يىللار (شېئىر)
يىللار قۇتنۇر
1 يىللار نەگە باشلايسەن مىنى؟ قايدىن تاپاي بالىلىقىمنى. ئاستىلاتساڭ قەدەملىرىڭنى، بېزىۋالايمەن ياشلىقىمنى.
يىللارئىزىڭ قالدى قەيەردە؟ قاچان كىردى ياش يىگىرمىگە. نىچۈن غايەم قالدى ئەلەمدە، بۇ جىنايەت سەندىمۇ مەندە......
يىللار ساڭا ئېيتار دەردىم بار، قاچان بۇلۇر نۇسرەت ماڭا يار. دۇنياكەن بۇ بەزىدە كەڭ-تار يەنە باردۇر قانداق سىناقلار.
2 يىللار ئۆتتى ئۈتىدۇ يەنە، ھەر بىرىدە بار ئايرىم مەنە. بۇلالىساڭ بىر ياخشى بەندە ئۈتمۆشۈڭدىن ياخشىدۇر ئەتە.
يىللار كۆمدى مەھمۇد، بۇغرانى، گادايمۇ ھەم تاپتى ئۇلارنى. خالىساڭ بول نەفسىڭ قۇربانى، ئۆز قۇلۇڭدا بەختىڭ سۇلتانى.
يىللار بەردى كۆپ پۇرسەت ساڭا، ئۆزۈڭ ماڭار يۇلۇڭنى تالا. قەبرەڭ سوراۋاتىدۇ ئاڭلا! نىمە ئىلىپ كىتەرسەن تاڭلا.
2013-11-23 مۇنبەردىن بىر يىلدىن ئارتۇق ئايرىغاندىن كىيىن قايتىپ كەلدىم. گەرچە مەن ئۇقۇتقۇچى بولمىساممۇ ئۇستازلىرىمنىڭ قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |