ياسىنجان510 |
2014-06-14 23:07 |
‹‹توقسۇن››دېگەن نامنىڭ مەنىسى توغرىسىدا
‹‹توقسۇن››دېگەن نامنىڭ مەنىسى توغرىسىدا hbE;zY%hP ‹‹توقسۇن››نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسى ۋە لېكسىكىلىق مەنىسى توغرىسىدا خەلق ئىچىدە ھەر خىل رىۋايەتلەر تارقىلىپ كەلمەكتە.شۇ سەۋەبلىك بۇ نام توغرىسىدا ھازىرغىچە بىرنەچچە خىل ئوخشىمىغان كۆز قاراش ئوتتۇرغا قويۇلدى. "p2PZ)| (1)ئوغۇزخان بوۋىمىز قوشۇننى باشلاپيۈرۈش قىلىپ بۇ يەرگە كەلگەندە،قوشۇننى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن ‹‹قوشۇن يۈرۈشنى توقتاتسۇن!›››› دەپ بىر بۇيرۇق بىلەن قوشۇننى توختاتقان.شۇنىڭ بىلەن ‹‹توقتاتسۇن››،‹‹توقتاسۇن››،‹‹توقسۇن›› دېگەن يەر نامىشەكىللەنگەن. +` Em& (2)‹‹توققۇز سۇ››دېگەن سۆزدىن ‹‹توقسۇن››دېگەن نام كېلىپ چىققان بولىشى مۈمكىن.چۈنكى،توقسۇندا ئارغۇبۇلاق،قوشتېرەك،كۆكئېنەك،زورمۇتا،ئۈستۈن غول،ئالغۇي،ئېۋىرغول،ياغاچ بېشى،بايتوقاي قاتارلىق توققۇز ئېقىننىڭ سۈيى بار دېگەن قاراش. iCl,7$[* (3)‹‹توقسۇن››ئەسلى ‹‹توققۇز ئون››بولۇپ قەدىمدە بوز يەر ئېچىپ دېھقانچىلىق قىلىش ئۈچۈن تۇرپاندىن 90ئۆيلۈك ئاھالە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن.شۇڭا ‹‹توققۇز ئون››دەپ ئاتالغان،دېگەن قاراش. DOU\X N (4)ئۇزاق يىللار داۋامىدىكى تەبىئىي،سىياسىي،ھەربىي ئۆزگۈرۈشلەر تۈپۈيلى ‹‹بوغان››خانلىقىنىڭ داۋامى بولغان شەھىرى ئېزىممۇ خارابىلىققا يۈزلەنگەن.ئاھالىسى يۆتكىلىپ قېچىپ كېتىش ۋە قاتتىق ئۇرۇشلار داۋامىدا قىرىلىپ كېتىشتەك ھادىسلارنىڭ نەتىجىسىدە جىددىي ئازلاپ كەتكەن.ئاخىرقى ھېساپتا بۇ يەردە 90ئۆيلۈكلا ئاھالە قالغان.‹‹شەھىرى ئېزىم››بىر كىچىك ئاھالىلەر نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان.شۇنىڭ بىلەن بۇ يەرنىڭ قەدىمكى شەرەپلىك،سەلتەنەتلىك ئورنىنى ‹‹توقسەن››(توقسۇن)دېگەن نام ئىگىلىگەن.‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا ‹‹Toksun››(توقسۇن)بۇ سۆزنىڭ ئەسلى ‹‹Tokuzu››(توققۇز ئون)بولۇپ كېيىن بۇ ئىككى سكز بىرلىشىپ كەتكەن.(1-جىلىد565-بەت)دېيىلگەن.دېمەك يوقۇرقى ئاساستىن شۇنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى تۈركىي خەلقلەر،جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى بۇرۇن توقسەننى توقسۇن،سەكسەننى سەكسۇن دەپ تەلەپپۇز قىلغان.90ئۆيلۈك ئاھالە نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان بۇ يەرنىڭ نامى شۇ سەۋەبلىك ‹‹توقسۇن››بولۇپ ئۆگىرىپ ئۆزلەشكەن. EkOBI[` (5)يولداش باۋۇدۇن ھوشۇرمۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ:‹‹توقسۇن››دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى خېلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرققىيات تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،ئۇنىڭ ئېتمولوگىيىسى ۋە لېكسىكىلىق مەنىسى توغرىسىدا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى بىزگە:‹توقسۇن› توقسەن بۇ سۆزنىڭ ئەسلى ‹توققۇز ئون-توققۇز كەرە ئون›بولۇپ،كېيىن بۇ ئىككى سۆز بىرلىشىپ كەتكەن (‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››(1-جىلىد569-بەت)دەپ مەلۇمات بەرگەن.دېمەك ‹توقسۇن›توققۇز،ئوندىن ئىبارەت ئىككى ساننىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن سان ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان سۆز.ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا سان ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان بۇ سۆز فۇنېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ،قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە ‹توققۇز ئون›دېيىلگەن بولسا،خاقانىيە تىلى دەۋرى(مىلادى 5ئەسىردىن مىلادى13-ئەسىرەە قەدەر )دە ‹توقسۇن›دېيىلگەن يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە ‹توقسۇن›سۆزىدىكى ‹ئۇ›فۇنىمىسى ‹ئە›گە ئكزگىرىپ،‹توقسەن›بولۇپ قالغان›› دەپ بايان قىلىنىدۇ.يوقۇرقىلارنىڭ ئىچىدە بۇ ككزقاراش ئىلمىي ھېساپلىنىدۇ. bS*
"C,b~s شىنجاڭنىڭ يەر-جاي ناملىرىدا ‹‹توققۇز››ياكى ‹‹ئون››بىلەن قوشۇپ ئېيتىلىدىغان ي7ەر ناملىرى كۆپ ئۇچۇرايدۇ.مەسىلەن: توقسۇ ناھىيىسى(توققۇز سۇ)،توققۇزاق ناھىيىسى(قەشقەر كونا شەھەر)،توققۇزتارا(كەڭ دالا)ناھىيىسى،ئۇچتۇرپاندىكى توققۇز بۇلاق مەنزىرلىك رايۇنى،توققۇز خان شەھىرى(خوتەندىكى قەدىمكى خارابىلىككە ئايلانغان شەھەر)،توققۇز ھوجرابۇت ئۆڭكۆر خارابىسى(ئاتۇشتابولۇپ ئەمەلىيەتتە ئۈچ ھوجرىدىن تەركىپ تاپقان)،باي ناھىيىسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان گۈلباغنىڭ شەرقىدىكى ‹‹توقسۇن يېزىسى››...قاتارلىقلار. 7c+TS-- ئەنە شۇ سەۋەپتىن تۈركىي خەلقلەردە ‹‹بىر ئون››،‹‹ئىككىئون››،‹‹ئۈچ ئون››،‹‹بەش ئون››دەيدىغان ساناش ئادىتى بارلىققا كەلگەن. = دېمەك،‹‹توقسۇن››:توققۇز ئون؛توقسۇن بولۇپ ئۆزگەرگەن.
`sJkOEc` مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 1997-يىللىق 4-ئاي سانىدىن. mjS)*@F ئاپتۇر: ئابلاجان ماخمۇت "{L%5:H@ V><5N;w
|
|