查看完整版本: [-- گۈلنىھال:   چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى توختام ھۆججىتىدىن بەش پارچە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> گۈلنىھال:   چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى توختام ھۆججىتىدىن بەش پارچە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-06-18 12:07

گۈلنىھال:   چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى توختام ھۆججىتىدىن بەش پارچە

   چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى توختام ھۆججىتىدىن بەش پارچە @ N@ !Q  
:bq$ {  
=B{B ?B"r  
                                        سەيدەم ئىسمائىل >~l^E! 
jL{k!V`s  
I.gF38Mx  
b{CS1P  
(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئاسپىرانتى) cte Wl/v  
~#dfZa&   
Y%!k'\n[2  
قىسقىچە مەزمۇنى: ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماقچى بولغان مەزكۇر ۋەسىقىلەر ئاقسۇ دىيارىدىكى ئاۋام خەلقنىڭ قولىدىن تېپىلغان بولۇپ، خوتەن قەغىزىگە تەلىق خەت نۇسخىسىدا 7 قۇردىن 18 قۇرغىچە يېزىلغان. قول يازمىنىڭ فوتۇكوپىيەسى، ئوقۇلغۇسى، يەشمىسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. cpm *m"Nk  
R].xT-1  
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى؛ توختام ھۆججىتى؛ بەش پارچە ;> %wf3e  
' ,1[rWyc  
/&E]qc*-p  
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مىلادى 14-ئەسىرلەردىن تاكى مىلادى 20-ئەسىرنىڭ  باشلىرىغىچە بولغان 600 يىلغا يېقىن قوللىنىش جەريانىدا، بۇ تىل-يېزىقتا نۇرغۇنلىغان ئېسىل يازما يادىكارلىقلار بارلىققا كەلگەن. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا خاتىرىلەنگەن يازما يادىكارلىقلار ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر تىل–يېزىقىدا خاتىرىلەنگەن، زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە سان جەھەتتىن بولسۇن ياكى باشقا جەھەتلەردىن ئەڭ كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا خاتىرىلەنگەن توختام ھۆججەتلىرىمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ub2B!6f a  
چاغاتاي توختام ھۆججەتلىرى ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىم-بېرىم، سودا-سېتىق، دەۋا-دەستۇر، نىكاھ، يەر-جاي، مۈلۈك... قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلىرىگە چېتىشلىق بولۇپ، بۇ بىزنى مۇشۇ دەۋردىكى خەلقلەرنىڭ سىياسىي، ئەدەبىيات، قانۇن، تىل-يېزىق، پەلسەپە، دىن، تارىخ، سودا، ئۆرۈپ-ئادەت... قاتارلىق كۆپلىگەن تەرەپلەردىكى ئەھۋاللىرىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. g^{a;=  
1-پارچە ھۆججەت: 6n\){dkZ~  
موللا ھەينىڭ بىر چارەكلىك يېرىنى ئوغلى ياقۇپقا ئون تەڭگە پۇلغا ساتقانلىقى توغرىسىدىكى ھۆججەت. `NQ;|!  
l>6p')F!  
ئوقۇلغۇسى: تارىخى ھىجرىنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان مۇھەررەمنىڭ ئالتەسى پەيشەنبە  كۈنىدە  ئىردىكىم، مىنكى ئالتىنچى كەنىتلىك  مىرنىياز خاھجەنىڭ ئوغلى موللا ئەيدۇرمەن ئىقرارى سەرىھ قىلدىم بۇ جۈملەغەكىم، تۇربەت مەۋزىئىدا بادامسىيا ئۆستىڭىدىن سولايدۇرغان مۈلكى زەرخەرىيد تەخمىينەن بىر چارەكلىك يىرىمنى تابئى دەرەخىتلارى بىرلە ئون تەنگە پلوسى رايىھەتۇل-ۋەقىتغە ئوغلوم يەئقۇبغە بەيئى مۇتلەق قىلىب ساتتىم. سەمەنى مەزكۇر بىللا قۇسۇر قولۇمغە تەگدى. مىنكى نە سەمەنىدا  نە زىمىندا ئەسلا ھەققىم قالمادى. مەزكۇر يەرنىڭ ھەد شەرقى توختەنىڭ يېرىگە مۇتتەسىل فاسىيلە-قىير، ھەد شىمالى شەرىيفە بىبىنىڭ يېرىگە مۇتتەسىل فاسىيلە- قىير، ھەد غەربى ئىسمائىلنىڭ يېرىگە مۇتتەسىل فاسىيلە-ئورەك، ھەد جەنۇبى مۇشتەرى مەزكۇرنىڭ يېرىگە ۋە بەئزى روزىنىڭ يېرىگە مۇتتەسىل فاسىيلە- قىير... NOFH  
ھۇززارۇل مەجلىس: ئىيمام ئۇشۇر موللا شايىد ھەم كەفىل بولۇپ مۈھۆر باستۇرغان. L=5Y^f'aU  
يەشمىسى: تارىخىي ھىجرىيەنىڭ 1290-يىلى (مىلادىيە 1873-يىلى) 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، پەيشەنبە كۈنى ئىدى، مەنكى 6-كەنتلىك مىرنىياز خوجىنىڭ ئوغلى موللا ھەيدۇرمەن. مەن تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى شۇنداق ئېنىق ئىقرار قىلدىمكى، تۇربەت دېگەن جايدىكى بادامسيا ئۆستىڭىدىن سۇغىرىلىدىغان، سېتىۋالغان تەخمىنەن بىر چارەكلىك يېرىمنى شۇ يەرگە تەئەللۇق دەل-دەرەخلىرى بىلەن قوشۇپ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىكى ئون تەڭگە پۇلغا، ھۆججەت قىلىپ، ئوغلۇم ياقۇپقا رەسمىي ساتتىم. مەزكۇر پۇل تولۇق قولۇمغا تەگدى، يا پۇلىدا، يا زېمىنىدا ئازراقمۇ ھەققىم قالمىدى. مەزكۇر يەرنىڭ شەرق تەرىپى توختىنىڭ يېرىگە پاسىل قىر، شىمالى شەرىپە بىبىنىڭ يېرىگە تۇتاش پاسىل قىر، غەرب تەرىپى ئىسمائىلنىڭ يېرىگە تۇتاش پاسىل –ئورەك، جەنۇب تەرىپى مەزكۇر خېرىدارنىڭ يېرىگە ۋە بەزى روزىنىڭ يېرىگە تۇتاش پاسىل قىر... mln%Rd6u/  
بۇ مەجلىسكە ئىمام ھوشۇر موللا شاھىد ھەم كېپىل بولۇپ مۆھۈرىنى باسقان (بىر دانە چوڭ يۇمىلاق تامغا، بىر دانە ئوتتۇراھال يۇمىلاق تامغا). F5H]$AjW  
2-پارچە ھۆججەت: U^Iq]L   
خېنىم ئايلا، قىزى توختى ئايلا، كۈيئوغلى ئۇشۇر بايلارنىڭ ئون چارەكلىك يېرىنى تەۋەككۈل خوجىغا ساتقانلىقى توغرىسىدىكى ھۆججەت. 0L \vi  
j?(@x>HA  
ئوقۇلغۇسى: ئۇلۇل ئەبسار زەمايىرلارغا مەخفى نامەزكۇر قالماغايكىم، تارىخقە مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش سىككىز بىلىق يىلى ماھى مۇبارەك رەببىيەل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ يىگىرمە سەككىزى چاھار (شەنبە) كۈنى، مېنكى خىنىم ئايلا، بىبى قىزىم توختى ئايلا، كۈيۆگۈم ئۇشۇر بايلاردۇرمىز... ئانداغ ئىقرارى سەرىھ ۋە ئىئتىرافى شەرئى قىلدۇقكى، سارىغ ئۆي مەۋزىئىداقى مۈلكى مىراس تەخمىينەن ئون چارەكلىك يېرىمىزنى جەمئى ئۈسكىنەسى راھ ئەقبەسى بىيلە تەۋئەن ۋە رىغبەتەن بەلا كەرىھ ۋە بەلا غەبن غوروريدىن ئۈتۈپ بەقيمەت ئەددەل رايىھەتۇل-ۋەقىت قىرىق ئىككى تەنگەگە تەۋەككۇل خاھجەگە ساتتۇق، پۇلى بىباقى ۋە بىتامام بىزلەرگە تىگدى، بەئدەليەۋم بۇ يەر جانىيبىدىن خاھ بىيز ۋە خاھ بىيزنىڭ ئەۋلادلىرىيمىزدىن خاھ غەيرىدىن (ھەركىم) ھەرتەرىيقەلىغ سۆز تافىپ مشاركت ۋە مدخلت قيلساق شەرئى شەريف ئالدىدا... باتيل ۋە نامەسمۇئ بولسۇن ديب ئۆز تىلىمىزدىن مۆھورلۇغ خەت بەردۇك. مەزكۇر يەرنىڭ ھۇدۇدى ئەربەئەسى: مەشرىق تەرفى ۋەقفە يەرگە مۇتتەسىل فاسىيلە- ئورەك، شىمال تەرفى بايئنىڭ يېرىگە ۋە بەئزى سەكىنە ئايلانىڭ يېرىگە مۇتتەسىل فاسىيلە- ئورەك ۋە بەئزى ئەركەك قىير، مەغرىف تەرفى موللا ئەزىزنىڭ ۋە بەئزى مۇشتەرىنىڭ يېرىگە فاسىيلە-ئەركەك قىير، جەنۇب تەرفى مۇشتەرىنىڭ يېرىگە فاسىيلە–ئورەك. scZ'/(b-E  
ھۇززارۇل مەجلىس: ھەبىبۇللا موللام، سىدىق باي، روزى خاھجە، موللا خاھجە، مۇھەممەد خاھجە ... 7mYBxE/  
بۇ خەتكە فولاد خاھجە جەمئى كەلتۈرگەن PU%WpI.w  
يەشمىسى: ئۇلۇغلارنىڭ دىققىتىگە يوشۇرۇن شۇنداقلا نامەلۇم بولمىسۇنكى، تارىخقا 1268-يىلى (مىلادىيە 1851-يىلى) بېلىق يىلى، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، چارشەنبە كۈنى، مەنكى خېنىم ئايلا بۈۋى، قىزىم توختى ئايلا، كۈيئوغلۇم ھوشۇر بايلار تولۇق ئىقرار ۋە شەرىئەت ئالدىدا شۇنداق ئېتىراپ قىلىمىزكى، سېرىق ئۆي دېگەن جايدىكى تەخمىنەن ئون چارەكلىك ئاتا مىراس يېرىمنى، بارلىق ئۈسكۈنىلىرى بىلەن قوشۇپ، ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ھىيلە-مىكىر زورلۇقلاردىن خالىي ھالدا تەۋەككۈل خوجىغا قىرىق ئىككى تەڭگە پۇلغا سېتىپ پۇلىنى ئۆز ۋاقتىدا، نىسىي قويماي تولۇقى بىلەن تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئېلىم-بېرىم قىلىشتۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەر ھەققىدە بىز ياكى بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ۋە ياكى ھەر كىم قانداقلىكى گەپ تېپىپ يالغان دەۋا قىلسا شەرىئەت ئالدىدا خاتا بولۇپ سورالمىغاي دەپ ئۆز تىلىمىزدىن ھۆججەت بەردۇق. Ot3+<{  
بۇ يەرنىڭ تۆت تەرەپ پاسىلى: شەرق تەرىپى ۋەخپە يېرىگە تۇتاش-ئورەك، شىمالى ساتقۇچىنىڭ يېرىگە ۋە بەزى سېكىنە ئايلىنىڭ يېرىگە تۇتاش-ئورەك ۋە بەزى ئاساسىي قىر، غەرب تەرىپى موللا ئەزىزنىڭ يېرىگە ۋە بەزى سىېتىۋالغۇچىنىڭ يېرىگە تۇتاش-ئاساسىي قىر، جەنۇب تەرىپى سىېتىۋالغۇچىنىڭ يېرىگە تۇتاش-ئورەك. u_S>`I  
مەجلىسكە قاتناشقانلار: ھەبىبۇللا موللام، سىدىق باي، روزى خوجا، مۇھەممەد خوجا... R(HW0@R@w  
بۇ خەتكە فولاد خوجىمۇ شاھىد كەلتۈرگەن. @_Ly^' "  
(ئانار گۈل شەكىللىك تامغىدىن بىر دانە) JOx""R8T5  
-3پارچە ھۆججەت: "O{:jfq  
قەرز قايتۇرۇش توغرىسىدىكى ھۆججەت: [es-&X07<  
VUGVIy.  
ئوقۇلغۇسى: تارىخقە بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز سەككىز ماھى جەمەدىيەل ئەۋۋەلنىڭ يىگىرمە تورتى ئېردى. مەنكى ھاشىم ئاخۇند كۆنچى ھەسەن ھاجى ئوغلىدۇرمەن. ئىقرارى شەرئى قىلدىم بۇ جۇملەغەكىم، ئۇشتۇرفاندە تۇرغۇچى سودەگەر زۇنۇن ئاخۇند قىلىشقان داد-مۇئامىلەلەرىمنى ھىسابلاشىپ، ئۆزۈم قولۇم بيلەن بەرگەنلەرىمنى ۋە ھۈسەيىن ئاخۇنىدىن بۇيرۇغانلارىمنى ھېسابلاپ چىقارىپ مەن مەقەرنىڭ زىممەمدە زۇنۇن ئاخۇنىد باينىڭ توقسان ئالتە سەر بەش مىسقال ئاق تەنگەسى قالدى. مەزكۇر توقسان ئالتە سەر (بەش مىسقال) ئاق تەنگەسىنى ئۇشبۇ ۋەسىقە ھەر ئەھەدىنىڭ قولىدا بولۇپ، ھەر جاي ۋە ھەر ماكاندا مەندىن تەلەپ قىلسە بەلا تەخىر ۋە بى مۇناقشە ۋە بى ۋەكالەت ئادا قىلىپ بەريب، ئۇشبۇ ۋەسىقەنى قولۇمغا ئالامەن دەپ ئىقرارىمدىن ۋەسىقە بەردىم. NYZI;P1DA  
ھۇززارۇل-مەجلىس RJZ4fl  
ھۈسەيىن ئاخۇند، ئىبرايىم ئاخۇندلار شاھىددۇر. WD5ulm?91|  
يەشمىسى: ھىجرىيىنىڭ 1338-يىلى (مىلادىيە 1919-يىلى)، 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، مەنكى ھەسەن ھاجىنىڭ ئوغلى ھاشىم ئاخۇن موزدوزدۇرمەن. شەرىئەت بويىچە شۇنى ئىقرار قىلدىمكى، ئۇچتۇرپانلىق  سودىگەر زۇنۇن ئاخۇن باي بىلەن ھېساب-كىتاب قىلىشىپ، مەن ئۆز قولۇم بىلەن بەرگەنلىرىم ۋە بۇيرۇتقانلىرىمنى ھېسابلاپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، مەن  زۇنۇن ئاخۇنغا يەنە توقسان ئالتە سەر بەش مىسقال قەرز بولدۇم. بۇ قەرزنىڭ ھۆججىتى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قولىدا ساقلىنىدىغان بولۇپ، زۇنۇن ئاخۇن مەيلى قايسى ۋاقىتتا، قايسى جايدا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسۇن، مەن چوقۇم دەل ۋاقتىدا، شەرتسىز، گۇۋاھچى تەلەپ قىلماي، تولۇقى بىلەن قايتۇرۇپ، بۇ  ھۆججەتنى قايتۇرۇۋالىمەن دەپ ئۆز ئىقرارىمدىن ھۆججەت بەردىم. K|LS VN?K  
مەجلىسكە قاتناشقۇچىلار: ھۈسەيىن ئاخۇن، ئىبراھىم ئاخۇنلار شاھىد.     1~#p3)B  
(بىر دانە كىچىك يۇمىلاق تامغا)                               B ]YY[i  
4-پارچە ھۆججەت:  =j1rw  
موللا رۇستەمنىڭ ئون تۆت چارەكلىك يېرنى موللا مىرسايىد ئاخۇنغا بەخشەندە قېلىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھۆججەت jE{2rw$ZJ?  
nUvxO `2  
ئوقۇلغۇسى: بۇ زىكريدۇر ساديىق ۋە بايىنىدۇر ناتىيىق بىر زامايىرلارغا ئولۇل ئەلباب مەخفى ۋە پوشىيدە قالماسۇنكىم، تارىخقا مىڭ ئىككى يۈز ئون بىر ئۇي يىلىدا، ماھى مۇبارەك شەئبان ئىيىنىڭ سەككىزى ئازىنە كۈنى ئېردىكىم، مۇرات ئارىيق مەۋزىئىداقى ئارا ئوندىن مەنكى موللا رۇستەمدۇرمەن. ئون تۆرت چارەكلىك  مۈلكى زەرخەرىيد يەرىمنى جەمئى ئۈسكىنەسى بىلە موللا مىرسەيىد ئاخۇنغا خۇدا رىزالىقى ئۈچۈن بەخشەندە قىلىپ بەردىم، خاھ سىتىپ يەر، خاھ ئولتۇرۇر، بۇ سۆز خىلاف بولماسۇن دەپ ئۆز تىلىمدىن خەتىئى مۆھۈر بەردىم. ھۇدۇد ئەربەئەسى مەشرىق تەرفى شور ئارىق، فاسىلە سۈگەت؛ شىمال تەرفى باخشى قوزىنىڭ يەرىگە مۇتەسسىل فاسىلە ئورەك؛ مەغرىب تەرەفى ئەۋەز قوزىنىڭ يەرىگە مۇتەسسىل فاسىلە ئورەك؛ جەنۇب تەرەفى مۇھەممەد ھەسەننىڭ يەرىگە مۇتەسسىل فاسىلە ئورەك. موللا نۇرۇز، ئەۋەز قوزى باي، ئۇستا تالايمەت، موللا ئالمە قوزىم، موللا بىلال، موللا ھۈسەيىن، موللا قۇتلۇغ، نىياز سوفى، رەقىمە موللا رەجەب. }$ Am;%?p  
يەشمىسى: بۇ ئاشكارا سۆز ۋە ھەقىقىي باياندۇر. ئۇلۇغلارنىڭ دىققىتىگە يوشۇرۇن، شۇنداقلا نامەلۇم بولمىسۇنكى تارىخقا 1211-يىلى (مىلادىيە 1796-يىلى)، كالا يىلى، 8-ئاينىڭ 8–كۈنى، جۈمە كۈنى ئىدى. مەنكى مۇرات ئېرىق يېنىدىكى ئارا ئون دېگەن جايدىكى موللا رۇستەم. ئون تۆت چارەكلىك  سېتىۋالغان يېرىمنى بارلىق تەۋەلىكلىرى بىلەن بىللە موللا مىرسەيىد ئاخۇنغا خۇدا يولىدا  بەخشەندە قىلىپ بەردىم، سېتىپ خىراجەت قىلسىمۇ مەيلى، ئۆزى ئولتۇرسىمۇ مەيلى، بۇ سۆزۈمنىڭ راستلىقى ئىسپاتىدا ئۆز تىلىمدىن مۆھۈرلۈك خەت بەردىم. بۇ يەرنىڭ چېگرا پاسىللىرى شەرق تەرىپى زەيلىك ئېرىق، سۆگەتنى پاسىلە قىلغان؛ شىمال تەرىپى باخشى قازىنىڭ يېرىگە تۇتاش، پاسىلە -ئورەك؛ غەرب تەرىپى ئەۋەز قازىنىڭ يېرىگە تۇتاش، پاسىلە -ئورەك؛ جەنۇب تەرىپى مۇھەممەد ھەسەننىڭ يېرىگە تۇتاش، پاسىلە-ئورەك. QpPJ99B|  
گۇۋاھچىلار: نورۇز موللا، ئەۋەز قازى باي، تالايمەت ئۇستا، ئالمە قازى موللا، بىلال موللا، ھۈسەيىن موللا، قۇتلۇغ موللا، نىياز سوفى، رەخىمە موللا رەجەب. l*]*.?m/5  
(بىر دانە چوڭ يۇمىلاق تامغا، بىر دانە سوقىچاق تامغا) t,.MtU>K@  
5-پارچە ھۆججەت: y.~y*c6,g  
زۇنۇن ھاجىنىڭ ئون چارەكلىك يېرىنى نۇر بىبىگە ئىجارە بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھۆججەت #"a?3!wr  
   +!V*{<K  
ئوقۇلغۇسى: تارىخقا بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش ئالتە، ماھى جەمادىيەل ئەۋۋەلنىڭ بەشى. دۆلەتباغ لەنگەردىن ئابدۇقادىر ئاخۇند ۋەلەد زۇنۇن ھاجىم ئىقرارى شەرئى قىلدىمكى، ئۈجمەلىكدەكى ئىككى چارەكلىك يەر ۋە سوپۇنچىداكى تۆرت چارەكلىك ۋە لەنگەردىكى تۆرت چارەكلىك يەر، جەمئى ئون چارەكلىك يەرلىرىمنىڭ ئىجارەسىگە يىگىرمە چارەك بۇغداي، قىرىق چارەك قۇناق، جەمئى ئاتمىش چارەك ئاشلارنى نۇر بىبىدىن ئالدىم. كېيىن ۋارسلەر ھازىر بولغاندا ھېسابلاشىپ كەم-زىيادە بولۇپ قالسا، جاۋاب قىلامەن. +'?p $@d  
بوجاڭ ئابدۇكەرىم چوڭام، ھەسەن مۇئەززىن ئاخۇنۇم،كىچىك ئاخۇنلار شاھىد {b>tX)Tep  
يەشمىسى: ھىجرىيىنىڭ 1366-يىلى (مىلادىيە 1946-يىلى)، 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، مەنكى دۆلەتباغ لەنگەردىن ئابدۇقادىر ئاخۇننىڭ ئوغلى زۇنۇن ھاجىم. شەرىئەت بويىچە شۇنى ئىقرار قىلدىمكى، ئۈجمىلىكتىكى ئىككى چارەكلىك يەر ۋە سوپۇنچىدىكى تۆت چارەكلىك ۋە لەنگەردىكى تۆت چارەكلىك يەر، جەمئىي ئون چارەكلىك يېرىمنىڭ ئىجارىسى ھېسابىغا نۇر بىبىدىن يىگىرمە چارەك بۇغداي، قىرىق چارەك قوناق، جەمئىي ئاتمىش چارەك ئاشلىقنى ئالدىم. كېيىن ۋارىسلار ھەممىسى يىغىلىپ، ھېسابلىشىپ، كەم-زىيادە بولۇپ قالسا، ئۆزۈم جاۋاب قىلىمەن. lC +p2OG^[  
بۇجاڭ ئابدۇكېرىم چوڭام، ھەسەن مايزىن ئاخۇنۇم، كىچىك ئاخۇنلار شاھىد بولغان. 8h~v%aZ1  
(بىر دانە يۇمىلاق تامغا) N7*JL2Rnq  
zGu(y@o  
مەنبە : يازغۇچىلار مۇنبىرى

گۈلنىھال 2014-06-21 23:35
ئىنكاسسىز قېلىپ ، بويۇن قىسقان « بىچارە »  تىمام  

tawpek 2014-07-05 19:32
خەت-چەك قىسمىنى ئۆتكەندە بالىلارغا بىلدۈرۈش زۆرۆركەن. 0^'A^  
0\v98g<[+  
تەشەككۇر  ئۇلانمىڭىزغا


查看完整版本: [-- گۈلنىھال:   چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى توختام ھۆججىتىدىن بەش پارچە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled