查看完整版本: [-- گۈلنىھال :  قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرگىچە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> گۈلنىھال :  قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرگىچە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-06-17 10:51

گۈلنىھال :  قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرگىچە

      قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرگىچە =2)t1 H  
]GKx[F{)  
?QT"sj64w  
           ھاياتنۇپۇس مۇھەممەت e`M]ZG rr  
Q4LlToHn  
fB,1s}3Hn  
 >fA@tUQB  
« قىز- ئاياللارغا مەسلىھەت » ناملىق ماقالىلار توپلىمىم نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، مەن ھەرساھە قىز ئاياللىردىن ۋە بەزى ئەرلەردىن 200پارچىغا يىقىن خەت تاپشۇرۋالدىم. ئۇلارنىڭ ئىزھار قىلغان پىكىر ۋە كۆڭلىدىن شۇنى ئېنىق ھېس قىلدىمكى، ئۇلار قەلبى ئويغاق، ئەمما تۇرمۇشتا پىشكەللىكە ئۇچراپ، قەددىنى رۇسلاشقا تەمشىلىۋاتقان، يول ئىزدەۋاتقلار ئىكەن. ئەمما ئۆزىنى يەككە يىگانە ۋە تولىمۇ ئاجىز ھېس قىلىدىغاندەك تۇرشىدۇ. تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆز خىياللىرىنى ئېتراپ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىكەن. روھىدىن، ئىززەتلەشلىردىن بىر پاكىزە ھەسرەت ۋە ئىزگۈ ھارغىنلىق چاقناپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆز روھىدىكى بۇ كۈلەڭگىلەرنىڭ، باشقىلارغا بىچارىلىك بولۇپ كۈرۈنۈشكە رازىكى، جاسارەت، ئىسيانكىرانە ئىزدىنىش، يارىتىش تۇيغۇسى بېرىشتىن قورقۇدىكەن… كىشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرگە رەھىمسىزلىرچە تاجاۋۇزقىلىشىدىن قورقىدىكەن… ئويلاپ قالدىم بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق دەۋرلىرىمنى ئەسلىسەم، 22 ياشقا كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى دەۋرىمدە تەپەككۇرۇمنىڭ ئىنتايىن ئۆتكۈر، زېھنى قۇۋۋىتىمنىڭ كۈچلۈك، جاسارىتىمنىڭ ئۇرغۇپ تۇرىدىغانلىغىنى، مەيلى پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە سەنئەت جەھەتتىن بولسۇن ئۆزگىچە بىر تىرەنلىكتە ھاياتى كۈچۈمنىڭ جۇلالاپ تۇرىدىغانلىغىدىن بەك سۆيۈنىمەن! باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىغا كۈچۈپلا تۇنجى ئوقۇشقا باشلىغان« قىسساسۇل ئەنبىيا »، « چاھاردەرۋىش »، « قانلىق يەر »، « سىرلىق دىلو »، « سۈزۈك ئاسمان » قاتارلىق كىتابلار مېنى يۈكسەك مەنىۋى كامالەت چوققىسىغا ئىنتۈلدۈرەتتى. ئۆسمۈرلۈك قەلبىمدە ھايات ھەقىقەتلىرى ھەققىدىكى تۇنجى بايقاشلىرىمنى تەپەككۇرچان ئىزدىنىشلەرگە ئۇلايتتى. نۇرغۇن نەرسىلەرگە، ھادىسلەرگە « نېمە ئۈچۈن؟ » نەزىردە تىكىلدۈرەتتى. گۈزەل مەنىۋىيەتتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىۋاتقان قەلىپ كۆزۈمگە پۈتكۈل تەبىئەتتىكى جىمى مەۋجۇداتلار ئاجايىپ سىرلىق ۋە سېھىرلىك تۇيۇلۇپ، ھەممە نەرسىگە گويا ماھىيەت ئىزدەۋاتقاندەك ئىنچىكىلەپ قاراپ كېتەتتىم. rspoSPnY1  
دۇرۇس، كۆپ سانلىق بالىلاردا شۇنداق قىزىقىش بولىدۇ، بولۇپمۇ قىزلاردا گۈزەللىككە، نازۇكلىققا، نەپىسلىك ۋە يۇمرانلىققا ئۇرىلىپ كەلگەن ئاجايىپ گۈزەل رومانتىكا، غۇبارسىز مەنىۋى قاتلام كىچىكلىكىدىن باشلاپ يېتىلىشكە باشلايدۇ، مەكتەپلەردىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە قىزلارنىڭ ئۆگۈنىشى، ئەستە ساقلاش، تەپەككۇر قابىلىيتى، نۇتۇق قابىلىيتى ئوغۇللارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. نەتىجىسى ئوغۇللارنىڭكىدىن يۇقىرى تىرىشچان كېلىدۇ. دەرس تەكرارلاش، تاپشۇرۇق ئىشلەشتە ئوغۇللاردىن تەلەپچان ۋە ئەستايىدىل كېلىدۇ. ھازىرقىدەك كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ. تولۇقسىز 3- يىللىقتا ئوقۇۋاتقاندا مەكتەپ بىلەن ئۆي ئارىلىغى 2 كىلومېتىر بولسىمۇ، دەخلىسىز ئۆگۈنۈش قىلىش ئۈچۈن كەچلىك مۇزاكىردىن كېيىن، بىر قىسىم، مەكتەپ قىزلار ياتىغىدا يېتىۋاتقان باشقا قىز ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشاش مەنمۇ ياتاققا بېرىپ قالاتتىم. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا توك ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ 11 – 12 لەرگىچە ئۆگۈنۈش قىلىدىغانلىرمۇ بار ئىدى. مەن تولۇقتا ئوقۇيدىغان بىر نەۋرە ھەدەم بىلەن باشقىلار ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىنمۇ 1 – 2 سائەت ئۆگۈنۈش قىلاتتىم. ئەتتىگەندە سائەت 4 دە تۇرۇۋىلىپ، باشقا بالىلار ئورنىدىن تۇرۇپ بولغىچە يەنە، ئىككى سائەت ئۆگىنىش قىلىۋالاتتىم. jvc?hUcLKT  
ئەدەبىيات دەرىسنى ئەزەلدىن تەھلىل قىلىپ، نەزىريەلەرنىمۇ ئۆزەمنىڭ تەسەۋۋۇرىغا باغلاپ ئەستە قالدۇراتتىم، يادلاشنى پەقەت ياقتۇرمايتتىم. ھەرقانداق دەرسنى دوگما ئەستە قالدۇرۇشقا ئۆچ ئىدىم، ئىنتايىن ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن كۆرەتتىم، يۇقىرى نەتىجە بىلەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىنگە قوبۇل قىلىندىم. بۇ يەردىكى تىرىشچانلىقىم، ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن يۇقىرى بولدى. ngY+Ym  
مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ تۈرلۈك ئىجدىمائى خىزمەتلىرىنى ئىنتايىن جانلىق ئىشلەيتتىم، ئوقۇغۇچىلارنى ھەرخىل پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ، ئىنتايىن ياخشى يىتەكچىلىك قىلاتتىم. شۇ كۈنلۈك دەرىسنى ۋە ئەتىگەنلىك دەرسلەرنى، باشقا ساۋاقداشلىرىم يېتىپ بولغاندا بولسىمۇ شام يورىغىدا، ئۆزەم قانائەت ھاسىل قىلغۇدەك كۆرىۋىتىپ ئاندىن ئارام ئالاتتىم. ئەلاچىلىقنى قولدىن بىرىپ قويۇش ماڭا ھاقارەت تۇيۇلاتتى. ئۆزەمنى چىرايلىق ياساپ، تۈزەپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم، ساۋاقداشلىرىم، مەكتەپداشلىرىم مېنى ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىشاتتى. دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇش مەزگىلى نۇرغۇن قىز – ئۇغۇللارنىڭ مۇھەببەت قاينىمىغا چۈشۈۋاتقان دەۋرى بولسىمۇ، مەندە ئوقۇش يەنە ئوقۇش، باشقا مەكتەپلەرگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بىرلا توسالغۇسىز ئىنتىلىش ھەرقاچان ھۆكۈمران ئىدىكى، چۈش كۆرسەممۇ يەنە ئوقۇپ چۈشەيتتىم، ۋۇجۇدۇم، بىلىم ئېلىشقا ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرغان پەرۋانە ئىدى. قەلبدىكى ئوقۇشقا بېرىش يەنە ئوقۇش تەشنالىغىمنى، سىفەن مەكتەپلىرىگە 2 – 3 يىلدا بىرەر قېتىم كېلىدىغان، ئالاھىدە ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىللىرنى سىفەن شۆيەنگە تاللاش سانىنى كۈتۈش تەشنالىغى، ھەسسىلەپ ئاشۇرۋەتكەن ئىدى. M?~ 
مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشما خىزمىتىدە، قىزلار خىزمىتىنى ئاجايىپ بېرىلىپ جانلىق ئىشلىگەندىن سىرت ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورۇنلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، تاللىنىپ، نۇرغۇن شەرەپلەرگىمۇ ئېرىشتىم. ماڭا كۆز تىكىۋاتقان ئوغۇللار خېلىلا كۆپ بولسىمۇ ھېچقايسىسى، ماڭا گەپ قىلىشقا پېتىنىنالمايتتى. بەزى توي قىلمىغان ئوقۇش پۈتتۈرۈشۈمگە يېقىن كۆڭۈل ئىزھار قىلغان بولسىمۇ، قاتتىق رەت قىلىشىمغا ئۇچرىدى. ھەتتا بەزىلىرگە ئاچچىقلىنىپ، ھار ئېلىپ يىغلاپ تاشلىغىنىم تۈپەيلىدىن ئۇلار بىلەن ھازىرمۇ بەك ئوڭايسىز سالام سائەت قىلىشىمىز يەنە ئوقۇسام، زېھنى قۇۋۋىتىمنى ئۆگۈنۈشكىلا ئاتاپ، ئۆزەمدىكى زېھنى كۈچنى، ئىجادىيلىقنى، يوشۇرۇن ئىقتىدارنى تۇسالغۇسىز قېزىپ چىقسام دەيتتىم. گەرچە بارلىق ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار مېنى ناھايتى ياخشى كۆرسىمۇ، مېنى ھۆرمەتلىسىمۇ، قىسمەن ئايال ئوقۇتقۇچىلار ماڭا ئاغزىدا ھەدەپ قويۇپ، سۇس مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇلارنىڭ چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈشكە ئىتۋار بىرىدىغانلىقىمغا ئۆچلىكىنى بىلەتتىم. بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىپ، ئۆزى چۈشەنمەي تەربىيىلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا، مىللەتنىڭ خانىم قىزلىرىنى تەربىيلەۋاتقان ئۇلارغا ئېچىناتتىم. مەن قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئاڭ قۇرۇلمىسنى، ئاشۇلارنىڭ تار نەزەر دائىرىسى ۋە ئىچى قوتۇرلىغىدىن كۆرگەندەك بولاتتىم! 1'v!9  
مەن بىلەن قېرىشقاندەك يۇقىرى مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇش سانى كەلمەي تۇرۇپلا مەن ئوقۇش پۈتتۈردۈم، مېنى ۋىلايەتنىڭ ئۆزىدە ئېلىپ قىلىش بەدىلىگە توي قىلىش تەلىۋىنى تەرەپ – تەرەپتىن قويىدىغانلار ئاۋۇپ كەتتى. ئوقۇشتىن باشقىنى ئويلىمىغان ئوي – خىياللىرىم بىلەن تەپەككۇر پەرۋازىمنى، نۇرغۇن ئارزۇ – غايىلىرىمنى تاشلاپ، ئۇلارغا « خۇتۇن » بولۇش بەدىلىمگە، مېنى ۋىلايەتتە ئېلىپ قېلىپ ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇرارمىش. مەن خىزمەتكە چىقىپ بولۇپ چوقۇم ئوقۇشقا بارىمەن دەپ يەنە نۇرغۇن ئارزۇ – غايىللىرىمنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ بولغان ئىدىم. ئوقۇشقا بېرىش ماڭا يامىشىۋالغان ئەسەبى سەۋداغا ئايلانغان ئىدى. ئۆزۈم ئۇقۇغان ئوتتۇرا مەكتەپكە تەخسىم قىلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن باشلاپ كەينى – كەينىدىن ئىلتىماس سۇنۇپ يۈرۈپ، 3- يىلى ئاخىرى ئوقۇشقا بېرىش پۇرسىتىمگە ئېرىشتىم، ئۇنىڭغىچە قولىغىمغا نە تۇرمۇش قۇرۇش غەلۋىسى، نە ماڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلىۋاتقان يىگىتلەرنىڭ ئاھۇ – زارى كىرمەيتتى. ئۆيدىكىلەر تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ گىپىنى قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان دەرىجىدە مېنى چۈشىنەتتى. ئوقۇشۇمنى ئۆزلۈكسىز ئۆگۈنۈپ، ئىلگىرلىشىمنى ئارزۇ قىلغاچقا خىزمەت قىلغان ئۈچ يىلدا ئاتا – ئانامنىڭ بېشىنى ئاغرىتقان ئەلچىلەرنڭ گەپلىرىنى، ئۇلار مېنىڭ يۈزۈمگە سالمىدى. بىراق بەزى بەزىدە بېشىمنىمۇ ئاغرىتىپ قويۇشاتتى. V)1:LLRW  
مەن ئۈچ يىل خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىنى، كىشلەرنىڭ ئاڭ ساپاسىنى، ئەخلاق، مەدەنىيەت، دىن تۇسالغۇلىردىكى ئىدىيەلىرنى چۈشىنىپ، بىلىپ يېتىپ، مۇشۇ بىر دەۋر ئۇيغۇر جەمىيتىدە تۇغۇلۇپ قالغان ۋە مۇئەييەن مۇستەقىل قاراش، ئىدىيگە، ئىزدىنىش روھىغا ئىگە ئۇيغۇر قىزى بولۇپ قالغىنىمغا قاتتىق ئۆكۈندۈم. ئاچچىق ياش تۆكتۈم! شۇنى ئېنىق ھېس قىلدىمكى، ماڭا ئوخشاش مۇستەقىل قاراشقا ئىگە، جانلىق ياسىنىپ يۈرۈشنى خالايدىغان، مۇئەييەن خاسلىققا ئىگە قىز، ئاتا – ئانامغا، ئۆزۈمگە بېسىم پەيدا قىلماي، بۇ قەۋم ئىچىدە چەتكە قېقىلماي، بۇرمىلانماي دېسەم، ئاۋۋال توي قىلىشنى تاللىشىم كېرەك ئىكەن. مەندە كىچىكىمدىن ئەستايىدىل، دادىل، مۇستەقىل پىكىر قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان خاراكتېر يېتىلگەن ئىدى. ئىدىيەمدىن ئۆتمىگەن مەسىللىلەردە، كىم ئوتتۇرىغا قۇيۇشتىن قەتئى نەزەر چىڭ تۇرۇۋالاتتىم، نەخ مەيداندا ئىنكار قىلىۋىتەتتىم، كۆپ ھاللاردا باشقا ئادەملەر كۆڭلىدە نارازى بولسىمۇ، سىرتقا چىقىرالماي، ئاۋام ئالدىدا ماقۇل بولغان ئىشلاردا، مەسىلىلەردە، مەن سۈكۈت قىلىشنى خالىمايتتىم. قوشۇلمايدىغانلىغىمنى، نارازىلىغىمنى ئىپادىلىۋىرەتتىم، ئىسيانكارلىققا مايىل مىجەزىمنى خاراكتېرىمنى ياقتۇراتتىم. ئۆزگىچە يول بىلەن پىكىر قىلىپ بېقىشنى ياخشى كۆرەتتىم. h-b5   
جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن شۇنى چۈشەندىمكى، دىنى خۇراپاتلىق ئىدىيسىدە چىرمالغان كىشلىرىمىز، قىزلارنىڭ، ئاتا – ئانا ۋە چوڭلارنىڭ قارشىنى رەت قىلمايدىغان، يەرگە قاراپ، قولىنى كۆكسىگە قويۇپ تۇرۇپ پەرمان قوبۇل قىلىشنى دۇرۇس دەپ بىلىدىغان، ئەرلىرىگە ئىتائەتچانلىق بىلەن نېمە دېسە بوي سۇنىدىغان بولۇشنى خالايدىكەن ھەم شۇنداق بولۇشىغا تىگىشلىك دەپ بىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشنى، ئۆز كۆز قارشىنى دەماللىق بىلەن ئىپادىلەپ، مۇستەقىل ئىش قىلىشنى بىشەملىك دەپ بىلىدىكەن. قىز بالا دېگەن قازان قازان بېشى بىلەن ئۆي ئىشلىرىنىلا بىلسە بولدى دەپ قىزلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە مۇستەقىللىقىغا ئېتۋارسىز قارايدىكەن، ئۇلارنىڭ چىققان ئۇچچىنى تۈرلۈك بېسىملارنى ئىشتىلىپ ئۈزۇپ تۇرىدىكەن، ياندۇرۇپ تۇرىدىكەن. ئادەتتە « قىز بالا دېگەن ئەردە ياخشى، بولمىسا يەردە ياخشى » دېگەن قاراش، ئىدىيە ھەممىدە ھۆكۈمران ئىكەن. ئاياللار، ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆدددىسىدىن نورمالىنى چىقسا، تاماق ئىتىپ، ئۆي يېغىشتۇرۇشنى بىلسە، رايىش، ئوڭلۇق بولسىلا كۇپايە، ھەتتا ئەرلەرنىڭ ئىشىغا خۇتۇن خەق ئارىلاشماسلىغى، ئۇچاق بېشىنىڭ ئىشىنى بىلىشى كېرەك ئىكەن. ئاياللار بەرىبىر كەم ئەقىل بولغاچقا ئەرلەرگە توغرا مەسلىھەت بېرەلمەسمىش. قىزلارنى بۇنداق كەمسىتىش، ئۇلارنى تەربىيىلەشكە ئېتۋار بەرمەسلىك، ئەرگە ئىدىيە جەھەتتىن قۇل قىلىنىپ پالەچ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش، ئۇلارنى ئىزدىنىش، ئىجاد كۆكگە ئۆرلىگىلى قويماي، ئۇنى بىر ئاماللارنى قىلىپ قاپقانغا دەسسىتىپ، نالە – پەريادىلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي، قانات – قۇيرىغىنى بۇغۇچلاپلا خۇتۇنلار سېپىگە قۇشۋېتىلىپلا، تۈگىمەس پارچە – پۇرات قارا ئىشلارغا بەنىت قىلىپلا ئۇلارنى مەنىۋى ۋە جىسمانى جەھەتتىن خۇرسىتىپ تۈگەشتۈرۈش – مانا بۇ، بىزنىڭ كىشلىرىمىزنىڭ، قىز – ئاياللارغا بولغان مۇئامىلىسى ئىكەن! تېز توي قىلىۋېلىش- قىزلارنىڭ بۇ جەمئىيەتتىكى خاتىرجەم، ئىغۋاسىز ياشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەن. كېيىنكى ئىشلاردا ئۆزىنى ياكى دەتتىكامغا تاۋكاغا تاشلايدىكەن ياكى ئۈن – تىنسىز سۈكۈت ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدىكەن ئۆزىدە ئاجايىپ بىر توسالغۇسىز كۈچىنى، زېھىن قۇۋۋىتىنى، ئىجادى تەپەككۇرنى ھېس قىلىپ، تەخىرسىز ئىلگىرلەش، ئىزدىنىش ئىشقىدا ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان قىزلارنىڭ يۈرىكى، مانا مۇشۇنداق ھارسىۋى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مۇجۇپ – مۇجۇپ، چەيلەپ، تاشلىنىدۇ. تۈرلۈك تۈمەن بېسىملار ئىچىدە تۇنجۇقۇپ كەتكەن قىز. گاھ ئاتا – ئانىسىغا، گاھ ئۆزىنى ئۇراپ تۇرغان ئىجتىمائىيەت قاينىمىغا، گاھ رەھىمىسىز ئادەملەرگە ئاجايىپ مۇڭ ۋە بىچارە ئىلتىجا بىلەن تىكىلسىمۇ، ئۇلار بۇنى چۈشەنمەيدۇ. چۈشەنسىمۇ، بۇنى تەنتەكلىك، تاۋۇزنىڭ قوغۇنغا ئايلانغىنى نەدە بار، سەنمۇ يەنە نۇرغۇن ئاياللارغا ئوخشاش ياشىشىڭ كېرەك، رومانتىكىلىقىڭنى قوي، ئەي نارسىدە، ھەركىم سەندەك گۈزەل ئارزۇلارنى قىلمايدۇ، ئەمما رېئاللىق تۇرمۇش سەن ئويلىغاندەك ئەمەس، دەيدۇ – دە، ئۇنى ئاستا – ئاستا پەپىلەپ ئۆزىگە ئوخشاش كۆندۈرۈۋالىدۇ. ئۇلارنى يەنە ئانىلىرىمىزغا ئوخشاش ئۈن – تىنسىز پاجىئە كۈتۈپ تۇرىدۇ. كاللىسى سۈزۈك، ئۆتكۈر، جاسارەتلىك، تىرىشچان قىزلىرىمىزدىن پەخىرلىنىشىپ ئۇياقتا تۇرسۇن ئۇنى چەتكە قېقىپ، يىتىمسىرتىپ، ھەتتا تەنھاچىلىغىنىمۇ بۇزۇپ، ھەدەپ چاڭگال سېلىپ، ئۇلاردا سىقىلىش پەيدا قىلىمىز. غايە بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرسىدىكى تەنھالىق، مەنىسىزلىك، يېتىرقاش ھېس قىلىۋاتقان، يەكلەنگەن، چەكلەنگەن، جاسارىتىنىڭ قىرقىلىۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ ئىجدىمائى قاينامغا كۈچەپ ئىتتىرىپلا، ئۇنىڭ كاپ ئىتىلىشىدىن ھۇزۇرلىنىپ ھاردۇقمىز چىقىدۇ. ئاندىن يەنە شۇنداق قىلىدىغان قىزدىن قايسى باردۇر دە، يەنە سۆيۈملۈك، قەدىرلەشكە تىگىشلىك قىزلىرىمىزنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى تالان – تاراج قىلىشقا، ھەرخىل رەزىل ۋاستىلەر بىلەن تاجاۋۇز قىلىشقا باشلايمىز. ^?s~Fk_V  
ئۆز قەۋمىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىنىشىگە، ئاتا – ئانىسىنىڭ مۇكەممەل پەرۋىشكە ئېرىشەلمىگەن، ئۆزى – ئۆزىنى تەربىيىلەي، كەم بوشلۇقلارنى تولدۇراي، ئۆزەمنى تولۇق قېزىپ، بارلىق كۈچۈمدىن تولۇق پايدىلىناي دېسە، ئۆز قېرىنداشلىرىمنىڭ خانىۋەيران قىلىشىغا، رەھىمسىز روھى زەربىلىرىگە دۇچ كەلگەن بىچارە ئۇيغۇرنىڭ ساناقلىق قىزلىرى! سىلەر ئۆزۈڭلەرنى، جەمئىيەتنى چۈشەنمەي، تەپەككۇرۇڭلارنى ئاچالماي، ئەقىلىڭلارنى قانداق ئىشلىتىشنى، ۋە قېزىشنى بىلمەي تۇرۇپ، جاسارىتىڭلاردىن ئايرىلىپ قالدىڭلار! سىلەردەك ساناقلىقلار قىزلىرىدا ئويغانغان روھىنى، بۇ قەۋمىڭلار قەدىرلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس! ئۆزەڭلار ۋە جەمئىيەت ھەققىدە ئىنچىكە تەربىيەگە، چۈشىنىشكە ئىگە قىلىنماي تۇرۇپ، ئوۋلاپ كىلىنگەن قۇزىچاق بىر مۇنچە گۆشخۇرنىڭ ئالدىغا تاشلانغاندەك، بىچارىلەرچە تاشلاندىڭلار. ئاياللىق سەنئەت، قەلبىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئايال بولۇشقا قىستالدىڭلار، ئېرىڭلارغا قانداق خۇتۇن بولۇشنى بىلمەي تۇرۇپ، خۇتۇنلار سېپىگە تۇمتاقلا پالاندىڭلار! ئەمدى ئۈچ ۋاخ تاماق، ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىشىڭلار، ئېرىڭلار مەيلى قانداق مىجەز خاراكتېر، قانداق مەدەنىيەت سەۋىيە، قانداق ئاڭ ساپادىكى ئادەم بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئىدىيەڭلاردىن ئۆتسۇن – ئۆتمىسۇن رايىشلارچە ئۇنىڭ ئىدىيە، كۆز قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىشڭلار كېرەك، ئۇلارغا دادىل، ئەقەللى مەسلىھەت بېرىپ، ھازىرقى زامان تەرەققياتىغا ماس ھالدىكى مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا، ئىدىيۋى ساپا بىلىمى يېتەرلىك بولغان ئاياللىق ئوبراز، ئاياللىق سالاھىيەت سىلەردە بارمۇ؟ سىلەردە، ئېرىڭلارنىڭ مىجەزى قانداق بولسا شۇنىڭغا قاراپ ئۆزەڭلارنى تەربىيىلەشتىن باشقا، يۈكسەك ئاياللىق سەنئەت ۋە ئاقىل ئاياللىق ماھارەت بىلەن ئېرىڭلارنى قايىل ۋە مايىل قىلىپ، ئۇنى بەلگىلىك دەرىجىدە ھەم يېتەكلىيەلەيدىغان ھەم پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈپ، خاراكتېرنى پىششىقلاپ، ئەرلىك قەددىنى تېخىمۇ مۇكەممەل تىكلىيەلەيدىغان ساپا بارمۇ؟ بىر كۈنلەردە، تەربىيە كۆرمىگەن مىجەز خاراكتېرىڭلاردىن، ئىدىيە ۋە ساپايىڭلاردىن ئېرىڭلار زېرىكىپ، سىرتتىكى ئاياللارغا ئۆزىنى ئاتسا، ئۇنى خىجىلچانلىق، سوغۇققانلىق ۋە ئەپچىللىك بىلەن قايتۇرۇپ كىلىپ، ئىللىق ئائىلەڭلارنى قوغدىيالايدىغان، ئەر – ئاياللىق مەجبۇرىيەتنى تولۇق تونۇتۇپ ئادا قىلالايدىغان ۋە قىلدۇرالايدىغان، ئەرلىرىڭلارغا ۋە ئۆزەڭلەرغا ئەمىلى توغرا دېئاگنۇز قويۇپ، خارەكتېر مىجەزدىكى بارلىق تەئەللۇقاتىنى، گۈزەل بەختلىك ئائىلەڭلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى، ئائىلىنى، ئۆزەڭلارنى، بىر – بىرىڭلارنى پەرۋىش قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلالايدىغان سەنئەت بارمۇ؟ ئۆزەڭلار ھېچقانداق تەربىيىلەنمىگەن بالا خارەكتېر تۇرۇپ، بالىلىق بولىۋاتىسىلەر، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزەڭلارغا ئوخشاش تەربىيىسىز، پەرۋىشسىز قالىدىغانلىغىدىن ئۆكۈنۈپ ياش تۆكسەڭلار كۆز يېشىڭلارنى سۈرتكىلى كىم چىقتى، كۆز يېشىڭلارنى كىم چۈشەندى؟ ھەتتا بەزى كىشلەر، بۇ قىياپىتىڭلارنى تاماشا قىلىپ كۈلۈشتى. سىلەرنى مەسخىرە قىلدى، سىلەرگە تەسەللى بىرىپ ئىللىق باغرىغا ئالىدىغانغا كىم چىقتى؟ ئۆز قەۋمىڭلارنىڭ قۇترىغان نادان ئادەملىرى بۇ يەردىكى پاجىئەلەرنى ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىغىنى تەن ئالمىدى. سىلەرنى مۇشۇنداق قىلىپ قويغانلىغىدىن خىجىللىق ھېس قىلمىدى، ئۆزىنى ئەمەس، يەنىلا سىلەرنى ئەيىپلىدى. قىزلارنىڭ كۆز يېشى، ئانىلارنىڭ كۆز يىشى، تىراگىدىيەگە ئايلىنىۋاتقان چەكسىز مەنىۋى خورلۇق!… j FPU zB"  
قىزلار ھەرقايسى ياش باسقۇچىلىرىدا ئىنچىكىلىك ۋە ئەستايدىللىق بىلەن ئىشلەنگەن پەرۋىشگە تەشنا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك قەلبى بالىلارچە قىززىقىش بىلەن نۇرغۇن « نېمە ئۈچۈن » لەرگە زېرىكمەي جاۋاپ بېرىشنى كۈتىدۇ، تەبىئەتنىڭ بارلىق مەۋجۇداتلىرى بىلەن بىمالال ئۇچرىشىشنى خالايدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ شۇنچە كۆپ « نېمە ئۈچۈن » لىرىگە زېرىكمەي، تولۇق ۋاقىت ئاجرىتىپ جاۋاپ بېرەلەيدىغان ئاتا – ئانىنى تاپماق بەسى مۈشكۈل، مەكتەپلەردىكى تەربىيىلىنىش، پىلان بويىچە جانسىلار ئۆگۈتۈشتىن ۋاقىت ئېشىنمايدۇ. سانائەت ۋە شەھەرلىشىشنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغان تەبىئەتنىڭ ئەسلى ھالىتىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بوپكەتتى. بالىلار ئۇنى تېلىۋُېزورلاردىكى ئانچە – مۇنچە بېرىدىغان پىروگراممىلاردىنلا كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قۇيۇشى ئۇلارغا فىزىئولوگىيە ۋە پسىخىكا جەھەتتىن چوڭ ئىنقىلاپنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، تېنىىمۇ ئىنچىكە، ئەتىراپلىق ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك تەربىيىگە مۇھتاج بولىدۇ. فىزىئولوگىيە جەھەتتىن بەدىندە روشەن ئۆزگۈرۈش بولۇپلا قالماي، دۇنيا قاراش شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. مۇھەببەت- سۆيگۈ. مەسىللىرىگە دۇچ كېلىشكە باشلايدۇ. ئەمما ئۇلاردا ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى توغرا چۈشىنىپ، ئۆزىنى تەھلىل قىلالىغۇدەك، قايناق ھېسياتىنى كونتىرول قىلىپ، توغرا يولىنى تاللىۋالالىغۇدەك ۋە ئۆزىنى بايقاپ، قېزىپ چىقىپ، ئاخىرقى نىشانىنى بەلگىلىيەلىگۈدەك ئىدىيە ۋە ساپا، ھەرىكەت تەييارلىقى بولمىغاچقا، قەدەمنى خاتا ئېلىپ قۇيىدۇ. زېھنى چېچىلىدۇ، تەپەككۇرى بۇغىلىدۇ، ھەربىر قەدەمدە بىر پۇتلاشقانسىرى ئەقلى قابىلىيتىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. aVQSN  
شۇ قاينامغا موللاقشىپ كىرىپ كەتكەچكە ھۇشىنى تاپالماي، ئۆزىنى ھېس قىلىپ بولالماي ئەل نەرقى تىنىمسىز تۇرمۇشىنى باشلاپ كېتىدۇ، ئەسلى فۇنكىسىيەسى بويىچە توغرا يىتەكلەنمىگەن ئەقلى، تەپەككۇر تەرەققىياتى بۇغۇلۇپ ياكى شاللىنىپ رېئاللىقنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ ئۆزگىچە ھاياتى كۈچىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ، يول ئېچىپ ئىلگىرلەيدىغان بىر يېڭى ئەقىل، يېڭى بىر جاسارەت، يېڭىچە بىر روھ يوقۇلۇپ، ئەگەشكۈچى، ماسلاشقۇچى ئەقىل ۋە جان باقار روھتىن بىرسى كۆپىيدۇ.شۇنداق قىلىپ ئۆزىنى بىلىپ بىلمەي ئانا بولۇپقالغان قىز، ئانىلىق سالاھىيەت ھازىرلاپ بولالمىغان نادان ئانا، ئۆزى تەربىيىگە قانمىغان قەلبى بىلەن پەرزەنت تەربىيىلەشكە باشلايدۇ، مانا بىزلەر ۋە بىزدىن كېيىنلەر، مۇشۇ ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ ئاياللار پاجىئەسىنىڭ مەھسۇلى « 0 » ئۇرۇنغا قالغان قۇرۇق قەلبى، روھى، مەنىۋى دۇنياسىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان جەمئىيەتنىڭ يامان تەسىرىدە بالىلار ئادەمىيلىك ساپاسى، ئىجدىمائى ساپاسى تۆۋەن ئادەملەردىن بولۇپ قالىدۇ. c/ 
ئۆز پەرزەنىتلىرى ۋە قىزلىرنى ياخشى تەربىيىلىيەلمىگەن، ئۇندىكى ئىجدىمائى ۋە تەبىئى سەۋەپنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنالمىغان، ئۇنى ئۆزگەرتەلمىگەن، كۆزى ئۇچۇق قارىغۇ، نادان ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ پاجىئە يىلتىزى دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىپ، يەنە مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدۇ. ?E+:]j_  
قەلبى ئويغاق، تەپەككۇرى جانلىق، كاللىسى سۈزۈك قىزلىرىمىزنىڭ قىزلىق دوقمۇشى ئىزدىنىشلىرى بىلەن ئانىلىق سەپىرى ئارىلىقىدا ھېس قىلغان ئاچچىق – چۈچۈكلىرى، يەكلىنىش، چەكلىنىشلىرى، سىقىلىشلىرى ۋە قېيداش ئىچىدىكى يۈزلىنىشلىرىگە ئاجايىپ بىر بىچارە، چىدىغۇسىز ھەسرەت، مۇڭلۇق تىراگىدىيە سىڭىپ كەتكەن، بۇ بىر قەۋمنىڭ، بىر مىللەتنىڭ پەريادىغا، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان چوڭقۇر روھى تىلسىماتنىڭ جۇغلىنىشى! قاچانكى مۇشۇ تىلسىمات بايقىلىپ، ئېچىلىپ چىقىدىكەن، مىللەت قايتىدىن تەربىيچىگە ۋە ئاخىرقى خۇلاسىگە ئېرىشەلەيدۇ! .~.``a  
قىزلىق دوقمۇشى بىلەن ئانىلىق سەپىرگىچە بولغان جەريانغا، ئاجايىپ مۇڭلۇق بىر پاجىئە، دۇنياغا پاتمايدىغان چىدىغۇسىز بىر غىرىپ تىراگىدىيە سىڭىپ كەتكەن، قاچانكى مۇشۇ تىراگىدىيەگە چۆكەلىسەك قىزلىرىمىزنى چۈشنەلەيمىز، ئانىلىرىمىزنى قۇدرەتلىك، غالىپ ئانىلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرەلەيمىز!… ~!]&>n;=G  
j3x^<a\gJ  
ئاياللار ژورنىلى   2- سان 1R=)17'O  
f^W[; w  
k}-yOP{  
    

ئارزۇيۇم 2014-06-17 12:51
ياخشى ماتىريالكەن.سىزگە ئاپىرىن. drW~)6Lr@  

نۇرلالە 2014-06-17 18:04
ئەپسۇس...ئاپتۇرى قازا قىلىپ كەتتى -دە!

گۈلنىھال 2014-06-17 22:13
نۇرلالە:ئەپسۇس...ئاپتۇرى قازا قىلىپ كەتتى -دە! (2014-06-17 18:04) 
cK`"lxO  
شۇنداق ، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي !

tawpek 2014-06-17 22:29
قىزلار تەربىيسى ھەققىدىكى ئوقوغان ئەڭ ياخشى ماقالەم دىيىشكە بولىدۇ. H ?M/mGP  
c`*TPqw(B[  
ra N)8w}-  
9- ئايدا سىنىپ ئالسام سىنىپىمدىكى قىزلارغا پات-پات ئوقوپ بىرىش،  ھەتتا  ئۇ كىتابنى ئۇلارغا سوۋغا قىلىش نىيتىگە كەلدىم

ozqan 2014-06-17 23:02
ئاپتورنىڭ «قىز-ئاياللارغا مەسلىھەت '' دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ شۇنداق ياقتۇرغان ، كىتابتىن بۇ گۈزەل قىزنىڭ ، ئىسمى غەيرى قىزنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ شۇنداق چىرايلىق ، شۇنداق ئۆزگىچە خاسلىقى بار بۇ قىزغا تولىمۇ مەستلىكىم كەلگەنىدى ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرى كۆڭلۈمنى ئاجايىپ يېرىم قىلغان ئىدى ... A5'NG t  
بۇ ماقالىنى كۆرۈپ يەنە شۇ چاغدىكى ھېسياتىم بەك قىينىدى ... !\8  ;d8  
بۇ ھەقىقەتەن ئېسىل ئەسەر . رەھمەت  ، يوللانمىڭىزغا گۈلنىھال .

گۈلنىھال 2014-06-18 10:36
ozqan:ئاپتورنىڭ «قىز-ئاياللارغا مەسلىھەت '' دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ شۇنداق ياقتۇرغان ، كىتابتىن بۇ گۈزەل قىزنىڭ ، ئىسمى غەيرى قىزنىڭ رەسىمىنى كۆر .. (2014-06-17 23:02) 
[o F|s-"9!  
رەھمەت ئۆزقان مۇئەللىم . wm+/e#'&  
XoA+MuDzpo  
ھاياتنوپۇسنىڭ ئەسەرلىرىنى شۇنداق ياقتۇراتتىم ، مېنىڭمۇ ئۇنىڭ ۋاپاتىغا كۆڭلۈم بەك يېرىم ...

گۈلنىھال 2014-06-18 10:37
tawpek:قىزلار تەربىيسى ھەققىدىكى ئوقوغان ئەڭ ياخشى ماقالەم دىيىشكە بولىدۇ.9- ئايدا سىنىپ ئالسام سىنىپىمدىكى قىزلارغا پات-پات ئوقوپ بىرىش،  ھە .. (2014-06-17 22:29) 
b@2J]Ay E*  
شۇنداق قىلىسىڭىز ھەقىقەتەن ئۆلگە ئالساق بولغۇدەك ئىش بولغۇدەك ...

مىېھرىما 2014-06-21 08:48
ياخشى ماتريالكەن. c~v~2DM  
d%0~c' D8a  
ھەم قىزلار ھەم ئانلارغا  ياخشى سوۋغا بوپتۇ.

ئەكبەرنىياز 2014-06-24 15:37
ھەقىقەتەن ياخشى ماقالىكەن ، كۆپ رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- گۈلنىھال :  قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرگىچە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled