شەبنەم |
2014-06-18 00:37 |
ئاخىرقى جاۋاپ
ئاخىرقى جاۋاپ
ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم
شەپىسىزلا ئۇزارتىپسەن قول ، دىل تارىمنى چەكمەكچى بولۇپ . ۋىسال كۈيى ياڭرىتىپ سەھەر ، مەنزىللەرگە يەتمەكچى بولۇپ .
ئۈمىدلىنىپ يۈرمىگىن زىنھار ، سۆيگۈ كۈيى ئاڭلاپ باھاردا . ماڭا ئاتاپ گۈل ئۈزۈپ يۈرمە، ھەر سەھەردە باغدىن ياناردا .
مېنى ئەسلەپ يۈرمىگىن زىنھار ، سەيلىگاھىڭ بولغاندا بۇلاق . ياپراق بولۇپ قەلب ئىزھارىڭ، ئېقىپ كەتسۇن شۇقەدەر يىراق .
قاراپ قالما يولۇمغا زىنھار ، ئېلىپ بارسا ھېدىمنى شامال . رۇخسارىمنى سېغىنما مەڭگۈ ، مەجنۇنتاللار كۆرسەتسە بىر ھال .
مەنبە --- ئۆز قەلەم
|
|