查看完整版本: [-- شىرئەلى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> شىرئەلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تارىم 2014-06-16 01:19

شىرئەلى

شىرئەلى                
(ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەخلاق نەمۇنچىسى شىرئەلىگە بېغىشلايمەن .)                
        
خەلقىڭ ئۈچۈن سۇدا ئاقتىڭ شىرئەلى ،            
رىشتىلەرنى  مەھكەم چاتتىڭ شىرئەلى .            
ھەممە مىللەت ئىناق بولغاچ ۋەتەندە ،              
ئۆملۈك ئۈچۈن جاندىن كەچتىڭ شىرئەلى .          

ئەللەر سېنى <<ئالتۇن تۇلپار >> دەيتتىغۇ ،        
شىرئەلىجان ئەل غېمىنى يەيتتىغۇ .                
ئىناقلىقنى ئەلا بىلگەچ ھەممىدىن ،                
ياشلا تۇرۇپ بۇ پانىدىن كەتتىغۇ ؟!.                

تاھىر ئاققان كۆنچى دەريا چايقىلىپ ،              
تەسىر قىلدى خۇاڭخې ، چاڭجىياڭ سۈيىگە .        
ئەلا بىلگەچ ئىناقلىقنى ھەممىدىن ،                
كۈيلەر قوشتۇڭ ئىناقلىقنىڭ كۈيىگە .              
            
خەلقىڭ دەيدۇ شىرئەلىدەك بالام بار ،            
ئىناقلىق، دەپ بىزدە شۇنداق كالام بار .          
ئەل ئوغلىغا يۈرەكلەردە مەڭگۈگە ،                
مەڭگۈ،مەڭگۈ سولمايدىغان سالام بار .        

كۆنچى ئوغلى شىرئەلىجان ئۇكىمىز،          
سېنى چىندىن مەڭگۈگە ياد ئېتىمىز .        
ساڭا ئوخشاش قەھرىمانلار بېزىسە ،          
نۇرلانغۇسى بىزنىڭ تارىخ بېتىمىز !؟.          

        
          

ئەكبەرنىياز 2014-06-22 22:31
ئېسىل شىئېر بوپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن !!!

چوغدىل 2014-06-23 15:16
شېئىرغۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. ئەمما مەن بۇ يەردىكى «شىرئەلى»نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن. ھۈرمەتلىك ئاپتۇر  بىر ئىزاھات بېرىپ قويغان بولسا.

مىېھرىما 2014-06-23 15:58
ياخشى چىقىپتۇ سىزگە ئامەت يار بولسۇن!!

تارىم 2014-06-23 17:50
چوغدىل:شېئىرغۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. ئەمما مەن بۇ يەردىكى «شىرئەلى»نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن. ھۈرمەتلىك ئاپتۇر  بىر ئىزاھات بېرىپ قويغان  .. (2014-06-23 15:16) 

شىرئەلى-كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى ، لوپنۇر ناھىيە سىدىن، ئۇ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلەرنى قۇتقۇزۇش يولىدا 24 يېشىدا بەختكە قارشى قۇربان بولغان.

ھاتەھاتەم 2014-06-24 12:33
شېئىرنى ياخشى يېزىپسىز.بىز پاخىرلەنگىدەك مۇشۇنداق ئادىمىيلىك خىسلەتكە ئىگە ئوغلانلىرىمىز بار.

چوغدىل 2014-06-24 12:53
تارىم:شىرئەلى-كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى ، لوپنۇر ناھىيە سىدىن، ئۇ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلەرنى قۇتقۇزۇش يولىدا 24 يېشىدا بەختكە قا .. (2014-06-23 17:50) 

رەھمەت، سىزگە.

تارىم 2014-06-24 14:29
مىېھرىما:ياخشى چىقىپتۇ سىزگە ئامەت يار بولسۇن!! (2014-06-23 15:58) 

رەھمەت سىزگە مېھرىما، ئامەت ھەممەيلەنگىلا يار بولسۇن!.

tawpek 2014-07-03 17:10
شۇ كۈنىلا تىلىۋۇزۇردا كۆرۆپ تەسىرلەنگەن ئىدىم

سۇغا چۈشۈپ كەتكەنمۇ ياكى سەكرىۋالغانمۇ ئىشقىلىپ خەنزۇ قىرىنداشلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۆزى ھاياتىدىن ئايرىلىلدى

كۆپىنچە ئەھۋاللاردا سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلەرنى قۇتقۇزۇشتا قۇتقۇزغۇچى ئۆلۆپ كىتىش كۆپ كۆرىلىدىكەن

ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن،



查看完整版本: [-- شىرئەلى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled