查看完整版本: [-- ئىككى شىئېر    (نۇرقىز) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ئىككى شىئېر    (نۇرقىز) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرقىز 2014-06-16 11:13

ئىككى شىئېر    (نۇرقىز)

ھايات ھېكمىتى

(نۇرقىز)

شامال دەيدۇ پىچىرلاپ،
سۆيدۈم نىگار مەڭزىنى،
تاتلىق ئۈپۈپ بويىنغا،
پۇرىۋالدىم چېچىنى.

نىگار دەيدۇ ئەكەلدىڭ،
يار ھىدىنى ئەي شامال.
نەپەسلىرىڭ يار نەپسى،
تاپتى روھىم دەم ۋىسال.

ھايات شۇنداق ئۆزگىچە،
ھەر كاللىدا ھەر خىيال.
تاپسا مەنا ھەر ئىشتىن،
تاپۇر ئوخشاش بىر ۋىسال.


شىئېر ۋە شائىر

(نۇرقىز)


سەن قەلبىمگە سىڭگەن شۇ كۈندە،
مەن شىئېرغا ئايلانغان ئىدىم.
تۇرساممۇ گەر ئالدىڭدا ھامان،
بىر قېتىممۇ ئوقۇلماي قالدىم.

بىر قېتىممۇ ئوقۇلماي قالدىم،
كۆز نۇرلىرىڭ چۈشمىدى زىنھار.
دىرىلديدۇ ئوتلۇق مىسرالار،
تىنىقلىرىم چۈشەيدۇ باھار.

تىنىقلىرىم چۈشەيدۇ باھار،
ۋۇجۇدۇمدىن ئاتەشلەر يانار.
مۇھەببەتتە پىشقان بىر شىئېر،
ئاھ،ئوقۇقسىز قالغان نەدە بار؟

ئاھ،ئوقۇقسىز قالغان نەدە بار؟
قىيام بولۇپ كەتكەن بىر شىئېر،
قەدرىم قىلىپ ئوقۇربىر كۈنى،
مۇھەببەتلىك ھەقىقى شائىر
.


ئۇيغۇر 2014-06-16 22:53
شىئېرىڭىز بەكلا ياخشى چىقىپتۇ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. ئىسىل لىرىكىڭىزدىن بەھىرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت. كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، مۇھەببەت دىگەن ئەزەلدىن غەلبىلىك بولغان ئەمەس. سىزنىڭ قەدرىڭىز بولسۇن ياكى بولمىسۇن يەنىلا شۇ ئىلگىركى خۇشال چاغلىرىڭىزنى ئۇنۇتماڭ. ئادەم دىگەن مۇھاببەتنىڭ ئازابىنى تارتقاندا، مۇھاببەتنىڭ ئىلگىركى لەززىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىدىغان گەپ.مەن سىزگە مۇنۇ بىر كۇبىلىت شېئىرىمنى ھەدىيە قىلاي:
سۆيۈلمەسلىك  ئەسلا مەنىسىز ،
سۆيۈلۈشمۇ ئازاپتۇر ئوخشاش.
قايغۇلاردىن پۈتۈلگەن بەلكىم،
سۆيۈملۈكۈم دېگەن شۇ ئاتاش.

ھاتەھاتەم 2014-06-17 16:20
شېئىرىڭىزدىكى بىر ئالاھىدلىك ئۆزگىچە بوپتۇ يەنى ھەر بىر كوبلېتنىڭ ئاخىرقى مىسراسى يەنە بىر كوبلېتنىڭ بىرىنچى مىسراسىدا تەكرارلىنىپتۇ.

توغراق 2014-06-17 17:02
ھېسسىياتقا تويۇنغان گۈزەل بىر لىرىكا بوپتۇ، ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن داۋاملىق تىرىشىڭ!

توغراق 2014-06-17 17:13
نادىرلايدىغان تېما ئىكەن بۇ!

نۇرلالە 2014-06-17 17:59
    

ئەكبەرنىياز 2014-06-24 14:39
ئېسىل لېرىكا بوپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن !!!

ئارزۇيۇم 2014-06-25 12:49
لىرىكىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!

نۇرلالە 2014-06-25 19:17
بەك تاتلىق سوۋغا تەقدىم قىلىپسىز.

tawpek 2014-07-03 17:26
مۇھەببەتلىك ھەقىقى شائىر
ھامان بىلەر شىئىر قەدرىنى



داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇڭ، ئاز سۇنسىڭىزمۇ ساز سۇنىۋاتىسىز.


查看完整版本: [-- ئىككى شىئېر    (نۇرقىز) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled