查看完整版本: [-- گۈلنىھال؛  «ئىككى تېكىن ھېكايىسى»نىڭ تىل تەتقىقاتىغا نەزەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> گۈلنىھال؛  «ئىككى تېكىن ھېكايىسى»نىڭ تىل تەتقىقاتىغا نەزەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-06-18 12:02

گۈلنىھال؛  «ئىككى تېكىن ھېكايىسى»نىڭ تىل تەتقىقاتىغا نەزەر

  قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئىككى تېكىن ھېكايىسى»نىڭ تىل تەتقىقات ئەھۋالىغا نەزەر Ij1 ]GZ`A(  
A#X.c=  
                                مەمىتىمىن ئابدۇللا ئېزىز d~j tWd|?  
                                 rx>Tc#g  
             (خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى لېكتورى، ماگىستىر ئاسپىرانت) sjI[Vq  
51qIo4$  
           قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە ئاساسلىق «ئىككى تېكىن ھېكايىسى»نىڭ نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تىل تەتقىقات ئەھۋالىغا قارىتا سىستېمىلىق چۈشەنچە بېرىلىدۇ. W \}}gIEM+  
   U;{,lS2l  
         ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىككى تېكىن ھېكايىسى؛ تىل تەتقىقاتى؛ تىل ئالاھىدىلىكى } Tr83B|  
0DB 
;b?+:L  
           «ئىككى تېكىن ھېكايىسى» قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان نەسرىي شەكىلدىكى بۇددا دىنىي ھېكايىسى. ئۇ 10-ئەسىردە دۇنخۇاڭدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا قەلەمگە ئېلىنغان. «ئىككى تېكىن ھېكايىسى» مەزمۇنىنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە تىلنىڭ ئاددىيلىقى بىلەن 19-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ھەمدە نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلگەن. ئەمما، دۆلەت ئىچىدە «ئىككى تېكىن ھېكايىسى» تەتقىقاتى ئۇنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلار بىلەنلا چەكلەنگەن. ھازىرغىچە «ئىككى تېكىن ھېكايىسى»نىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە قارىتا سىستېمىلىق تەتقىقات ئىلىپ بېرىلمىغان. -`dxx)x  
«ئىككى تېكىن ھېكايىسى» بىلەن باشقا قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىگە چېتىلىدىغان مەزمۇنلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى دىنى ئېتىقادى، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئەھۋالى، ئەدەبىيات، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى، مىللەتنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئائىت كۆپ قاتلاملىق مەزمۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. qM>OE8c#/  
«ئىككى تېكىن ھېكايىسى»نىڭ تىل سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى: HwW[M[qA  
1. مۇشۇ تۈردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق بۇ ھېكايىنىڭ بارلىققا كېلىش دەۋرى، بىزگىچە يېتىپ كېلىش يوللىرى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە نىسبەتەن تىل نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ ئىلمىي كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ. «ئىككى تېكىن ھېكايىسى»دىكى ئىسىم، پېئىل، سۈپەت، شۇنداقلا باشقا سۆز تۈركۈملىرىگە نىسبەتەن سىستېمىلىق تەھلىل ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ ھېكايە تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ باشقا شۇ دەۋر ھۆججەتلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ھېكايىنىڭ تىلىدىكى ئالاھىدىلىك ھەمدە شۇ دەۋر تىلدىكى ئاساسلىق تىل ئامىللىرىغا قارىتا ئىلمىي ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ. ھېكايە تىلىدىكى تۇرغۇن سۆزلەردىكى ئۆزگىرىش ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ ھېكايىدە نۇرغۇنلىغان خەنزۇچە ۋە زاڭزۇ يېزىقىدىكى سۆزلەرنىڭ ئۇچرىشىشى بىزگە قەدىمكى ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ۋە زاڭزۇلارنىڭ ھەرخىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. «ئىككى تېكىن ھېكايىسى»دىكى سۆزلەرنىڭ سىستېمىلىق تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. 7e4tUAiuU  
2. «ئىككى تېكىن ھېكايىسى»گە قارىتا لېكسىكا تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى تارىخىي تەتقىقاتىنى ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتكىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەرەققىياتى قەدىمكى دەۋر (8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە) ئوتتۇرا دەۋر (9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە) يېقىنقى دەۋر (14-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە) ۋە ھازىرقى دەۋر (20-ئەسىردىن باشلانغان) قاتارلىق جەريانلارنى بېسىپ ئۆتكەن. بۇ ھېكايىدە ئوتتۇرا دەۋر ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت سۆزلۈكلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ سۆزلەر شۇ دەۋر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئوخشاشلا ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە تەۋە بولغان سۆزلۈكلەر ھەم تىل ئامىللىرىنىمۇ ساقلاپ قالغان. مانا مۇشۇنداق تىل ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن بۇ ھېكايىنىڭ تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى تىل ئالاھىدىلىكىنى سېلىشتۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. شۇڭا «ئىككى تېكىن ھېكايىسى»گە قارىتا تىل تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ خام ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. h2|vB+W-  
3. ھېكايىدىكى سۆزلۈكلەرگە قارىتا سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر لېكسىكىشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ مول ماتېرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلى لېكسىكىشۇناسلىق تەتقىقاتى ئاساسلىقى سۆزلەرنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى، سۆزلەرنىڭ گىرامماتىكىلىق كاتېگورىيەسى ۋە سۆزلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ ھېكايىدىكى سۆزلەرنى تۈرلەرگە بۆلۈش، ھەرقايسى گىرامماتىكىلىق كاتېگورىيەلەرنىڭ تەھلىلى، شۇنداقلا ھەرقايسى سۆز تۈركۈملىرىنىڭ قۇرۇلما تەھلىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئېفئولوگىيەسى ۋە لېكسىكىشۇناسلىقىنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. p (xD/E  
تۈرك تىلىنىڭ يېڭى سۆزلەرنى ياساش ئۇسۇللىرى - سۆز تومۇرىغا ياكى سۆز ئۆزىكىگە ھەرخىل قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ سۆز ياساشتىن باشقا يەنە باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىش شەكلى ئارقىلىقمۇ يېڭى سۆز ھاسىل قىلىنىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر تىلىدا پەيدا بولغان يېڭى شەيئى، يېڭى ئۇقۇم تۈرىدىكى كەسپىي سۆزلەرنى ئىپادىلەشتە چەت تىلدىن سۆز قوبۇل قىلىش شەكلى ئاساس قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. يەنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش ئالاھىدىلىكى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ كېتىپ بارىدۇ. باشقا تىلدىن سۆز قوبۇل قىلىش يېڭى سۆز ياساشنىڭ بىردىنبىر ۋاسىتىسى ئەمەس، شۇڭا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل مەنبەلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ يېڭى سۆز ھاسىل قىلىشنىڭ يېڭى بىر يولىنى ئېچىشىمىز كېرەك. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، «ئىككى تېكىن ھېكايىسى»نىڭ لېكسىكا تەتقىقاتى ئەمەلىي ئىشلىتىلىش قىممىتى ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. CDW(qq-zD  
«ئىككى تېكىن ھېكايىسى»نىڭ چەت ئەللەردىكى تەتقىقات ئەھۋالى: |g\.5IM#W  
ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللەت. ئۇيغۇرلار تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا قىممەتلىك ئاغزاكى ۋە يازما ماتېرىياللارنى قالدۇرغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى شېئىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ تۈگىمەس مەنبەسى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ئىككى تېكىن ھېكايىسى» مەزمۇن جەھەتتىن ئىخچام ۋە موللىقى، تىلىنىڭ ئاددىي ۋە كۆركەملىكى، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئۇيغۇر قول يازمىلىرى ئىچىدە يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە. B#GZmv1  
بۇ ھېكايە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان، شۇنداقلا خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان بۇددا دىنىي ھېكايىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بىردىنبىر نۇسخىسى ھازىر پارىژ دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسى (BibliothequeNationale)دا ساقلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ رەت نومۇرى  (P.Chinois 3509). تۆت چاسا كىتابچە شەكلىدە، جەمئىي 40 ۋاراق 80 بەتلىك، ھەربىر بەتتە 7-8 قۇردىن خەت يېزىلغان، بەت چۆرىسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بۇزۇلغان، ماتېرىيالنىڭ قەغىزى جىگەررەڭ، قېلىن ۋە يىرىك بولۇپ، بۇ ماتېرىيالدا يېزىلغان خەتلەر ناھايىتى يىرىك ھەم قويۇق، بەكمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى خەت نۇسخىسىمۇ ئەمەس. لېكىن يۈەن دەۋرىدىكىدەك ئۇنداق ئىنچىكە، نازۇك فورما نۇسخىسىمۇ ئەمەس. ئاساسەن 9-10-ئەسىرلەردە مەۋجۇت بولغان ئوتتۇرا باسقۇچ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇشلىرىدىن قارىغاندا، قەدىمكى تۈرك يېزىقلىرىدىنمۇ تەرەققىي قىلغان. ھەرپ شەكلى قەدىمكى ئۇيغۇرچە (ھازىرقى موڭغۇل يېزىقى) شەكلىدە. pm W6~%}*  
بۇ ھېكايىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى نەشرىنى پېللىئوت (P.Pelliot)1914-يىلى 5-ئايدا «ئۇچۇر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان. تېمىسى: «ئاق ۋە قارا نىيەت تېكىنلەر ھېكايىسىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە قول يازما نۇسخىسى ھەققىدە». ھازىرقى زامان تىلىغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ھېكايىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، خەنزۇچە يېزىلغان بۇددا نومى «ماھايانانىڭ شەپقىتى»دىكى «شەپقەتسىز دوست» قىسسىسىنىڭ مەزمۇنى بىلەن بەكمۇ يېقىن. ۋەقەلىكلەر ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لېكىن ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، گەرچە ئۇيغۇرچىدىكى «ئىككى تېكىن ھېكايىسى بىلەن خەنزۇچە بۇددا نوملىرىنىڭ مەزمۇنى ئازدۇر-كۆپتۇر ئوخشىشىغا قاراپ ئۇنى بىۋاسىتە خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان، دەپ قاراشقا بولمايدۇ. تەتقىقاتقا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ مەزمۇنىدىكى نۇرغۇن ئىنچىكە ھالقىلىق جايلاردا ئوخشىماسلىق بار. مەسىلەن: خەنزۇچە يېزىلغان بۇددا نوملىرىدا ئاق كۆڭۈل تېكىن نامرات خەلقلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پادىشاھتىن خەزىنىنى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە 500 تۇياق پىلغا گۆھەرلەرنى باسقان. ئۇيغۇرچە قوليازمىدا پىلغا ئائىت ئىشلار تىلغا ئېلىنمىغان. خەنزۇچىسىدا قارا نىيەت تېكىن ياخشى نىيەت تېكىننىڭ كۆزىنى ئويۇۋېتىپ گۆھەرنى ئېلىپ قاچقاندا، دەرەخ مۇئەككىلى ياخشى نىيەت تېكىننىڭ كۆزىنى كىمنىڭ قۇيۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكى خاتىرىلەنگەن. ئۇيغۇرچىسىدا ئۆڭكۈر مۇئەككىلى ئېيتىپ بەرگەن دەپ قەيت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇچە بۇددا كىتابلىرىدا باغۋەن ياخشى نىيەت تېكىنگە دەرەخكە قوڭغۇراق ئېسىپ قويغانلىقىنى، قولىدىكى تانىنى تارتىپ قۇزغۇنلارنى ھەيدىشى كېرەكلىكى سۆزلەنسە، ئۇيغۇرچە قوليازمىسىدا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئوخشىماسلىقلار ۋەقەلىكنى بايان قىلغۇچى چۈشۈرۈپ قويغان بولۇشى، ياكى قەلەمگە ئالغۇچى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يېقىن. شۇڭا فىرانسىيەلىك سىمىد بۇ ھېكايىنىڭ ئوخشىمىغان ۋارىيانىتتىكى ئۈچ خىل نۇسخىسى بار دەپ قارايدۇ. 1945-يىلى گېرمانىيەدە «ياخشى نىيەت شاھزادىنىڭ دېڭىزغا كىرىشى» نامىدا بۇ ھېكايىنىڭ نېمسچىسى نەشردىن چىققان. ئۇنىڭدىن كېيىن لورىستۇن ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى ئىشلەپ «شىزاڭغا ئائىت ئەپسانە-رىۋايەتلەر» نامىدىكى توپلامنىڭ 279-،28-بەتلىرىگە «ئىككى قېرىنداشنىڭ ھېكايىسى» نامىدا كىرگۈزۈلگەن. DAMpR3  
ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەلىك ئورخۇن پېللىئوتنىڭ ئېلان قىلغان نەشرىگە ئاساسەن ئۇنىڭ تۈركچىسىنى ئىشلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن فىرانسىيەلىك خەنزۇشۇناس ۋە تۈركشۇناس خامىلتون (JamesRusllHamilton) -1971يىلى بۇ ھېكايىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچىسىغا ئاساسەن قايتىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئالدىنقىلارنىڭ نۇرغۇنلىغان خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئېلان قىلغان ماقالىسىنىڭ تېمىسى: «دۇنخۇاڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹ياخشى-يامان ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى›».  
«ئىككى تېكىن ھېكايىسى»نىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەتقىقات ئەھۋالى: 9(^X2L&Z  
دۆلەت ئىچىدە بۇ ئەسەر ھەققىدىكى تەتقىقات سەل كېيىن باشلانغان بولۇپ، 80-يىللاردىن كېيىن دۇنخۇاڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار ھەققىدە بىر قاتار ماتېرىياللار ئارقا-ئارقىدىن نەشردىن چىقىشقا باشلىغان، بۇ ئەسەرنىڭ يەشمىسى، تىرانسكرىپسىيەسى ۋە ئايرىم سۆزلۈكلەرنىڭ ئىزاھاتى قاتارلىق خىزمەتلەر گېڭ شىمىن، جاڭ تىېشەن باشچىلىقىدىكى نوپۇزلۇق تۈركلوگلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن، ئۇنىڭدىن باشقا مەدەنىيەت، دىن، تارىخ، ئەدەبىيات، فولكلور نۇقتىسىدىن ياڭ فۇشۆ، نىيۇ رۇجى قاتارلىق تىلشۇناس، دىنشۇناس، تارىخشۇناس ئالىملىرىمىزمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن، ئۇيغۇرچە يەشمىسى 1989-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن تاللانما ئەسەرلەر» دېگەن كىتابتا نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ئەسەر مەزمۇنى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى ھەمدە بىر قىسىم يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تەھلىل يۈرگۈزۈلدى، ئۇلارنىڭ ئىشلىگەن بۇ خىزمەتلىرى ئارقىلىق بۇ ئەسەر خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئەمما ئەسەرنىڭ تىلى ھەققىدىكى سىستېمىلىق تەتقىقات تېخى دۆلەت ئىچىدە ئىشلىنىپ باقمىدى. مەن ماگىستىرلىق ئوقۇش ماقالەمدە مۇشۇ ئەسەرنىڭ مورفولوگىيە قىسمىنى ئىشلەپ تاماملاپ، ھېكايىدىكى 700 نەچچە سۆزلۈكنى ئايرىم-ئايرىم رەتكە تۇرغۇزۇپ، يەشمىسىنى ئىشلەپ، شۇ سۆز ئەسەرنىڭ قانداق يېرىدە ئۇچرايدىغانلىقى، قايسى سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ كەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن ھەمدە ھەرقايسى سۆزلۈكلەرنىڭ گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى بويىچە تەپسىلىي تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن، لېكىن ماقالەم خەنزۇچە يېزىلغان بولغاچقا، ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلەشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى ماقالىلىرىمدە مۇشۇ تەتقىقاتىمنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماقچى، ئەگەر مۇشۇ ئەسەر ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنمەكچى بولغان دوستلىرىمىز بولسا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانا تورىغا كىرىپ مېنىڭ ئىسمىم ئارقىلىق ئىزدەپ تېپىپ پايدىلىنىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. 0(9I\j5`TT  
پايدىلانمىلار: >b4YbLkI#  
著作类: "`jZ(+  
[1]耿世民、吐尔逊•阿尤甫等.乌古斯可汗的传说(维吾尔文)[M].乌鲁木齐:新疆人民出版社.1980:1-80 Jl}!CE@-  
[2]李经纬等.高昌回鹘文献语言研究[M].乌鲁木齐:新疆大学出版社.2003:215-401 D)*_{   
[3]牛汝极.维吾尔古文字与古文献导论[M].乌鲁木齐:新疆人民出版社.1997:86-156 n^JUZ8  
[4]阿布都鲁夫•塔克拉玛干尼察哈台维吾尔语语法. [M].北京:民族出版社.2007:100-375 Q_dXRBv=n  
[5]买提热依木•沙依提.突厥语言学导论[M].北京:民族出版社.2004:226-247 do=x 9k@Q  
论文集: )~?S0]j}  
[1] 伊布拉音•穆提义.论《突厥语词典》中的主要文学语言-哈喀尼耶语(维吾尔文).研究所合编.突厥语研究(3)[C].北京:民族出版社.1990:208-231 DV7 
[2]张铁山.突厥语族语言的历史分期及各期的特点.戴庆厦.民族语言文学研究(4)[C].北京:民族出版社.2004:255-270 rY[3_NG%  
学位论文: Bt*&L[&57  
[1]热孜娅•努日.回鹘文哈密本《弥勒会见记》名词研究[D].CNKI:中央民族大学.2006  +eDN,iv  
[2]王生荣.维吾尔语名词语法范畴的演变与发展初探[D].CNKI:新疆大学.2005 K'iS#i7  
[3]迪拉娜•伊斯拉非尔. 回鹘文哈密本《弥勒会见记》之动词词法分析[D].CNKI:中央民族大学.2005 H;TOPtt2  
بۇ ماقالە «‹قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىككى تېكىن ھېكايىسى›نىڭ مورفولوگىيەلىك تەتقىقاتى»نىڭ باسقۇچلۇق نەتىجىلىرىدىن بىرى بولۇپ، تۈر نومۇرى: 10765112110 m0%iw1OsH%  

بابۇر0725 2014-06-18 23:39
مۇھىم بىلىمكەن رەھمەت سىزگە

گۈلنىھال 2014-06-20 15:01
بۇ بىزنىڭ دەرسلىكىمىزگە مۇناسىۋەتلىك تىما بولغاچقا ، مۇنبەرداشلارغا پايدىسى تېگىپ قالارمىكىن دەپ يوللاپ قويدۇم ، مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنارسىلەر ...

مىېھرىما 2014-06-21 22:42
ياخشى پايدىلىنىش ماتريالىكەن . سىزگە رەھمەت !!

ھاتەھاتەم 2014-06-22 11:24
پايدىلنىش قىممىتى يۇقۇرىكەن.پايدىلانساق بولغىدەك.سىزگەكۆپ رەخمەت.

tawpek 2014-07-05 19:27
بۇ ھەقتە بىلىمىم سەل يىتەرسىز ئىدى، كۆپ تەشەككۇر سىزگە

زىيا 2014-07-22 20:10
مەن  ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا بۇ ھەقتە ئاز-تولا توختالغان ئىدىم. شۇ چاغدىكى ھسېبايانىمنى كۆرۈپ باققايسىلەر. $s e !8s"  
/bbs/read.php?tid=13614


查看完整版本: [-- گۈلنىھال؛  «ئىككى تېكىن ھېكايىسى»نىڭ تىل تەتقىقاتىغا نەزەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled