سەئىدىيە |
2014-06-16 22:57 |
ئائىلىدە تۇخۇم يېغى ياساش
زاغرا نانچىلىك چوڭلۇقتىكى توڭلاتقۇغا سالمىغان يېڭى قۇيرۇق ماينى ئېرىتىۋالىمىز. 20 دانە يەرلىك توخۇ تۇخۇمى تاپالىساق ، شۇنى پۇشۇرۇپ، تۇخۇمنى سويۇپ، سېرىقىنى ئېرىتىۋالغان قۇيرۇق مايغا ئالدىرماي ، ئۇششاق ئۇۋاپ سالىمىز. ( دىققەت: قازاننى ئوچاقتىن ئېلىۋېتىپ تۇرۇپ ئاندىن تۇخۇمنى ماي ئۈسىتىگە ئۇۋاپ سالىمىز.) بىر قولىمىزدا چۈمۈچنىڭ كەينى تەرىپى بىلەن توختىماي ئېلەشتۈرىمىز، بىر قولىمىزدا تۇخۇمنى ئۇۋاپ سالىمىز. ئېلەشتۈرگەن ۋاقىتتا كۆپۈكچە كۆتۈرلۈپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن ئەنسىرمىسەكمۇ بولىدۇ. تۇخۇمنى ئۇۋاپ بولۇپ ، ئۇنىڭغا دورا- دەرمەكلەردىن ئايلىش، جويزا، قىزىل قىچى، قەلەمپۇ قاتارلىقلارنى سوقتۇرۇپ ئالدىن تەييارلىۋېلىپ، تۇخۇمنى ئېلەشتۈرگەن ۋاقىتتا تەڭ ئېلەشتۈرسەك بولىدۇ. ئېلەشتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ، سۇس ئوتتا 10-15 مىنۇتقىچە قىزدۇرۇپ ئالمىز . قىزدۇرۇش جەريانىدا توختىماي ئىلەشتۈرۈپ تۇرىمىز. شىپالىق رولى: 1.چاچقا سۇرۈپ. 1-2 سائەتتىن كىيىن يۇيۋېتىمىز ، چاچنى پارقىراق، دانلىق قىلىدۇ ، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە چاچتىكى ئاقلارنى ئازايتىشتا كۆرۈنەرلىك رولى بار. 2. سوغۇقى ئېشىپ كەتكەن بالىلارنىڭ بەدىنىگە سۈرۈپ ، يوتقان - كۆرپىسىنى ئاپتاپقا سېلىپ ئىسسىق ياتقۇزۇپ ، ئۇخلاتقاندا بەدەندىكى نەملىكنى تارتىپ ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. يوتقان- كۆرپىگە سىيىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 3. ئاياللار كېسەللەكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 4. ئۆپكە خاراكتىرلىك كېسەللەرگە، رېماتىزىم كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: يۈركىنىڭ ئىسسىقى بارلار ياكى يۈرەك كېسىلى بارلارغا ماس كەلمەيدۇ. ئۈچىيىنىڭ ئىسسىقى بارلارغا ئازراق ئىشىلتىلىدۇ ياكى يىمەكلىك بىلەن تەڭشەپ ئىشىلتىشكە بولىدۇ. بالىلارغا سۈرگەندە، تاپان قىسمىغا، مەيدە، دۈمبە قىسىملىرىغا ( يۈرەك، ئۆپكە بار يەرلەرگە) سۈرۈشكە بولمايدۇ.
مەنبە: تەجرىبەمدىن
|
|