查看完整版本: [-- گۈل ۋە باغ(شىئېر) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> گۈل ۋە باغ(شىئېر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

qugluk 2014-06-14 23:24

گۈل ۋە باغ(شىئېر)

گۈل ۋە باغ
قۇتنۇر

ئەي گۈل!
بۇلبۇل ئاشىق ھۆسنىڭگە،
ھەرە ئاشىق شىرنەڭگە،
بىرى ئاشىق ھىدىڭگە،
بىرى ئاشىق بەرگىڭگە.
ئېيتقىنا چىن سۆزۈڭنى
زادى ئاشىق سەن كىمگە؟
ياكى يارالغانمۇ پەقەت
مەشۇق بۇلۇپ ھەممىگە؟

ھەر گۈلنىڭ بىر بېغى بار،
پەرۋىشكار باغۋەنى بار،
گۈلۈم ئىچىلدى دەپلا
باغنى ئۇنتۇش نەدە بار؟
سىنى ئۈزگەنلەر كىملەر؟
باغدىن ئارتۇق نەرى بار؟
سەندىن باغقا يوق ۋافا
ئۆزگىگە قانچىلىك بار؟

يىلدا تۆت پەسىل بۇلۇر،
بۈگۈن بار بار ئەتە يوقتۇر.
باھاردا ئىچىلغان گۈل
كۈز كەلسە خازان بۇلۇر.
بىلسەڭ گەر رەڭدار تاجىڭ
قىشتا نەلەردە بۇلۇر؟
كەلگەندە يىڭى باھار،
باغدا يا سايدا بۇلۇر.

خاس ئەمەس بۇنداق قىسمەت
جەلىپكار گۈلگە پەقەت،
گۈلگە خاس پارلاپ تۇرغاي
دىلىڭمۇ ھەم ھەشەمەت.
قۇتنۇرى قامچا ئەمەس،
بىل بۇنى بىر مەسلەھەت.
بەختىڭ ئايرىلماس باغدىن،
باغمۇ ھەم سەن بىلەن مۇنبەت.

2014-6-14

ئارزۇيۇم 2014-06-19 12:13
ياخشى يېزىىلپتۇ.سىزگە ئاپىرىن.

ئەكبەرنىياز 2014-06-22 11:22
مەزمونى بەكلا ياخشىكەن ، شىئېرىي پۇراق سەل كەمدەك قىلامدۇ ،-قانداق ؟!

توغراق 2014-06-24 10:43
مەزمۇنى بەكلا ياخشى تاللانغانىكەن ، بىراق ئەكبەر مۇئەللىم دېگەندەك، بەدىئىيلىكىگە يەنە ئازراق كۈچ سەرپ قىلسىڭىز بولغۇدەك!

tawpek 2014-06-28 16:49
يىلدا تۆت پەسىل بۇلۇر،
بۈگۈن بار بار ئەتە يوقتۇر.
باھاردا ئىچىلغان گۈل
كۈز كەلسە خازان بۇلۇر.
بىلسەڭ گەر رەڭدار تاجىڭ
قىشتا نەلەردە بۇلۇر؟
كەلگەندە يىڭى باھار،
باغدا يا سايدا بۇلۇر.


بەك تۈزلا بوپ قاپتۇ، ھىسياتلىق، ئاھاڭدار بولوشقا يەنە بىر كۈچەپ قويسىڭىز بولغۇدەك


查看完整版本: [-- گۈل ۋە باغ(شىئېر) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled