查看完整版本: [-- مېنىڭ مەھەللەم (ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەكتەپ گىزىتى دىن ئۈنچى لەر -> مېنىڭ مەھەللەم (ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئارزۇيۇم 2014-06-16 11:59

مېنىڭ مەھەللەم (ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى )

مېنىڭ مەھەللەم يارتۈگمەن،
ئېگىز- ئېگىز قاراقلار.
قاراقلارنىڭ ئۈستىدە،
يۇلغۇن بىلەن يانتاقلار.

مەھەللەمنىڭ قاراقلىرىنى،
كۆرگەنلەر بىر تاغ دەيدۇ.
يۇلغۇن بىلەن سۆگەتنى،
بەك چىرايلىق گۈل دەيدۇ.

مەھەللەمنىڭ دېھقانلىرى،
تولىمۇ ئىشچان، ئەمگەكچان.
ئۇلار ماڭغان يوللاردىن،
گۈللەر ئۈنسۇن ھەرقاچان.


تىلداش 2014-06-16 17:14
مەھەللەم يارتۈگمەن،
ئېگىز- ئېگىز قاراقلار.
ئۈستىدە،
يۇلغۇن بىلەن يانتاقلار.

مەھەللەم
قاراقلىرى_ تاغ.
يۇلغۇن، سۆگەت، ئۇنىڭ گۈل تاجى.

دېھقانلىرى،
ئىشچان، ئەمگەكچان.
ئاياقىدىن،
گۈللەر ئۈننەر ھەرقاچان.

يارتۈگمەن_جىسمىم مېنىڭ،
قاراقلىرى،
يۇلغۇن يانتاقلىرى...
دېھقىنىم ئاياقىدا ئۈنگەن
گۈل ياپراقلىرى.
نەپەسلىرىم:
مەھەللەمنىڭ پۇراقلىرى...
......

يوللانمىڭىزغا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزگە بەركەتلەر تولسۇن...
(ھەۋەسكارنىڭ نەزمىسىنى يۇقۇرقىدەك ئوقۇپ قويغىنىمنى توغرا چۈشىنەرسىز)

ozqan 2014-06-16 17:21
شېئىرىي دىتى بار ئوقۇغۇچىكەن ...

ئارزۇيۇم 2014-06-17 11:02
تىلداش، سىزنىڭ يازغان چاچما شېئىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ.

ئارزۇيۇم 2014-06-17 11:09
مېنى قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت.

قاراخان 2014-06-19 01:47
بىزنىڭ يېزىدا يار تۈگمەن دەپ بىر كەنىت بولىدىغان، شۇ بوپ قالمىسۇن يەنە؟!

ئەكبەرنىياز 2014-06-24 14:42
ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ پاكىز ئىلھامىغا ئاپىرىن !!!

tawpek 2014-07-04 21:34
قايسى يىللىقتىكى قايسى ئوقوغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ ئىيتىۋەتمەپسىز؟


查看完整版本: [-- مېنىڭ مەھەللەم (ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled