查看完整版本: [-- توغراق:بىر قىزغا (6) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> توغراق:بىر قىزغا (6) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

توغراق 2014-06-17 14:27

توغراق:بىر قىزغا (6)

بىر قىزغا
ئابدۇۋەلى تۇردى
ئېيتالمايمەن،يۈرەك سۆزۈم كۆپ ئەمما،
يۈرەكنىڭ قېتىدا ساقلانغان پىنھان.
ئۇچراشساق ھەر قېتىم نىمجان بېلىقتەك،
بۇ يۈرەك ئېيتىشقا بەرمىگەن ئىمكان.

ئېيتالمايمەن ،يۈرەك سۆزۈم كۆپ ئەمما،
سۆيگۈدىن پۈتكەن بىر داستان بولغۇدەك.
ئۇنىڭدىن تۆكۈلسە ئىشقىي غەزەللەر،
قىزىلگۈل شېخىغا بۇلبۇل قونغۇدەك.

ئېيتالمايمەن، يۈرەك سۆزۈم كۆپ ئەمما،
بىلمىدىم ،ئاڭلاشقا بارمىكىن رايىڭ؟
ئاڭلىساڭ چېھرىڭدە پارلارمۇ قۇياش؟
يا بۇلۇت توسارمۇ ئايدەك چىرايىڭ؟

ئېيتالمايمەن، يۈرەك سۆزۈم كۆپ ئەمما،
ئېيتاتتىم ئاڭلاشقا بولسىلا تاقەت،
تاقىتىڭ بولمىسا كۆمەي يۈرەككە،
سەن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ساقلاپ ساداقەت.
(ئاپتۇر:ئونسۇ ناھىيە 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە)

ئارزۇيۇم 2014-06-18 10:34
يۈرەك سۆزىڭىزنى ئېيتالمىغىدەك قانداق قىزدۇ-ۇ؟(چاقچاق)

توغراق 2014-06-18 15:06
نېمىشقا ئېيتالمايدىغىنىمنى مەنمۇ ھېچ بىلمەي يۈرۈيمەن.

تىلداش 2014-06-18 16:32
پىكىر ئىزچىللىقى نۇتسىدىن قارىغاندا خېلى نادىر نەزمە بوپتۇ.
...........
تاقىتىڭ بولمىسا كۆمەي يۈرەككە،
سەن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ساقلاپ ساداقەت

شاراپەت 2014-06-25 17:20
مىنىڭچە ياخشى بوپتۇ ، گەرچە مەن شىئىرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىپ كەتمىسەممۇ لىكن بىر قىتىم ئوقوپلا ئاپتورنىڭ نىمە دىمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلەلىدىم ياخشى .

tawpek 2014-07-05 19:02
ئىلگىركى شىئىرلىرىڭىزغا قارىغاندا بۇنىڭ ئاھاڭدارلىقى سەل تۆۋەنرەك چىقتىمۇ قانداق.


查看完整版本: [-- توغراق:بىر قىزغا (6) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled