شەبنەم |
2014-06-16 00:45 |
ھالال رىزىق (ھېكايە )
li
Hz5<| ھالال رىزىق Ie#LZti 2d,q?VH$ ( ھېكايە ) 'V reO52 s2*^ PG ئادەتتىكى كۈنلىرى ھەممە ئادەم كۆچۈپ كەتكەندەك تىمتاس بولۇپ كېتىدىغان بۇ يېزا بازىرى يەكشەنبە كۈنلىرى خۇددى توي، مەشىرەپ بولغاندەك قىززىپ كېتەتتى ، قوشنا ناھىيە-يېزىلاردىن ھەم مۇشۇ يېزىنىڭ ھەممە كەنىتلىرىدىن كەلگەن ئالارمەن ، ساتارمەننىڭ كۆپلىكىدىن بازار ئارلاپ مېڭىشمۇ تەسكە توختايتى . 87P.K Yy مەن مۇشۇ ئادەملەر توپىدىن خۇددى قوناقلىقنىڭ قېتىدىن ماڭغاندەك مېڭىپ ، تەستە قىستىلىپ ئۆتۈپ ، بازارنىڭ كۆكتات ساتىدىغان بۇلىڭىغا يېتىپ كەلدىم . سىنتەبىر ئايلىرى بولغاچقا كۆكتاتنىڭ ھەرقانداق تۈرى تېپىلاتتى ،دېھقانلار ئۆز قولى بىلەن تېرىغان ،ھەم تەبئي ، ھەم يېڭى بۇ كۆكتاتلار تۈر-تۈرى بىلەن تىزىقلىق تۇراتتى .بۇ كۆكتاتلارغا قاراپ ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئالغۇسى كېلەتتى . مەن كۆكتاتلارنى كۆرۈپ ئارلاپ كېتىۋېتىپ ، بىر ياشانغان ئايالنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدىم ، ئۇنىڭ كۆكتاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ ، ھەم ھازىرلا ئۈزۈپ كەلگەندەك يېڭى ئىدى ، يېندا كىچىك قەغەز يەشىكلەردە شاپتۇل ، ئالۇچا ، ئالما قاتارلىق مېۋەىلەرمۇ تىزىقلىق ئىدى . nVqFCBB -كېلىڭ بالام كېلىڭ ، ھەممىسى ئۆزۈم تېرىغان كۆكتاتلار ،ئېتىزىمدىن چىققاندىكىن ئەرزانلا بېرىمەن بالام . -[cl]H)V بۇ ئايالنىڭ ئاۋازى سەل تىتىرەپ چىقاتتى ، كۆزلىرى بولسا ماڭا ئۆمىد بىلەن باقاتتى . WXqrx*?*+ يۈزلىرىنى يول-يول قورۇق باسقان ،يۈزلىرى سوزۇنچاق ھەم ياداڭغۇ ، مەڭىز سۈڭەكلىرى بۆرتۈپ چىققان ، چاچلىرى ئاقارغان 60 ياشلار چامىسىدىكى بۇ ئايال خېلىلا تېتىك ئىدى، %&L]k>n^ كۆزلىرىدىن مېھىرىبانلىق تۆكۈلۈپلا تۇراتتى .كىينىشلىرى شۇنداق ئاددى، ئەمما رەتلىك ئىدى . rrGsam\. - قىغ ، بۇيا بىلەن ھولداپ تېرىدىم بالام ، ئاق ئوغۇت ، قارا ئوغۇت دىگەنلەرنى يېقىن كەلتۈرۈپ باقمىدىم . .".xNHR# بۇ ئايال كۆكتاتلىرنى تەرىپلىگەچ ، مەن كۆرسەتكەن كۆكتاتلارنى ئالدىرىماي جىڭلايتى ، يېرىلىپ ، قارىداپ كەتكەن ، ھالال مېھنەتتىن تاۋلانغان قوللىرى بىلىنەر-بىلىنمەس تىتىرەيتى . ھەر قېتىم جىڭلاپ بولۇپ مېنى ئىشەنمەي قالامدىكىن دەپ : T&_!AjH -مانا بالام ،ھەممە كۆكتاتلارنى 200 گىرامدىن ئارتۇق جىڭلاپ بەردىم ، بېغىمىدىن چىقىدىغان تۇرسا،-دىگەچ تارازا دەستىسىنى ماڭا كۆرسۈتۈپ قوياتتى . S ^?&a5{o -راستىنلا خېمىيىۋى ئوغۇت بەرمىگەنمۇ ئاچا،-دەپ سورىدىم مەن . Pdc- 3 -شۇنداق بالام ، بىر پېشىىمىزدىن قوتاندىكى قوي-كالىلار ، بىر پېشىمىزدىن ئېتىزدىكى زىرائەتلەر پۇل دەپ تارتىپ تۇرسا ، كۆكتاتقا ئوغۇت ئالىدىغان پۇل نەدە دەيسىز ،-دىدى ھېلىقى ئايال قولىدىكى كۆكتاتنى ماڭا سۇنۇپ ، - 15 يۈەن بوپتۇ بالام . p&wXRI مەن كۆكتاتنى قولۇمغا ئېلىپ تۇرۇشىمغا : zi~_[l- -ئېلىڭە بالام ، ماۋۇ مېۋىلەرنى تېتىپ بېقىڭ ، بېغىمنىڭ مېۋىسى ، قوشۇپ بەرگەن بولاي . _w+ix9Fr? ئۇ ئايال ھەربىر خىل مېۋىدىن ئۈچ-تۆت تالدىن ئېلىپ ،سۇلىياۋ خالتىغا سالدى-دە،‹‹بولدى،رەھمەت›› دىگىنىمگىمۇ ئۇنىماي قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى .
Z~}=q مەن ئەپچىلگىنە سومكامدىن 100 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى شارتتىدە سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئۇ ئايالغا سۇندۇم . شۇ ئارلىقتا قول تېلىفۇنۇم جىرىڭلاپ كەتتى ،ئىتتك تېلىفۇننى ئالدىم . 9Ny{2m=Ye - تېنىچلىقمۇ ؟ ئارزۇگۈل بالام ، چاققان بولۇڭ ، ھازىرلا كېلىڭ ، ئۆيگە مېھمان كېلىپ كېلىپ قالدى ،ئۇزۇتۇشۇپ بېرىڭ ، ھە،راست تېخى ،ئۆيدىكى تاتلىق -تۈرۈملەرنىڭ تاينى قالماپتۇ ، تاللا بازىرىغا كىرىپ ،ئالغاچ كېلىڭ، خوش ! -DwqoWZ قېيىن ئانامنىڭ بويرۇقىدىن چۆچۈپ ، كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا تېز-تېز چامداپ ، كۆكتات بازىرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان تاللا بازىرىغا قاراپ ماڭدىم . ,bRvj8"M ئىچىمدە : ‹‹ يائاللا ، بىچارە قېيىن ئانام مېنىڭسىز مېھمان ئۇزارتقان كۈنى كۆنەلگۈسى قاتمايدۇ زادى ، بىرەر بازار خاتىرجەم بازار كۆرگىلى بولمىغان ...›› دىگەنلەرنى ئويلاپ ،ھەم جىددىيلىشىپ ، ھەم قىيداپ تاللا بازىرىغا بىردەمدىلا يېتىپ كەلدىم . C بۈگۈن تاللا بازىرىدىمۇ ئادەم كۆپ ئىدى ،مەن تاتلىق تۈرۈملەرنى تېز-تېز سۇلىياۋ خالتىلارغا قاچىلاپ، ناھايتى جىددىلىشىپ پۇل تاپشۇرۇش ئورنىغا كەلدىم ، ئالدىمدا 45 ياشلار چامىسىدىكى، پۇزۇر كىيىنگەن ،سېمىز بىر ئايال ،تاللا بازىرىنىڭ مەخسۇس سېۋىتىگە لىقلاپ ئالغان ،ئۇششاق-چۈشەك نەرسىلىرىنى ھېسابلاتقىلى تەييارلىنىپ تۇراتتى . jIx5_lFe بىردىنلا پۇل يىغىدىغان قىزنىڭ ۋاقىراپ تۇرۇپ قىلغان سۆزلىرى ھەممىمىزنى چۆچىتىۋەتتى : k~WX6rEJ -ۋۇي ، ئالغان نەرسىڭىز ئاران مۇشۇما ، گەپ قىلمىسام تېخى ، سومكىدىكىنى تۆكىلى ، نۇمۇس قىلمىدىڭىزما ؟! ھېچ بولمىسا ئەتىگىنى بولسىمۇ قىبلىگە قاراپ بىرە قېتىم يىقىلىدىغانىسىز؟! ئاۋۇ دۇككانغا ئورنۇتۇپ قويغان كالىنىڭ كۆزى ئەمەس ، كامىرا . ئەكىلىڭە سومكىنى ، ئوغىرنى تۇتساڭ مېلى بىلەن تۇت دەپتىكەن . ^\kv>
WBE ھېلىقى قىز ئۇ ئايالنىڭ قولىدىكى يوغان قارا سومكىنى تارتىپ ئالدى-دە ، ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە تۆكتى . ئۈستەل ئۈستىدە قىممەت باھالىق ئەتتىر ، قىممەت باھالىق بىر قانچە ياغلىق ،يۈز ماي ، لاك قاتارلىق‹‹ ئولجا››لار تۇراتتى. بىردەمدە ئۈستەك ئەتىراپىغا ئادەملەر خۇددى تويغا كەلگەندەك يېغىلىپ كەتتى . yyJ4r}TE ھېلىقى ئايالنىڭ بولدۇرۇق خېمىردەك سېمىز يۈزلىرى پوكاندەك قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ ، ئاسمان يىراق ، يەر قاتتىق ، خۇددى تىرناققا ئالغان پىتتەك قېيىن ئەھۋالدا تۇراتتى . +Ok R7bl ئۇ ئايال يىغلامسىراپ : J2_D P -ئۇكام شەيتان ئازدۇرۇپتۇ ، ئېزىپتىمەن ، ئاۋۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسنى سېتىۋالاي ،ھەممىسنى سېتىۋالاي ...،-دىدى ھېلىقى ئايال . D\8 ~3S'd -ئۇنداق ئاسان ئىش يوق ، ھەممە نەرسىلەرنى ئەسلىدىكى باھانىڭ ئۈچ ھەسىسى بويچە تۆلەپ ئالىسىز ، بولمىسا ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىمەن . 1P&XG@ -ۋۇي ، مەن تۆلەي ئۇكام ،ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ . ckRWVw
ئۇ ئايال خېلى كۆپ پۇل تۆلەپ بېرىپ ، ئۈستەك ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى يىغىشتۇردى-دە ،خۇددى يۈگۈرگەندەك مېڭىپ تاللا بازىردىن چىقىپ كەتتى ، نۇرغۇنلىغان نەپىرەتلىك كۆزلەر ئايالنىڭ كەينىدىن ئوقيادەك تىكىلىپ، نەپىرەتلىك ئىبارىلەر خۇددى ماگىنىتقا چاپلاشقان مىقتەك ئۇ ئايالغا چاپلىنىشقا باشلىدى ... VJ P]Jy_ خۇددى بىرسىنىڭ نۇمۇسلۇق يېرىنى كۆرۈپ قالغاندەك بىر خىل يېقىمىسىز تۇيغۇدا تاللا بازىرىدىن چىقىتىم ، توۋا دەپ تولا ياقامنى تۇتۇپ ، ئاق كۆينىكىمىنمۇ كىر قىلىپ بولدۇم شۇ تاپتا . RrSo`q-h+ -ۋۇي بالام ،توختاڭا ! توختاپ تۇرۇڭ ! rkW*C'2fz كەينىمدىن بىرنىڭ تاتقۇشلاپ ، ئۈنلۈك ئاۋازدا چاقىرىشى بىلەن توختاپ كەينىمگە ئۆرۈلدۈم ،كەينىمدە مەن ئەتىگەندە كۆكتاتلىرىنى ئالغان ھېلىقى ئايال تۇراتتى ، ئۇ ھاسىراپ قارا تەرگە چۈمۈلۈپ ، تېخىمۇ قارداپ كەتكەن ئىدى ،ئەپتىدىن ھېرىپ ، ئۇساپ كەتكىنى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى . +.MHI -ۋۇي بالام ، بايا ئاشقان پۇلنى قايتۇرۇپ بولغۇچە كېتىپ قالدىڭىز ، ئاشقان پۇلىڭىزنى تەقلەپ بولغۇچە يوق تۇرىسىز ، ئاران تەستە تاپتىم سىزنى ، ماڭا ھارام ياراشمايدۇ ، ئۆزۈمنىڭ نېسىۋىسىنى ھالاللاپ يېيىشكە نىسىپ قىلغاي ، ئاشقان پۇلىڭىزنى ئېلىڭ بالام ! CZg$I&x ھېلىقى ئايال ئاشقان 85 يۈەن پۇلنى قولۇمغا تۇتقۇزدى- دە ،يەنە كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتىپ قالدى ، داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم ، ‹‹رەھمەت ›› دىگەن ، دىمىگەنلىكىمنىمۇ بىلمەيمەن . qCOe,$\1/ ئۇ ئايالنىڭ قارىسى يۈتكۈچە قاراپ تۇردۇم ، بىر چاغدا ئېسىمگە كەلدىم . G&MI@Hq |RX uO مەنبە -------- مەنبە ئۆز قەلەم ( ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم ) |
|