查看完整版本: [-- سۆيگىنىڭ يالغان   (گۈزەل قىز ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> سۆيگىنىڭ يالغان   (گۈزەل قىز ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈزەلقىز614 2014-06-17 16:51

سۆيگىنىڭ يالغان   (گۈزەل قىز )

چۈشەندىم ئاخىرى سۆيگىنىم سېنى ،
سېنى سۆيمەن دىگىنىڭ يالغان .
ساڭا ئادەت ئىكەنغۇ ئەسلى ،
قۇۋ تۈلكىدەك ساختىلىق يالغان .

ئاغزىڭدىلا سۆيۈپسەن ئالداپ ،
چىن يۈركىڭدىن كۆيگىنىڭ يالغان .
دىدىڭ خىيالمىدا پەقەتلا بىر سەن،
ئىشەنمەيمەن ئويۇڭدا بولغىنىم يالغان.

كۆڭلۈمگەچۈشتى ئەجەپ بىر گۇمان،
مېنى شۇنچە ئالداپ يۈرۈپسەن .
ئاغزىمغا تاتلىق كەمپۈتنى سېلىپ ،
باشقا  قىزلارنى پايلاپ يۈرۈپسەن .

يۈركىمدە پەقەتلا سەن ئىدىڭ ،
تاشلىدىڭ مېنى ھىجران ئازاپقا .
كۆزلىرمدىن ئاقتى مارجان ياش ،
قاچتىڭغۇ يار مەندىن يىراققا .

سېنى سۆيمەك بەكلا قىينكەن ،
چارچىدىم تەتۈر قىيناشلىرىڭدىن .
قىزلا بولسا شاللاقلىق قىلىپ ،
كۆڭلۈڭنى ئۇنغا ئىزھار قىلىشتىن .

مەندىن كەچكۈزگەن شۇ گۈزەل يارىڭ ،
سۆيسە مەيلىتى مەن كەبى سېنى .
مەندىن كەچكىنڭگە ئۆكۈنمىگىدەك .
تا ئەبەتكە ئۇسۆيەرمۇ سېنى .

كونا چاپاننى تاشلىۋەتكەندەك ،
تاشلدىڭ كېركىم قالمىغان چاغدا .
پۇشايماندا قالسەن بىر كۈنى ،
بۇرۇنۇڭغائۇندىن مۇش يىگەن چاغدا

ئۇمۇ كىتىدۇ ھامان بىر كۈنى ،
سەنمۇ مېنى تاشلاپ كەتكەندەك .
پۇشايمان ئىچدە يېرلار يۈركىڭ،
خۇددى ئەينەك يەرگەچۈشكەندەك .

ئۇمۇ سۆيدۇ سېنى بىر دەملىك ،
سەنمۇ مېنى كولدۇرلاتقاندەك .
كېتەر يېنىڭدىن خۇشى قالغاندا ،
خۇددى سەنمۇ مەندىن كەچكەندەك .

شۇ چاغ مېنى ئەسلەمسەن يارىم ،
سۆيگەن جانىڭ تاشلاپ قاچقاندا .
كەلسەڭ بىزگە ھايات خۇش باقار  
سۆيگۈ گۈلمىز پۇراق چاچقاندا .

كەلمىسەڭمۇ سۆيمەن سېنى مەڭگۈگە ،
ئوتۇڭدا قاقشال بوپ كۆيۈپ ئۆلسەممۇ .
كۈلكەڭنى كۆرۈپ تۇرساملا مەن خۇش
ھىجراندا قويۇپ كەتكەن بولساڭمۇ .            گۇزەل قىز .

توغراق 2014-06-24 11:18
1.چىن يۈركىڭدىن كۆيگىنىڭ يالغان .
بۇ مىسرانى مۇنداق ئوقۇپ بېقىڭ
چىن يۈرەكتىن كۆيگىنىڭ يالغان.

2.دىدىڭ خىيالمىدا پەقەتلا بىر سەن،
ئىشەنمەيمەن ئويۇڭدا بولغىنىم يالغان.
بۇ مىسرالارنى بۇنداق ئوقۇ بېقىڭ:
دېدىڭ كۆڭلۈمدە پەقەت بىرلا سەن،
بەرگەن ۋەدىلەر ھەممىسى يالغان.
3.يۈركىمدە پەقەتلا سەن ئىدىڭ ،
كۆزلىرمدىن ئاقتى مارجان ياش ،
قاچتىڭغۇ يار مەندىن يىراققا .

بۇ مىسرالارنى مۇنداق ئوقۇپ بېقىڭ
قەلبىمدە پەقەت سەنلا بار ئىدىڭ،
...
كۆزۈمدىن ئاقتى مارجان كەبى ياش.
قاچتىڭغۇ ئەجەپ مەندىن يىراققا.
4.كۆڭلۈڭنى ئۇنغا ئىزھار قىلىشتىن .

بۇ مىسرانى مۇنداق ئوقۇپ بېقىڭ:
كۆڭلۈڭنى ئاڭا ئىزھار قىلىشتىن.


توغراق 2014-06-24 11:19
مۇشۇ بويىچە باشقا جايلىرىنى ئۆزىڭىز تۈزىتىپ بېقىڭ يەنە تىلغا ئازراق ئىشلەڭ!

گۈزەلقىز614 2014-06-24 16:58
توغراق:مۇشۇ بويىچە باشقا جايلىرىنى ئۆزىڭىز تۈزىتىپ بېقىڭ يەنە تىلغا ئازراق ئىشلەڭ! (2014-06-24 11:19) 

رەھمەت تەلىم بەرگنڭىزگە

tawpek 2014-07-05 19:08
ئەكبەر ئاكىمىزغا قوشولوپ توغراق قىرىندىشىمىزنىڭمۇ شىئىرىيەت يىتەكچىسى بولوپ ماڭغىنىدىن سۆيۆندۇق.

تەشەككۇر سىزگە


查看完整版本: [-- سۆيگىنىڭ يالغان   (گۈزەل قىز ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled