ماقالىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھاجى ئەھمەت كۆلتېگىننىڭ «قالدى ئىز يۇلغۇن قىزارغان دالىدا» ناملىق كىتابىغا ئۇنىڭ شېئىرىيەت ھەققىدىكى ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن. 'yY>as  
  ئۈچىنچى، ھەر قايسى ئەدەبىي ژۇرناللاردا قىسقا شېئىرلار ھەققىدىكى ئوبزورلار يېزىلىپ بەزىلىرى شۇ ساننىڭ ئۆزىدە شېئىرغا يانداشتۇرۇپ، بەزىلىرى كىيىنكى سانلاردا ئېلان قىلىندى. مەسىلەن، ھەزرەتئىلى ئەلى يازغان «شېئىر شائىرنىڭ قەلب تارىخى»(غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ «مەن چۈشۈمدە كۆردۈم تولۇنئاي» ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرى ھەققىدە) ، «‹قۇملار جىلۋىسى› نىڭ جىلۋىدارلىقى نەدە؟»(مۇتەللىپ مۇھەممەد خۇرسەندىنىڭ «قۇملار جىلۋىسى» ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرى ھەققىدە) ،  ئابدۇرېھىم زۇنۇن يازغان «قىسمەن شېئىرلاردىكى مەنتىقىسىزلىق ھەققىدە»، ئايسىمە ئىدرىس يازغان «تۇيغۇ بىلەن تۇيغۇ ئارىلىقىدا»(«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010- يىللىق 1- سان «شېئىرىيەت گۈلزارى» دىكى شېئىرلارنى ئوقۇپ) قاتارلىق ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى شېئىرلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرسە، بەزىلىرىدە نۇقسانلار كۆرسىتىپ بېرىلدى. گەرچە بۇ ئوبزورلارنى پروزا ئەسەرلىرىگە يېزىلغان ئوبزورلارغا سېلىشتۇرغاندا سان جەھەتتىن تولىمۇ ئاز بولسىمۇ، ئەمدىلەتىن گۈللىنىشكە باشلىغان شېئىرىيەت ئوبزورچىلىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ياخشى يۈزلىنىش دىيىشكە بولىدۇ. }Fa%%}  
  تۆتىنچى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات كىتابلىرى يېزىلدى. ئالاھىدە كۆرسىتىشكە تېگىشلىكى، قاۋسىلقان قامىجاننىڭ «مانا بۇ بۇغدا»، «ئەل قەلبىدىكى تېيىپجان ئېلىيىف» ناملىق كىتابلىرى ۋە تېيىپجان ئېلىيىف ھەققىدىكى بىر قاتار تەتقىقاتلىرى مۇھىم سالماقنى ئېگىلەيدۇ. روزى سايىت ھەققىدە، مۇھەممەتجان راشىدىن ….. قاتارلىقلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتمۇ گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنە ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ «‹خىيال› ئەمەس، ئەينەك»(ئابدۇرېھىم زۇنۇننىڭ «بۇلاققا سىرداش خىياللار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ھەققىدە) ، سادىر تۇرسۇننىيازنىڭ «شېئىر بىلەن يۇغۇرۇلغان ھايات»(پېشقەدەم شائىر ئابدۇغېنى سىيىتنىڭ ئىجادىي ھاياتى توغرىسىدا) قاتارلىق ماقالىلىرى بۇنىڭغا جانلىق مىسال بولالايدۇ. ?o*I9 [Z)  
بەشىنچى، تور ئەدەبىياتىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە توردىكى شېئىرىيەت تور ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ژانىرى سۈپىتىدە قاينام- تاشقىنلىق مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى. بۇ شېئىرلارنىڭ سەۋىيىسى ھەققىدە بىر نەرسە دىيىش قىيىن بولسىمۇ، سانى تەسەۋۋۇردىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى. تور ئەدەبىياتىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ يىشى ئومۇمەن 40 ياشتىن تۆۋەن بولۇپ ياشلارنى ئاساس قىلغان بولغاچقا، ياشلارنىڭ ھېسسىياتچان، ئوت يۈرەك، قىزىققان بولۇشتەك پىسخىكىسىغا ماس ھالدا تەبئىيلا ئۇلار شېئىرنى كۆپرەك يازىدىغان ھەم ياشلىقتىكى مۇھەببەتنى كۆپرەك يازىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. ھەتتا  توردا «شېئىر يازمايدىغان ئادەم يوق» بولۇشتەك تەسىرات پەيدا بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە تور ئەدەبىياتىنىڭ «قىسقا، تېز» بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىمۇ شېئىرىيەتنىڭ تور ئەدەبىياتىدىكى ئاساسلىق ژانىر بولۇشىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، تور ئەدەبىياتىدا شېئىرىيەت باشلامچى ئورۇندا تۇردى. توردىكى شېئىرىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، كەمچىلىكلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ئەلۋەتتە يۇقىرى سەۋىيە، تەتقىقات ئىقتىدارى تەلەپ قىلىدىغان ئىش. مەزكۇر ماقالىنىڭ بىر بۆلىكىدە قىسقىلا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش يېتەرلىك بولمايدۇ ئەلۋەتتە، شۇڭا  توردىكى شېئىرىيەت ھەققىدە كۆپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشتىن كۆرە نۆۋەتتىكى ئەھۋالنى ئومۇملاشتۇرۇپلا دەپ ئۆتۈپ كىتىشنى لايىق كۆردۈم. {X~ gwoz  
  شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش كېرەككى، توردىكى شېئىرىيەت ئوبزورچىلىقىدا ھەزرەتئېلى ئېلى نامىدىكى بىر يۈرۈش «مىكرو ئوبزور» لار مەيدانغا كېلىپ، چەتئەل تەرجىمە شېئىرلىرى ۋە ياش شائىرلارنىڭ ئىجادىي شېئىرلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەھلىلىنى، چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاھىدە بىر مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ بىر تەرەپتىن «مىكرو ئوبزور» نى نەزەرىيىۋى، ئىلمىي نۇقتىدىن شەرھلەشنى تەقەززا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن تور ئەدەبىياتىدىكى بىر قىزىق نۇقتا بولۇپ، بەلگىلىك كۆلەم ھاسىل قىلىشى، (ھازىرغىچە يېزىلغىنى 40 پارچىدىن ئاشتى) ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەھلىللەرنىڭ قايىل قىلارلىق، ئەتراپلىق بولۇشى، يېڭى پىكىرلىرى بىلەن بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولدى. 5/MKzoB  
  ئالتىنچى، يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان «يېڭىچە شېئىرىيەت» نى ئاساس قىلغان ھالدىكى  نەزەرىيىۋى ماقالىلار ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ، ئۆتكەن ئەسىردىكى شېئىرىيەت ھەركىتىگە دېئاگنوز قويۇلۇپ، يېتەرسىزلىك ۋە ئۇتۇقلىرى خۇلاسىلەندى.  بۇنىڭدا يەنىلا پىشقەدەملەرنىڭ يېتەكچىلىك، ياشلارنىڭ ئاۋانگارتلىق رولى جارى قىلدۇرۇلدى. مامبەت تۇردىنىڭ «گۇڭگا شېئىر ھادىسىسى»، مۇھەممەد چاۋارنىڭ «شېئىرىيەت ئىستېتىكىسى»، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئىستېتىك ماكان قارىشى» قاتارلىق شېئىرىيەت ھەققىدىكى بىر قاتار ماقالىلىرى، ئىمىن تۇرسۇننىڭ «يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ بەزى يېڭىلىقلىرى»، ئىمىن ئەھمىدىنىڭ «شېئىر ۋە ئۇنىڭ تىلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم» قاتارلىق ماقالىلەر بۇ ھەقتىكى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئېگە مۇھىم ماقالىلەر بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئايسمە ئىدرىس، ئابدۇمىجىت مۇھەممەت، ھەزرەتئېلى ئېلى، ئابدۇرىشىت مۇھەممەتئىمىن قاتارلىق ياش تەتقىقاتچىلار شېئىرىيەت ھەققىدىكى تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشقا بەلگىلىك تۆھپە قوشتى. BU|#e5  
  تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ سۈپىتى ئۆسۈپ، بىر قەدەر ياخشى تەتقىقات كەيپىياتى شەكىللەندى. NZ0O,} m  
يەتتىنچى، ئوسمانجان ساۋۇت، ئابدۇرېھىم ئابدۇللا، نەسرۇللا ئابلەت …. قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇھىم ماقالىلەر ئوقۇلۇپ، ئۇلارنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىلدى. zfA GtT <  
III @p6 
  يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى يەنە بىر نەتىجە «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئاتاقلىق شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر»، (ئون توپلام) «يېڭى دەۋر ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر»(ئون بەش توپلام) ۋە «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر» (توققۇز توپلام) نىڭ نەشىر قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر نەشىرىياتچىلىقى ساھەسىدىكى بىر كاتتا ئىش بولۇپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە يۈرۈشلۈك شېئىرلار توپلىمى بولماسلىقتەك ئەھۋالغا خاتىمە بەردى. بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر» ھەقىقىي تۈردە يېڭى ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بىر شانلىق سەھىپىسىنى نامايان قىلدى. بۇ توپلاملار بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ۋەكىللىك ئورۇن تۇتىدىغان ياش شائىرلارنىڭ ۋەكىللىك شېئىرلىرىدىن تاللاپ تۈزۈلگەن بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىمى يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان يېزىلغان. بۇ توپلاملار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: #S]ER907  
"pP^*9FrA  
※           ※ F8:vDv  
1. ئابدۇرېھىم ئابدۇللاـــــ «ئاھ، ئاتىلار». بۇ ئۆزىگە خاس ئاۋازى، ئۆزىگە خاس مەردانە چۇقانى بىلەن  كىتابخانلارنى سۆيۈندۇرۋاتقان شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ يۈكسەك ئەنئەنە سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلغان ۋەكىللىك شېئىرلىرىدىن تاللاپ تۈزۈلگەن. بۇ توپلامدىكى شېئىرلار ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى نامايەندىسى بولۇپ، بىز بۇنىڭدىن ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرىيەتنىڭ يارقىن ۋە ئاھاڭدار ئۇرغۇسىنى ئاڭلىيالايمىز، پاساھەتلىك، گۈزەل ئانا تىلىمىزنىڭ توزىماس، رەڭدار گۈل- غۇنچىلىرىنى ھىدلىيالايمىز، شېئىرىيەتتىكى قاتلاملىق تەپەككۇرنىڭ ئويناق جىلۋىلىرىنى كۆرەلەيمىز، eq(am%3~  
شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللا ئۆزىنىڭ «ئىشقنامە» ناملىق توپلىمىنىڭ مۇقەددىمىسىدە «شېئىرىيەتكە بولغان ئۆچمەس مۇھەببەتنىڭ شەرەپلىك ئىشقىدا يېنىپ ھەر قېتىم قولۇمغا قەلەم ئالغىنىمدا زارىققان خىيال كۆزلىرىمگە بۈيۈك غايىۋىي سىما ـــــ ھەزرىتى ئەلشىر نەۋايى ئاجايىپ سۈر ۋە ئۇلۇغۋارلىق بىلەن كۆرۈنىدۇ ـــ دە، ھۆرمەت ۋە ئەيمىنىشنىڭ بەختىيار تىترەكلىرىدە ئىلھام سائادىتىگە چۇلغىنىمەن.» دەپ يېزىپ ئۆزىنىڭ شېئىر ئىجادىيەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. VXIP0p@  
دېمەك، ئەنئەنىۋىيلىك ئىچىدە ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھىتىنى نامايان قىلىش، تەپەككۇردىكى كۆپ قاتلاملىق، ئېنىق ۋەزىنلىك ۋە ئاھاڭدارلىق بولۇش ئابدۇرېھىم ئابدۇللا شېئىرلىرىنىڭ، «ئاھ ئاتىلار» ناملىق توپلامنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. mGp.3 {j  
※           ※ .ZvM^GJb  
2. ئەزىزى ـــــ «چۈشۈمدىكى قىز». بۇ توپلام ئەزىزىنىڭ «ئوتلۇق تىلەكلەر» (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە)، «ئاشىق رىۋايىتى» دىن كېيىنكى ئۈچىنچى توپلىمى. ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىنى «مول ھوسۇللۇق» دەپ تەرپلىگىلى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، «يېڭى شېئىرىيەت» ھەركىتىگە ئۆزىنىڭ چۈچۈك شېئىرلىرى بىلەن ئاكتىپ ئاۋاز قوشقاندىن كىيىنلا پىنھان ياشاپ كەلدى. «ئۇ ئىجادىيەت سېپىدە ئايرىم ياشلارغا ئوخشاش كۆيۈشىدىن ئۆچۈشى تېز بولغان قامغاق بولۇپ كەتمىدى. گۈلخانغا چۈشۈۋالغىنى بىلەن ھارارىتى يوق، كۆيمەي تۈتەپلا تۇرىدىغان چۇچۇلىمۇ بولۇۋالمىدى، بەلكى شېئىرىيەت گۈلخانىغا پات- پات خېلىلا ھارارەتلىك تەمەچلەرنى تاشلاپ، ئۇنىڭ يالقۇنىنى ئۇلغايتىپ تۇردى.»③ بۇ توپلامدىكى شېئىرلار ئانا تەبىئەتكە، كىشىلىك ھاياتقا، ئۇنىڭدىكى گۈزەللىككە، تارىختىكى ئېسىل مىللىي روھىمىز ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزغا چەكسىز مۇھەببەت باغلىغان، ئۇنى قىزغىن سۆيۈشنى، ئۇنىڭدىن بەھرلىنىشنى بىلىدىغان بىر سەمىمىي قەلب ئېگىسىنىڭ يۇقىرىقىلارنى قەدىرلەش، ئۇلۇغلاش، سۆيۈش ھەققىدىكى ئۆز قەلبىدىكى مەبۇدىسىگە، يارەنلىرىگە ۋە زامانداشلىرىغا يېقىملىق پىچىرلىشى، مەڭگۈلۈك ئۆتۈنۈشىدۇر... توپلامدىكى شېئىرلار ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردە يېزىلغان بولسىمۇ، كۆپىنچىسى شېئىرىي پىكىرنىڭ يېڭى ۋە تېرەنلىكى، ئوبرازلىرىنىڭ رەڭدار ۋە سېمۋوللىرىنىڭ يوشۇرۇنلىقى، شەكلىنىڭ خەلق شېئىرىيىتىگە يېقىنلىقى، تۈزۈلۈشىنىڭ ئاددى ۋە قايناق ھېسسىياتىنىڭ ئەركىن شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بولۇپمۇ قۇرۇلمىسى ئەركىن بولغان بىر يۈرۈش شېئىرلاردا شېئىردىكى تاشقى ئامىللاردىن كۆرە ئىچكى ئامىلغا ــــ ھېسسىيات ئىزچىللىقىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن. بۇنىڭ بىلەن، قارىماققا چېچىلاڭغۇدەك بىلىنىدىغان ئۇزۇن- قىسقا مىسرالارنىڭ نەپەسنىڭ رىتىمىغا ئالاھىدە ماس كېلىدىغان يارقىن مۇزىكىدارلىق ھاسىل بولغان. دېمەك، بۇنداق شېئىرلاردىكى سۆزلەرنىڭ ئەركىن بىرىكىشى ۋە مىسرالارنىڭ تەبئىي تۈزۈلۈشىدىن ھاسىل بولىدىغان مۇزىكىدارلىق شېئىردىكى ھېسسياتقا ئوخشاش زۆرۈر ئامىلغا، شېئىرنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. بۇنداق شېئىرلارنى ئوقۇغان كىتابخان قانداقتۇر زورۇقۇش، مەجبۇرلىنىش تۇيغۇسىدا ئەمەس، ئىختىيارىلىق- ئازادىلىك تۇيغۇسىدا بولىدۇ، شېئىر ئوقۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ھوزۇرلۇق بىر مەنىۋى پائالىيەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ.     5? hw !  
※           ※ Og,$ sH}`  
3. ۋاھىتجان ئوسمان ــــــ «شائىر رىۋايىتى». ۋاھىتجان ئوسمان «يېڭىچە شېئىرىيەت» تىكى ئاۋانگارت شائىرلاردىن بىرى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئالاھىدىلىك ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كەلگەندە 2010- يىلى 11- ئايدا نەشىر قىلىنغان «ئاۋازلىق ئوقيا» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى يازغان كىرىش سۆزنى ئالاھىدە تىلغا ئالماي بولمايدۇ. ئۇ مۇنداق يازىدۇ: «مېنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملاشقان شېئىر ئىجادىيىتىدىكى قاتمال ئۇسلۇب، بىر چاغلاردا شەكىللەنگەن شېئىر قارىشىم بويىچە ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىق بىر تۈكۈم ياشلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئىدىيەۋى چوڭقۇرلۇق، مەنىۋى كەڭلىك، پىكىردىكى زىچلىق، لىرىك ھېسسىياتتىكى سالماقلىق، ئۇنىڭدا يالقۇنلاپ تۇرغان پاكلىق ۋە تىلدىكى پاساھەت ئۈستىدە بىر نەرسە دىيىش تازا قاملىشىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. بولۇپمۇ ۋاھىتجان ئوسمان شېئىرلىرىدىكى ئېستېتىك ئىماگ...». « بۇ ئىماگلاردىكى رەڭدارلىق، جۇلالىنىپ تۇرغان ھاياتى كۈچ» ھەقىقەتەنمۇ ۋاھىتجان ئوسمان شېئىرلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتى ئارقىلىق بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئېستېتىك ئىماگنى چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدۇ. «ھەممە ئادەم كۆرۈپ تۇرىدىغان، ئاڭلاپ تۇرىدىغان، ئويلاپ تۇرىدىغان تەبىئەت دۇنياسىنىڭ؛ ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھېس قىلىدىغان ھاياتلىق ئالىمىنىڭ دەل ۋاھىتجان ئوسمان پايدىلانغان ئېستېتىك ئىماگلار ئارقىلىق باشقىچە جۇلالىنىپ كەتكەنلىكى»..... « بۇ ئىماگلار ئۆزلىرىنىڭ لايىق ئورۇنغا قويۇلغانلىقى، يېڭىدىن- يېڭى شېئىرىي تۇيغۇ بىلەن تويۇنغانلىقىغا كۆرە ھېلىقىدەك ئىدىيەۋى چوڭقۇرلۇق، مەنىۋى كەڭلىك، پىكىردىكى زىچلىق، لىرىك ھېسسىياتتىكى سالماقلىق، ئۇنىڭدا يالقۇنلاپ تۇرغان پاكلىق ۋە تىلدىكى پاساھەتنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى»... « ئىماگلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋىي ئىماگ، يەنى كىشىلەر دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان چۆل، قۇملۇق، بوستانلىق، دەل- دەرەخ، گۈل- گىياھ، تولۇن ئاي، پەرىشتە، قۇشلار، سەھرا، چىغىر يول قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن كونا بوتۇلكىغا قاچىلانغان يېڭى مەينىڭ پۇرىقى گۈپۈلدەپ تۇرىدىغان» لىقى، بۇنداق ئېستېتىك ئىماگلار توپلىنىپ ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى غايەت زور ئېستېتىك بوشلۇقنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 5R(/Uiv3F  
ۋاھىتجان ئوسمان شېئىرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس تەرىپى بولسا، ھەم ئىدراكىي ئويلىنىشنى ھەم ھېس- ھاياجاننى رەت قىلمايدىغانلىقى، ئىدراكىي ئويلىنىش بىلەن ھېس- ھاياجان گاھىدا دەرد- ئەلەم، گاھىدا قايمۇقۇش، گاھىدا تەمتىرەش، گاھىدا خۇشاللىق بولۇشىدۇر.   #Q2Y&2`yGT  
«شائىر رىۋايىتى» شائىرنىڭ پۈتكۈل ئىجادىيىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، بىزنى ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشنىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ. S H!   
  شائىر توپلامدىكى شېئىرلىرىدا شېئىرنىڭ ئۆزى ھەققىدە قېتىرقىنىپ ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرىنى ۋە ئۆزىدىكى ئالىيجاناپ پەزىلەتنى ئەكس ئەتتۈردى. .zi_[  
   rg^'S1x|  
※           ※ 3AU;>D^5  
4. پەرھات ئىلياس ــــــ«ئۇچ يۈرىكىم، ئۇچ». كۆپ قىرلىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان پەرھات ئىلياسنىڭ شېئىر ئىجادىيتى ئۇنىڭ پۈتۈن ئىجادىيىتىنىڭ بىر يورۇق نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېڭىچە شېئىرىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان شېئىرلىرى بىلەن تونۇلغان، ھەم بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىلىرى بىلەن بۇ ساھەگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «چوغ سورىغان بالا» نەشىر قىلىنىشى بىلەنلا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرى تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىش بىلەن بىللە خەنزۇ، ئۆزبېك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ بۇ قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىدىكى سەۋەب يالغۇز ئۇنىڭ تەپەككۇرى ۋە شېئىر تىلىدىكى يېڭىلىق بولۇپلا قالماستىن ئەڭ مۇھىمى «شېئىر تىلىدىكى چۈچۈكلۈك، بالىلىق تۇيغۇلارنى جۇلالىتىش، تۇيغۇ بىلەن مەنزىرىنى بىرلەشتۈرۈۋىتىش»④ تەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوقۇرمەنلەر قەلبىگە ياققانلىقىدا. «ئۇچ يۈرىكىم، ئۇچ» ناملىق بۇ توپلام پەرھات ئىلياسنىڭ ئەنە شۇ تېتىملىق شېئىرلىرنىڭ نامايەندىسى. xai*CY@cQ  
※           ※ zd @m~V  
5. پولات ھېۋىزۇللا ـــــــ «ئىلھام سىرى». بۇ توپلام شائىر، ژۇرنالىست پولات ھېۋزۇللانىڭ «بىر قىز قەلبىگە تېز سىزما» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن كىينكى ئىككىنچى شېئىرلار توپلىمىدۇر. ئۇنىڭ شېئىر، ماقالە، نەسىر، ئەدەبىي ئاخبارات، ھېكايە قاتارلىق كۆپ خىل ژانىردىن تەركىب تاپقان كۆپ قىرلىق ئىجادىيىتىدە شېئىر ئىجادىيىتى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئاۋانگارت ياش شائىرلارنىڭ قاتارىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ۋە ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ ئۆزى ئىجاد قىلغان شېئىرلىرى ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنى، «پەردە ئارقىسىدىكى قەھرىمان» ــ مۇھەررىرنىڭ جاپالىق خىزمەتلىرىنى، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى بىلەن باغلاپ چۈشىنىدىغان بولساق بۇ نۇقتا تېخىمۇ ئېنىق نامايان بولىدۇ. ئۇ «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىغا ئۇزۇن يىل مۇھەررىرلىك قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى. ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمۇ ياخشى تەسىر قوزغىدى. M7pOLP_1jB  
«ئىلھام سىرى» ناملىق توپلامدىكى شېئىرلار، «ھايات ھېكمىتى»، «ئۆزۈمگە سەپەر»، «ئىنسان كەچمىشى»، «مۇھەببەت لىرىكىلىرى»، «ئەركەك ناخشىسى»، «بالىلار شېئىرلىرى»، «قىسقا شېئىرلار» قاتارلىق ماۋزۇلار ئاستىدىكى يەتتە بۆلەك شېئىردىن تەركىب تاپقان. بۇ ماۋزۇلاردىنمۇ مەلۇمكى، بۇ توپلامدا ئاپتورنىڭ ھايات، كىشىلىك تۇرمۇش ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرى، ئالدىنقى ئەسرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان تېما ـــ ئۆزلۈك ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى، ئىنسان تۇرمۇشىدىكى كىچىك دېتاللاردىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويغان تۇرمۇش پەلسەپىسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.  يېڭىچە شېئىرلارنىڭ ئوي- پىكىرنى شېئىرىي غۇۋالىق، يېتەرلىق تەسەۋۋۇر بوشلۇقى ئىچىدە، تۈرلۈك ئىماگلار ياردىمىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغان، شېئىر تىلىدىكى لۇغەت مەنىسىدىن ھالقىپ، شۇ شېئىرغىلا خاس مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان بۇنداق ئالاھىدىلىكىمۇ توپلامدا ئەكىس ئەتكەن. o,_? ^'@  
   3yVMXK  
※           ※ 02 c':a=7  
6. ئەسقەر ياسىن ــــــ «چۈش خاتىرىلىرى». ئەسقەر ياسىن 1990- يىللىرىدىن باشلاپ شېئىر ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا خېلى زور تەسىر قوزغىغان شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇ شۇ يىللاردا «ئۆزىگە خاس كىملىكى بار ــــ يەنى ئۆزىگىلا ئوخشايدىغان، باشقىلارغا ئوخشاپ قالمايدىغان، بىر قارىغان ھامان ئادەمنىڭ كۆزى چۈشىدىغان»⑥ شېئىرلىرى بىلەن قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئەمما ئۇ باشقا شائىرلاردەك ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانمىدى. ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتكەندە ئۇنىڭ «چۈش خاتىرىلىرى»، «چەكسىز كوچا» ناملىق توپلاملىرى ئارقا- ئارقىدىن نەشىر قىلىندى. ئۇنىڭ ئاز ۋە ساز يېزىشتەك ئىجادىيەت مېتودىغا كۆرە ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى شەكىللەندى. ئۇنىڭ ئەڭ روشەن ۋە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئۆزگىچە شېئىرىي مۇھىت، لىرىك كەيپىيات يارىتىپ، ئوقۇرمەنلەرنى شۇ خىل مۇھىت ئىچىگە غەرق قىلىۋىتەلىشى دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. لىرىك كەيپىيات ئىچىدە شېئىرىي پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆزىگە خاس شېئىرىي تىل ۋە شېئىرىي مۇھىت بىلەن ئۆزىنىڭ شېئىرىيەت دۇنياسىنى يارىتىش ــــ لىرىكا ئىچىدە ئادەمنى شېئىرىي پىكىردىن، شېئىرىي پىكىر ئىچىدە لىرىك مۇھىت ۋە شېئىرىي ئوبرازدىن بەھرىمەن قىلىش ئۇنىڭ خاسلىقىدۇر. sS*3=Yh  
  شائىرنىڭ ھەر بىر پارچە شېئىرى ئۆزىگە خاس، مۇستەقىل بىر شېئىرىي دۇنيانى بەرپا قىلىشقا تىرىشىدۇ، مەيلى ئون نەچچە يىل ئاۋالقى شېئىرلىرى بولسۇن، ياكى يېقىنقى ئىككى توپلىمىدىكى شېئىرلىرى بولسۇن، «شائىر ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ قەلىب سادالىرىنى، ھەسرەت ۋە شادلىقلىرىنى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر خىل ئوبرازلارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇپ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆزىنىڭ تۇيغۇ ۋە ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان ناھايىتى قۇلىقى يۇمشاق قورالغا ئايلاندۇرىدۇ.»⑦ دېمەك، «چۈش خاتىرىلىرى» شائىرنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە تەرەپلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە نامايان قىلدى. 1q7|OWFT  
4K\G16'$v  
※           ※ `sn^ysp  
7. غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت ــــــ «مۇقام خۇمارى».   غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ «تۇيغۇ تەلۋىلىكى» بىلەن تولغان، تەپەككۇرى ئۆزگىچە، «مەن» نى شېئىرنىڭ مەركىزىگە قويۇپ، ئىنسان ماھىيىتى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشنى، قەلىبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى ئىزتىراب، ھەسرەت ۋە تىراگىدىيەلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدىغان شېئىرلىرىنىڭ مۇجەسسىمى بولغان «مۇقام خۇمارى» ناملىق بۇ توپلام ئۇنىڭ «يېڭىلىق ياراتقۇچى شائىرلارنىڭ بىرى» ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي مەنىدە كۆرسىتىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.   G?O1>?4C  
  «مەزكۇر توپلامدىكى شېئىرلاردا غەرب مودىرنىزىم شېئىرىيىتىنىڭ خاھىشى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، كەڭ ۋە چوڭقۇر ئۆزلۈك بايانى ئاساس قىلىنغان. بۇ شېئىرلاردا ماشىنا ۋە ئادەم، شەھەر ۋە تەبىئەت، ئىنسان تەبئىتى ۋە ئەخلاق ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان زىددىيەت؛ ئادەملەرنىڭ شەھەرلىشىش جەريانىدا يوقىتىپ قويغان ئۆزلۈك ئېڭى، غەرەزسىز مېھىر- مۇھەببەت تۇيغۇسى ۋە مۇھەببەتسىزلىك ئېلىپ كېلىۋاتقان مەنىۋىي پارچىلىنىشلار ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شۇنداقلا، شېئىرلاردا كۆپلەپ كۆزگە چېلىقىدىغان ‹ئايال›، ‹ئۆلۈم› ئىماگلىرى، شائىر تەسەۋۋۇرىدىكى مەڭگۈ ۋىسالىغا يەتكىلى بولمايدىغان ‹يار› غا تمسال قىلىنغان، مىسرالار ئارا غەمزە قىلىپ تۇرغان ئۇ ساھىپجامال بەجايىكى شائىر تەسەۋۋۇرىدىكى مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدىغان ئۆزلۈكتۇر.»⑧ l9{hq/V  
-t!~%_WCv  
※              ※ d; boIP`M;  
8. چىمەنگۈل ئاۋۇت ـــــ «چىڭقىچۈش».  بۇ شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئىلگىرىكى توپلاملىرىدىن ۋە گېزىت- ژۇرناللاردا،  توردا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرىدىن تاللانغان ۋە يېڭىدىن يازغان شېئىرلىرى تاللانغان توپلام. "\: `/k3  
بۇ توپلام ئاپتورنىڭ ئىلگىرىكى تۆت توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن بىر قىسىم شېئىرلىرى،  توردا ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغانلىرى، يېڭىدىن يازغان شېئىرلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان. يېڭى قوشۇلغان شېئىرلىرىدىكى پىكىرلەر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ دادىل، تىلى تېخىمۇ بېيىغان ۋە پىشقان. تېما دائىرىسى بىر ئاز كېڭىيىپ، ئىلگىرىكىدەك مۇھەببەتنى ئاساسىي تېما قىلىپ  يېزىشتىن باشقا يەنە ئىجتىمائىي ئەخلاق، كىشىلىك مەسئۇلىيەت ھەققىدىكى تۇيغۇلىرىنىمۇ ئىپادىلىگەن. بۇنىڭغا ئەگىىشپ لىرىك ئوبرازلارمۇ بارغانسىرى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ بارغان. &."iFe  
  چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش، تەرەققىي قىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئىجادىيەت. ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنى، ئۇسلۇبىنى دەماللىققا ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ بېكىتىپ قويغىلى بولمايدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى زامان- ماكاننىڭ تەرتىپى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئۇ ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى، خىيال بىلەن رېئاللىقنى بىر- بىرىگە قوشۇۋەتكەن ھالدا ئۆز ئىددىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە كىشىلەرنىڭ خىيالى تۇيغۇلىرى، بىۋاستە سېزىمى ۋە يوشۇرۇن ئېڭىنى ئەسلى قىياپىتى بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا مىللىي تۈسى قويۇق بولغان بىر شەھەردە ياشاۋاتقان ئايالنىڭ ئەنئەنە بىلەن يېڭى تۇرمۇش ـــ ھازىر بىلەن ئۆتمۈشكە بولغان ئىنچىكە تۇيغۇلىرىنى، ئەركىن مۇھەببەتكە ۋە ئەسلىي ئەر تەبىئىتىگە تەلپۈنۈشلىرىنى، ئاياللارنىڭ تۈرلۈك پىسخىك ھالەت تەسۋىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ توپلامدىمۇ موشۇ خىل رەڭدارلىق، ئۆزگىرىشچانلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. 3l rT3a3vV  
, qMzWa  
※    ※      ※ ?WGA?J %2  
9. ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ـــــ «كەشتە يوپۇرماق». ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم 90- يىللاردىلا شېئىر يېزىشنى باشلىغان بولۇپ، يەڭگىل تىل بىلەن چوڭقۇر مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى، قىسقا شېئىرلار بىلەن تۇرمۇشنىڭ ئىچىگە چوڭقۇرلىغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ياشلار ئارىسىدا بەلگىلىك ھۆرمەتكە ئىگە بولغان. 3dg1DR;  
  بۇ توپلامدىكى «ئوبۇلقاسىمنىڭ يەرلىرى»، «سۇ تالىشىش»، «ئېتىز» قاتارلىق شېئىرلاردا تەبىئەت، ئىنسان، تۇرمۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىنسان بىلەن تەبىئەت، ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى تىراگىدىيەلىك توقۇنۇشنى شېئىر مىسرالىرى ئارقىلىق ناھايىتى نەپىس، چىرايلىق، يەڭگىل تىلنىڭ ياردىمى بىلەن، لىرىك كەيپىياتقا ئىگە قىلىپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. &* M!lxDN  
ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم شېئىرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى تىلى يەڭگىل، ئاددى، ئەمما ھىسسىيات چوڭقۇر، شېئىرى شەكىلدىمۇ خەلق قوشاقلىرى ئۇسلۇبىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما شېئىرلىرىدىكى پەلسەپىۋى مەنە بىر قەدەر تېرەن. ha]VWt%}  
ئاسىمجان ئوبۇلقاسى يەنە ماۋزۇ تاللاشقا ماھىر بولۇپ، نەزىرىنى ئىلىنىڭ كەڭ ئېتىزلىقلىرىدىكى دىھقانلار قەۋمىگە ئاغدۇرۇپ، ياشلار شېئىرىيىتىدىكى دىھقانلار تېمىسىنى ئاز تولا يورۇتۇپ بەرگەنلىكى بىلەن شېئىرىيەت سەھنىسىدە بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدۇ. R`NYEptJ  
ZF!h 
IV ^9v4OUG  
  بۇ توققۇز توپلامنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى ھەر بىر شائىرنىڭ ھەرقايسى ئىجادىيەت باسقۇچىدىكى شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بىر تەرەپتىن شۇ شائىر ئىجادىيىتىدىكى ئورتاق تەرەپلەرنى بايقىغىلى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئومۇمىي ئىجادىيەت مۇساپىسىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. d[iQ` YW5  
  بۇ توپلاملارنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «يېڭى شېئىرىيەت» نىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى باشلامچىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 5AFJC?   
«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2009- يىللىق 4- سانىغا بېسىلغان، پەرھات ئىلياس بىلەن غالىپ مۇھەممەت قارلۇقنىڭ سۆھبىتىدە پەرھات ئىلياس مۇنداق دەيدۇ: «1987- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە كەلدىم. بۇ چاغدا ‹تەڭرىتاغ› ژۇرنىلىمۇ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئىدى. ‹تەڭرىتاغ›نىڭ بۇ بىر تۈركۈم ياشلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ‹يېڭى شېئىرىيەت›ھەرىكىتى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاپ بەردى. باتۇر روزى مۇھاكىمە كۈچىگە باي، ئىنكار روھى چاقناپ تۇرىدىغان ماقالىلىرى، بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن ئۆزگىچە تالانتىنى نامايان قىلدى..... يەنە پولات ھېۋىزۇللا، ئىلغارجان سادىق، ۋاھىتجان ئوسمان، ئەزىزىلەردىمۇ شېئىرىيەت ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىشكە تەييار قىزغىن روھ، ساپ تۇيغۇ، ئەسەبىي ھاياجان قايناپ تۇراتتى.» بۇ چاغدىكى شېئىرىيەتنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى «نۇرغۇن ئىددىيىۋى مەزمۇن تىزگىنلىكىدىكى ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەتكە قارىتا ئىنسان ئېڭىدىكى ئەسلىدە ھېچقانداق بىر ئىددىيىۋىي مەزمۇنغا بېقىنمايدىغان، ئىنسانلاردىكى تۇغما ئېستېتىك تۇيغۇلارنى ئۆز ئەركى بويىچە ئاشكارىلاشقا بەكرەك كۈچەنگەن»⑨  بولۇشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر يېڭى ئەسىردىكى شېئىرىيەتتە، بولۇپمۇ يۇقىرىدىكى توققۇز توپلامدا تېخىمۇ گەۋدىلىك، تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەكىس ئەتتى. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، «يېڭىچە شېئىرىيەت» نىڭ باشلامچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتى يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كىيىن تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ، ئورتاق ئېتىراپقا ئېرىشتى. D}-/c"':}  
  پەرھات ئىلياسنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا «‹يېڭى شېئىرىيەت› ھەركىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان» ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم، چىمەنگۈل ئاۋۇت، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت قاتارلىق ياش شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىمۇ بۇ توققۇز توپلامدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. $o+j El>  
  بۇ توققۇز توپلام يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتە يېتەرلىك بولمىسىمۇ، يېڭى ئەسىردىكى شېئىرىيەتنىڭ يۆنىلىشىگە مەلۇم دەرىجىدە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. ju8> :y8  
   ئۇلار ئاۋانگارت شائىرلاردىن بولۇپلا قالماي يەنە دادىل ئىزدىنىشلىرى بىلەن بەلگىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «بارسا كەلمەس يول» ناملىق توپلىمى 9- نۆۋەتلىك، ۋاھىتجان ئوسماننىڭ «ئاۋازلىق ئوقيا» ناملىق توپلىمى 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.  پەرھات ئىلياس، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت، ۋاھىدجان ئوسمان، چىمەنگۈل ئاۋۇت، قاتارلىقلارنىڭ بىر تۈركۈم شېئىرلىرى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. U7?;UCmX  
  دېمەك، يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە «يېڭىچە شېئىرىيەت» ئاۋانگارتلىق رول ئوينىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا داغدۇغىسى زور بولغان شېئىرىيەت ھەركىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خۇلاسىلەپ، كەمچىلىكلىرىنى تۈزىتىپ، ئۆزىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇردى. يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيتى تەجىرىبە- ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ شۇ ئاساستا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجادچانلىق روھى ئۈستىدە ئىزدەنگەن، ئۆزىگە خاس تەرەققىيات يولىنى بەرپا قىلغان شېئىرىيەت بولدى. )*u8/U  
|Tv#4st  
V $zUP?Gq!  
  خۇلاسە قىلغاندا يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە بولغان شېئىرىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ: x`mG 
  بىرىنچى، يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى مۇۋەپپەقىيىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان شېئىرىيەت بولدى.  يېڭى ئەسىر كىرىشى بىلەنلا نەشىر قىلىنغان «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق توپلامنىڭ بەلگىلىك تەسىر قوزغىشى، يېقىندا نەشىر قىلىنغان «توققۇز توپلام» ئاپتورلىرىنىڭ ئىچىدە ۋاھىتجان ئوسمان، چىمەنگۈل ئاۋۇت، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت، پەرھات ئىلياس قاتارلىقلارنىڭ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ۋە «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارغا نائىل بولۇپ، ئېتىراپقا ئېرىشىشى قاتارلىقلار بۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ روشەن دەلىلىدۇر. % aP!hy  
  ئىككىنچى، شېئىرىيەت ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ناھايىتى ئاز ياكى يوق دىيەرلىك بولۇش، تار دائىرىلىك، باھا دائىرىسىدىن چىقالماسلىقتەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە شېئىرىيەت تەتقىقاتى ساھەسىدە جانلىنىش كۆرۈلدى. QFA8N  
  ئۈچىنچى، يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئەنئەنىۋىي شېئىرىيتىمىزدىكى پاساھەتلىك تىل، ئېنىق رىتىم، چوڭقۇر پەلسەپىۋىي پىكىر، تولۇق ۋەزىن بىلەن تويۇنغان ئەنئەنىۋىي شېئىرلار ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئۆزگىچە، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، ئون نەچچە يىللىق مۇساپىنى باشتىن كەچۈرۈپ، پىشىپ يېتىلىپ ئورتاق ئېتىراپقا ئېرىشكەن، بەلگىلىك ئىجادىيەت قوشۇنىغا ئېگە بولغان «يېڭىچە شېئىرىيەت» تەڭ گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلگەن شېئىرىيەت بولۇپ قالدى. P?%s #I:  
(O\ )_#-D  
ئىزاھاتلار : ."g`3tVK  
① ئىمىن ئەھمىدى: «شېئىر ۋە ئۇنىڭ تىلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم»، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى،      2011-  يىللىق 1- سان 48-بەت s9 mx  
② ئايسىمە ئىدىرىس: « يېڭى ئەسىر ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ  شېئىرىيەت ئىجادىيىتى ھەققىدە تەتقىقات»، ماگىستېرلىق ئىلمىي ماقالىسى، 1- بەت &0d# Y]D4`  
③ ئەزىزى: «ئاشىق رىۋايىتى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006- يىل 1- ئاي نەشرى، ئابدۇللا مەتقۇربان يازغان كىرىش سۆز ئورنىدا «روھ چۇقانلىرى»، 1- بەت 5%"V[lDx@  
④ پەرھات ئىلياس: «ئۇچ يۈرىكىم، ئۇچ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012- يىل 1- ئاي- 1- نەشىرى، 1- بەت IW5,7 .  
⑤ ئەسقەر ياسىن: «چەكسىز كوچا»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2012- يىل، 6- ئاي، 1- نەشرى، كىرىش سۆز، 3- بەت *tA1az -jO  
⑥ ئەسقەر ياسىن: «چەكسىز كوچا»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2012- يىل، 6- ئاي، 1- نەشرى، كىرىش سۆز، 7- بەت Zpt\p7WQ  
⑦ غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت: «مۇقام خۇمارى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2012- يىل 2- ئاي نەشىرى، 1- بەت {qk1_yP  
⑧ پەرھات ئىلياس ، غالىپ مۇھەممەت قارلۇق: «ئۆز ئاۋازىمىز ھەممىدىن مۇھىم»،«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2009- يىللىق 4- سان 95- بەت

تىلداش 2014-06-18 16:05
يوللانمىغا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر. %uDi#x.  
يېڭى دەۋر ئەدەبىيات تارىخىغا كىرگۈزەىدەك ماتىريالكەن.

بابۇر0725 2014-06-18 23:42
بەكلا قىممەتلىك بىلىملەتنى يوللاپسىز ھارمىغايسىز

گۈلنىھال 2014-06-20 15:03
ياقتۇرغىنىڭلارغا رەھمەت !

توغراق 2014-06-29 23:16
بەكلا ياخشى مەزمۇندىن بىرنى يوللاپسىز!

tawpek 2014-07-05 19:35
ياخشى يوللانما، مۇھىمى ئوتتورا مەكتەپ ئوقوتقۇچىسىنىڭ ئىزدىنىشلىك ماقالىسى ,2oWWsC7  
EWhK0Vej=  
مۇشۇنداق كەسىپداشلار بىزنىڭ پەخىرىمىز.


查看完整版本: [-- يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled