tursun |
2014-06-17 15:46 |
تارىم -ئانا...!
تارىم ئانا...!
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
ئۆملۈك مارشى ياڭرايدۇ تىنماي، تارىم ئانا سۆيگەن قىرغاقتىن. بۇژغۇنلىرى ئوينايدۇ ئۇسۇل، دولقۇنىنى سۆيۈپ-يىراقتىن...
جىسمى ئاتەش-تارىم ئانىنىڭ، شىپاھ-كەۋسەر قۇملۇق-باغرىنىڭ. مۇھەببەت ھەم مەردانىلىقمۇ، تەئەللۇقاتى-يۈرەك پارىنىڭ.
يىگىرمە نەچچە ئىقىن ئۇيۇشۇپ، سالام بەردى تارىم-ئانىغا....! ئۆملۈك بىلەن بېقىپ دالىغا، ئىناقلىقىنى-يېقىپ بالىغا...!
تارىم ئانا ئۇلۇغ،مۇقەددەس، خەلقى ئىشچان، ئۇندا زەپەردەس. بۇژغۇنلىرى چاچرار قىياققا، كۆك مايسىلار زوقلىنار پەۋەس...!
2014-6-17
|
|