查看完整版本: [-- دەرىزەم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> دەرىزەم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ablatmuhamma 2014-06-15 23:57

دەرىزەم

دەرىزەم


دەريا بولۇپ چۈشلىرىم ئۆركەشلىدى دەرىزەم ،
دەرۋازامنى تاڭ سەھەر جىمجىت قاقتى دەرىزەم ،
كېچىلەرنى ئۇزىتىپ كۈنگە باقتى دەرىزەم ،
تامچىلىغان نۇر مېھرى ھەجەپ ياقتى دەرىزەم ،
نۇرسىزلانغان كۆزۈمگە بەخت باقتى دەرىزەم .


ئاجىزلايدۇ ئىشەنچ يارىلانغان قاناتتا ،
چىقىرىدۇ دانخورەك يالغان مەزمۇن ساۋاتتا،
ھېكىمەتلىك خورجۇن بار جاھان كەزگەن بوز ئاتتا ،
داۋراڭى كۆپ شاھماتنىڭ يۈرۈشلىرى بار ماتتا ،
تەشتەكتىكى ئۈمۈدنى كىملەر چاقتى دەرىزەم .


تۆتقۇلاقنىڭ بوي تارتقان ئاپئاق بوينى كېسىلدى ،
غۇژمەكلىگەن شاماللارقۇم تېنىدە بېسىلدى ،
رودىپاينىڭ ياماشقان قىل ئارقىنى يېشىلدى ،
ئېتىقادتىن ياسالغان سىرلىق دامبا تېشىلدى ،
ساقايغاندا جاراھەت پاشا چاقتى دەرىزەم .


ساپ ھاۋاسى ھوجرامنىڭ تىنىقىمغا ياتلاشتى ،
داستان بولسا خورىكىم شەيتان لەئىن قۇتلاشتى،
چۈشلىرىمنىڭ سېغىزى كالپۇگىمغا چاپلاشتى ،
قۇربان قىلىپ باھارنى تېنىم ھەجەپ سەتلەشتى ،
داتقا پاتقان مىلتىقىم پىستان چاقتى دەرىزەم .



مەجنۇنتالنىڭ لەۋلىرى پىچىرلايدۇ يېنىڭدا ،
ئەركىلەيدۇ كۆز ئېچىپ قۇياش نۇرى قېنىڭدا ،
قورساق سالغان كېچىلەر ساقلىق  تىلەر تېنىڭغا،
سىرلىق ئۈمۈد پىلىلدار دائىم ھايات شېمىڭدا ،
مەي باغلىغان قان -تەرىم شاختا قاقتى دەرىزەم .


سادىق بولسا بۇلبۇلى رىئاللىقتا گۈل كۈلەر ،

ئاتەش بولسا تەبەسسۇم مۇز ئېرىتەر كۈلكىلەر ،

قىسمىتىدىن شاخلىنىپ ۋەزنى پۇرسەت سۈركىلەر ،

چاڭقىغان دىل باياۋان يوپۇرماققا پۈركىلەر ،
ئەمەس كۆمۈر لەقىمىم ، قەلبىم ئاقتى دەرىزەم .


ئازلىمىسۇن يېلىدىن كىچىكلىگەن قىممتىم ،

ئۇرامىغا جايلاشسۇن سالام بەرگەن ئىززىتىم ،

نۇرلار بىلەن يالاشسۇن ئەسلى رەڭدە زىننىتىم ،

ياۋا چۆپتەك يۇلۇنسۇن يەنە ئۈنسە ئىللىتىم ،
لوقۇلدايدۇ بۇ بېشىم ئەسلى ساقتى دەرىزەم .




مەۋھۇم بولسا نېسىۋە تىلسىمىدىن تىل چىقار ،

ئەبجەش بولۇپ ئەقىدە رەڭ يېزىلسا سىر چىقار ،

نومور ئالسا غەيۋەتلەر تاز تىرناقتىن كىر چىقار ،

چىنىققانلار تاللاشتا مونەككىنە خىل چىقار ،

ئوت ياق ئەمەس مەنىسى ئەسلى < ياق > تى دەرىزەم .


ھەسەل تاپقان بارماقلار شىرنە بەرسۇن قىيدىماي ،

چوقۇنمايلى ماركىغا ئاددىيلىقنى قىينىماي ،

نۆۋىتىدە ساپلاشسۇن ئەۋلاد تىلنى تىلغىماي ،

سېمىز تارىخ يازايلى ماي -گۆشىنى ئىلغىماي ،
دەقىقەمگە قىزغىنىش قوزۇق قاقتى دەرىزەم .


يارقىن ھايات بەرمىسە شەجەرىدىن پەش -چېكىت ،

قالار داستان بېتىدە مەناسى يوق كۆپ چېكىت ،

يورىتالماس تېغىنى پىلىدىسا بىر ئۈمۈد ،

ئەخلاقىنى قايچىلار ئەبجەش تىلدا قىز -يىگىت ،
ئەجداد روھى ئەسلىدە مەزمۇت <چاق >تى دەرىزەم .


ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن




ئايبەرگى 2014-06-16 07:37
سىزنىڭ ھەر بىر ئەسىرىڭىز شۇنچىلىك ئۆزگىچە مىسرالار بىلەن بېزەلگەن.ئوبىرازلىق تىل ئىشلىتىش سىزنىڭ رۆشەن ئالاھىدىلىكىڭىز دەپ ئويلايمەن.سىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن!

ئارزۇيۇم 2014-06-16 16:39
سىزگە ئاپىرىن.

ئەكبەرنىياز 2014-06-24 14:01
مۇبارەك بولسۇن ئابلەت مۇئەللىم ، يەنە بىر ئېسىل شىئېرىڭىز بىلەن ئۇچراشتۇق ، ئىلھاملىرىڭىزغا يەنىمۇ بەركەتلەر يار بولغاي !!!
كىچىككىنە تەكلىپ :
1.
دەريا بولۇپ چۈشلىرىم ئۆركەشلىدى دەرىزەم ،
دەرۋازامنى تاڭ سەھەر جىمجىت قاقتى دەرىزەم ،
كېچىلەرنى ئۇزىتىپ كۈنگە باقتى دەرىزەم ،
تامچىلىغان نۇر مېھرى ھەجەپ ياقتى دەرىزەم ،
نۇرسىزلانغان كۆزۈمگە بەخت باقتى دەرىزەم .

بۇ كوبلىتنى مۇنداق ئوقۇپ باقتىم :

دەريا بولۇپ چۈشلىرىم شاۋقۇن ئاقتى  دەرىزەم ،
دىل خانەمنى تاڭ سەھەر جىمجىت قاقتى دەرىزەم ،
كېچىلەرنى ئۇزىتىپ كۈنگە باقتى دەرىزەم ،
تامچىلىغان نۇر مېھرى ھەجەپ ياقتى دەرىزەم ،
نۇرسىزلانغان كۆزۈمگە بەخت باقتى دەرىزەم .

2.
ئاجىزلايدۇ ئىشەنچ يارىلانغان قاناتتا ،
چىقىرىدۇ دانخورەك يالغان مەزمۇن ساۋاتتا،
ھېكىمەتلىك خورجۇن بار جاھان كەزگەن بوز ئاتتا ،
داۋراڭى كۆپ شاھماتنىڭ يۈرۈشلىرى بار ماتتا ،
تەشتەكتىكى ئۈمۈدنى كىملەر چاقتى دەرىزەم .

بۇ كوبلىتنى مۇنداق ئوقۇپ باقتىم :

ئاجىزلايدۇ ئىشەنچى يارىلانغان قاناتتا ،
چىقىرىدۇ دانخورەك يالغان مەزمۇن ھەمساتتا،
ھېكىمەتلىك خورجۇن بار جاھان كەزگەن بوز ئاتتا ،
داۋراڭى كۆپ شاھماتنىڭ يۈرۈشلىرى بار ماتتا ،
تەشتەكتىكى ئۈمۈدنى كىملەر چاقتى دەرىزەم .

3.
تۆتقۇلاقنىڭ بوي تارتقان ئاپئاق بوينى كېسىلدى ،
غۇژمەكلىگەن شاماللارقۇم تېنىدە بېسىلدى ،
رودىپاينىڭ ياماشقان قىل ئارقىنى يېشىلدى ،
ئېتىقادتىن ياسالغان سىرلىق دامبا تېشىلدى ،
ساقايغاندا جاراھەت پاشا چاقتى دەرىزەم .

بۇ كوبلىتنى مۇنداق ئوقۇپ باقتىم :

تۆتقۇلاقنىڭ بوي تارتقان ئاپئاق بوينى كېسىلدى ،
غۇژمەكلىگەن شاماللارقۇم تېنىدە بېسىلدى ،
رودىپاينىڭ يۆگەشكەن قىل ئارقىنى يېشىلدى ،
ئېتىقادتىن ياسالغان سىرلىق دامبا تېشىلدى ،
ساقايمايلا  جاراھەت پاشا چاقتى دەرىزەم .

4.
ساپ ھاۋاسى ھوجرامنىڭ تىنىقىمغا ياتلاشتى ،
داستان بولسا خورىكىم شەيتان لەئىن قۇتلاشتى،
چۈشلىرىمنىڭ سېغىزى كالپۇگىمغا چاپلاشتى ،
قۇربان قىلىپ باھارنى تېنىم ھەجەپ سەتلەشتى ،
داتقا پاتقان مىلتىقىم پىستان چاقتى دەرىزەم .

بۇ كوبلىتنى مۇنداق ئوقۇپ باقتىم :

ساپ ھاۋاسى ھوجرامنىڭ تىنىقىمغا ياتلاشتى ،
داستان بولسا خورىكىم شەيتان لەئىن قۇتلاشتى،
چۈشلىرىمنىڭ سېغىزى كالپۇگىمغا چاپلاشتى ،
جانانىمنى يۈتتۈرۈپ  تېنىم ھەجەپ قاتلاشتى ،
كەچمىشىمدە ئارمانغا خورەك ياقتى  دەرىزەم .

5.
سادىق بولسا بۇلبۇلى رىئاللىقتا گۈل كۈلەر ،
ئاتەش بولسا تەبەسسۇم مۇز ئېرىتەر كۈلكىلەر ،
قىسمىتىدىن شاخلىنىپ ۋەزنى پۇرسەت سۈركىلەر ،
چاڭقىغان دىل باياۋان يوپۇرماققا پۈركىلەر ،
ئەمەس كۆمۈر لەقىمىم ، قەلبىم ئاقتى دەرىزەم .

بۇ كوبلىتنى مۇنداق ئوقۇپ باقتىم :

سادىق بولسا بۇلبۇلى رىئاللىقتا گۈل كۈلەر ،
ئاتەش بولسا تەبەسسۇم مۇز ئېرىتەر كۈلكىلەر ،
قىسمىتىدىن شاخلىنىپ يوقلۇق پۇرسەت تۆكىلەر ،
چاڭقىغان دىل باياۋان گۈل-چېچەككە پۈركىلەر ،
ئەمەس كۆمۈر لەقىمىم ، قەلبىم ئاقتى دەرىزەم .

6.
ئازلىمىسۇن يېلىدىن كىچىكلىگەن قىممتىم ،
ئۇرامىغا جايلاشسۇن سالام بەرگەن ئىززىتىم ،
نۇرلار بىلەن يالاشسۇن ئەسلى رەڭدە زىننىتىم ،
ياۋا چۆپتەك يۇلۇنسۇن يەنە ئۈنسە ئىللىتىم ،
لوقۇلدايدۇ بۇ بېشىم ئەسلى ساقتى دەرىزەم .

بۇ كوبلىتنى مۇنداق ئوقۇپ باقتىم :

ئۆز-ئۆزىدىن ياتسىراپ دۇغدايمىسۇن قىممىتىم ،
ئۇرامىغا جايلاشسۇن سالام بەرگەن ئىززىتىم ،
نۇرلار بىلەن نۇرلاشسۇن ئەسلى رەڭدە زىننىتىم ،
ياۋا چۆپتەك يۇلۇنسۇن يەنە ئۈنسە ئىللىتىم ،
لوقۇلدايدۇ بۇ بېشىم ئەسلى ساقتى دەرىزەم .

7.
ھەسەل تاپقان بارماقلار شىرنە بەرسۇن قىيدىماي ،
چوقۇنمايلى ماركىغا ئاددىيلىقنى قىينىماي ،
نۆۋىتىدە ساپلاشسۇن ئەۋلاد تىلنى تىلغىماي ،
سېمىز تارىخ يازايلى ماي -گۆشىنى ئىلغىماي ،
دەقىقەمگە قىزغىنىش قوزۇق قاقتى دەرىزەم .

بۇ كوبلىتنى مۇنداق ئوقۇپ باقتىم :

ھەسەل تاپقان بارماقلار شىرنە بەرسۇن قىيدىماي ،
چوقۇنمايلى ماركىغا ئاددىيلىقنى قىينىماي ،
نۆۋىتىدە ساپلاشسۇن ئەۋلاد تىلنى تىلغىماي ،
رەڭسىز تارىخ يازايلى مەنپەئەتنى ئىلغىماي ،
دەقىقەمگە قىزغىنىش قوزۇق قاقتى دەرىزەم .


ھىسسىيات جەھەتتە ئورتاقلىشالماي قالغان بولسام ئۆزرىلىكمەن ،ئابلەت مۇئەللىم !!! كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە يەنىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي !!!


tawpek 2014-06-28 18:53
شىئىرىڭىزدىن سۆيۆنۆش بىلەن بىرگە، ئەكبەرجاننىڭ ئەستائىدىللىقىدىن سۆيۆندۆم

توغراق 2014-06-29 17:50
ئەكبەر مۇئەللىمنىڭ ئىلھام، يېتەكچىلىكى يېڭى-يېڭى قەلەم ئۇستىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولماقتا، ئابلەت مۇئەللىم ھارمىغايسىز!


查看完整版本: [-- دەرىزەم --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled