查看完整版本: [-- ئاتا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ئاتا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھاتەھاتەم 2014-06-16 17:21

ئاتا

ئاتا
ئالەم ماڭا قاراڭغۇ بولدى،
ئاتا سەندىن ئايرىلغان چاغدا.
يۈرەكلىرىم قان –ياش بولدى
تاۋۇتۇڭنى كۆتۈرگەن چاغدا.

ئاتا سېنى ئەسلىسەم دائىم،
كۆزلىرىمدىن ياشلار ئاقىدۇ.
سېغىنىشنىڭ ئوتلىرى دائىم
يۈرىكىمنى تىلغاپ قاچىدۇ.

كۆز يۇمدۇڭغۇ ئارمانلار بىلەن
ئۆمرۇڭ ئۆتتى،  جاپالار بىلەن.
قوللىرىڭ دائىم قاداقلار بىلەن
ئۆتتى كۈنىڭ ئەمگەكلەر بىلەن.

سېنىڭ گۈزەل باغلىرىڭ قالدى،
ھالال تەرىڭ قىممىتىڭ قالدى.
پەرزەنت ئۈچۈن كۆيگەن يۈرىكىڭ،
باغاشلىغان زېمىنىڭ قالدى.
مەنبە: ئىجاديىتىم

ئارزۇيۇم 2014-06-16 17:55
شئېر بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.

ئارزۇيۇم 2014-06-16 17:56
سىزگە ئاپىرىن.

تىلداش 2014-06-16 17:57
ئەسىرىڭىزنىڭ لىرىك تەسۋىرى ناھايىتى مۇكەممەل چىقىپتۇ.
مەرھۇم ئاتىلارنىڭ ھاياتلارغا قالدۇرغان ئىمالىرى ئەستىن چىقمىغاي...
...................
«قوللىرىڭ دائىم قاداقلار بىلەن»
بۇ مىسرانى قايتا كۈرۈپ، تۇراقنى تەڭشەپ قويارسىز

ozqan 2014-06-16 18:08
  ئاتا-ئانىنى كۈيلەپ - كۈيلەپ تۈگۈتەلمەيمىز ، چىن ھېسسىيات بىلەن چىققان شېئىركەن ...

ھاتەھاتەم 2014-06-17 09:53
تورداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ،قىممەتلىك ئىنكاسلارنى قالدۇرغۇنىڭلارغا چىن قەلبىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن.

توغراق 2014-06-17 17:34
قوللىرىڭ دائىم قاداقلار بىلەن

بۇ مىسرانى مۇنداق ئويلىشىپ بېقىڭ:

قولۇڭ تولغان قاداقلار بىلەن.

ھاتەھاتەم 2014-06-18 17:46
قوللىرىڭ دائىم قاداقلار بىلەن
بۇ مىسرا ئۇستىدە ئويلۇشۇپ باقسام بولغىدەك.
قولۇڭ تولغان قاداقلار بىلەن.
مىسراسىنى توغرا تاپتىم .سىزگە كۆپ تەشەككۇر.   

ئەكبەرنىياز 2014-06-24 14:50
ھىسسىياتنى ئەركىن قويۇۋەتكەن بولسىڭىز ناھايىتى ياخشى بىر داستان پۈتەتتىكەن ، ئويلىشىپ باقارسىز !!!

tawpek 2014-07-04 22:28
دادامنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى يىقىنلاشقان پەيىتلەردە دادام ھەققىدىكى كارتىنىلار كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى.

داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇڭ


查看完整版本: [-- ئاتا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled