شەبنەم |
2014-06-18 00:32 |
ئۇنتۇلماس كەچمىش (شەبنەم )
ئۇنتۇلماس كەچمىش
ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم
يامغۇر ياغقان بۇ سوغۇق كېچە ، ئاھ ، باغرىمدا كۆيەر بىر گۈلخان . كىرپىكىمدىن دوملايدۇ ئۈنچە ، ئاھ ، دۇنيامۇ چېكىدۇ پىغان .
كۆزۈم شۇ تاپ بەرگەندۇ سۆزلەپ ، پىنھاندىكى سىرىمنى بىر يول . كۆزلىرىڭمۇ كۆزۈمنى بەزلەپ ، دىدى گۈلۈم خەيرى ئامان بول.
ئاجراپ كەتتى چىرماشقان بارماق ، سەن كەينىڭگە قايرىلغان چاغدا . تەقدىر بەلكىم سالغاندۇ قارماق ، مېنى سەنسىز قالدۇرۇپ داغدا .
كۆرەلمەيمەن سېنى قايتا رەت ، چۈشۈم بولۇپ قالار بۇ كېچە . يۈرىكىمنى بىللە ئېلىپ كەت ، ساقلاپ قويغىن تاكى ئۆلگىچە .
يامغۇر ياغقان بۇ سوغۇق كېچە ، ئاھ ، باغرىمغا ئۇرۇلار بازغان . ھەر يامغۇردا ئەسلە كىيىنچە ، بۇ كەچمىشنى ئىككىمىز يازغان .
|
|