ياسىنجان510 |
2014-06-14 17:17 |
مۇرەككەپ خارەكتىرلىك پېرسۇناژلار خارەكتېرىنى قانداق ئايرىش
مۇرەككەپ خارەكتىرلىك پېرسۇناژلار خارەكتېرىنى قانداق ئايرىش كېرەك ke2zxX2f ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى پېرسۇناژلار خارەكتېرىگە قاراپ ئىجابىي پېرسۇناژ ۋە سەلبىي پېرسۇناژ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.يازغۇچى ئەسەردە ئۆز ئىستېتىك قارىشى بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرگەن،ھېسداشلىق قىلغان،ماختىغان،مەدھىيىلىگەن،ئىلغارلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان پېرسۇناژ ــ ئىجابىي پېرسۇناژ؛ئاپتۇر تەرىپىدىن تەنقىدلىنىپ،پاش قىلىنىپ،ئىنكار قىلىنىپ ئەكسىيەتچى كۈچلەرگەۋەكىللىك قىلىدىغان پېرسۇناژ ــ سەلبىي پېرسۇناژ دېيىلىدۇ.لېكىن بەزى ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئىجابىي تەرىپىمۇ، سەلبىي تەرىپىمۇ بىرلەشتۈرلۈپ تەسۋىرلەگەن مۇرەككەپ خارەكتىرلىك پېردۇناژلارمۇ بولىدۇ.بۇ خىلدىكى پېرسۇناژلارنىڭ ئىجابىي ياكى سەلبىي پېرسۇناژ ئىكەنلىكىگە ئالدىراپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.بۇنداق مۇرەككەپ پېرسۇناژلارنىڭ خارەكتىرىنى توغرا ئايرىش ئۈچۈن،تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك. 1.پېرسۇناژلارنى مۇئەييەن تارىخىي شارائىتقا قويۇپ تەھلىل قىلىش لازىم. G;ihm$Cad مەسىلەن،‹‹دولان ياشلىرى›› ھېكايىسىدىكى باش قەھىرمان كەنجى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1.يىللىقىنى تۈگىتىشى بىلەنلا ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››باشلىنىپ كېتىپ،شۇ چاغدىكى خاتا دەۋر ئېقىمى،خاتا باش ئىدىيە ۋە خاتا ئېقىملارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن زەھەرلىشىگە ئۇچۇرايدۇ.نەتىجىدە پۈتكۈل مەدەنىيەتنى ئىنكار قىلىپ،خەلق ناخشىلىرىنى ‹‹سېرىق ناخشا››،مىللىي ئەنئەنىلەرنى ‹‹تۆت كونا›› دەپ ئەيىپلەپ،پۈتۈن خەلقنى سەنئەتنى خورلايدىغان ياۋايى تەبىئەتلىك كىشىلەردىن قىلىپ قويدى.بىز كەنخى ئوبرازىنى تەھلىل قىلغاندا،ئۇنىڭ خارەكتىرىدىكى بۇ خىل سەلبىي ئامىللارنىڭ يېتىلىشىگە سەۋەب بولغان سول لۇشيەننىڭ سەۋەب بولغانلىقىدەك تارىخىي شارائىتنى ئالاھىدە نەزەرگە ئېلىشىمىز لازىم. W-RqooEv 2.پېرسۇناژ خارەكتېرىدىكى زىدىيەتنىڭ ئىككى ياقلىمىلىقىنى تەھلىل قىلىشىمىز لازىم. F Jp<J مەسىلەن،كەنجىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي سەنئەتنى ئۆچ كۆرۈپ چەتكە قاققانلىقىدەك سەلبىي تەرەپلىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندا،ئۇنىڭ يەنە ئىش-ئەمگەكتىكى ئاكتىپلىقى،ئىلغارلىقى،بىلىمخۇمارلىقى، يۈزى تۆۋەن ،ئەخلاقلىقلىقى قاتارلىق ئىلغارلىق تەرەپلىرىنى تەھلىل قىلىش،ئۇنىڭ خارەكتىرىدىكى ئىككى خىل زىدىيەتنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ،سالمىقى ئېغىر ھەم ماھىيەتلىك بولغان ئىجابىي ئامىللارنى ئالاھىدە گەۋدۈلەندۈرۈش لازىم. 3>v-,S+ 3.ئىجتىمائىي شارائىتنىڭ پېرسۇناژنىڭ ئادەت –كۆزقاراشلىرىغا بەرگەن تەسىرلىرىنى تەھلىل قىلىش لازىم.مەسىلەن،سول لۇشيەننىڭ زىيىنى تۈگىتىلگەندىن كېيىن،كەنجى ئىدىيىدە ئازاد بولىدۇ.ئاتا-ئانىسىنىڭ دەۋەت قىلىشى ۋە ئاسىدەگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتىنىڭ ئىلھامىدا ناخشا-ئۇسسۇلنى قەتئىي ئۆگىنىش نىيىتىگە كېلىدۇ.بىز كەنجى ئوبرازىنىڭ خارەكتېرىگە دىئاگونۇز قويغاندا،يوكۇرقىدەك ئىجتىمائىي شارائىتنىڭ ئۇنىڭ كونا ئادەت ،ككزقاراشلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ،بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى بۇرۇلۇشىنى مۇھىم يىپ ئۇچى ۋە ئاساس قىلىشىمىز لازىم. F]L96&
4.پېرسۇناژنىڭ ئىدىيىۋىي ھېسياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى تەھلىل قىلىش لازىم.مەسىلەن،‹‹بەدىنىدە دولانلىقنىڭ قېنى يوق››،‹‹دولان ياشلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى پەزىلىتىدىن مەھرۇم بولغان››،‹‹سەنئەتنى خارلايدىغان››،‹‹دولان قىزلىرى بۇت››دەپ لەقەم قويغان،‹‹ياۋايى تەبىئەتلىك››كەنجى تۈرلۈك ئىجتىمائىي شارائىتنىڭ تەسىرى بىلەن ئىدىيە ھېسياتتا تۈپتىن ئۆزگۈرۈش ياسايدۇ.ناخشا-ئۇسۇلنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ،ئۇستا ئۇسسۇلچى بولۇپ يېتىشىدۇ.ئۇ بىر قېتىملىق دولان مەشرىپىدە ئۇسسۇل ئويناپ،كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.ئۇ ئۇسسۇل ئويناۋېتىپ ئۇسسۇلسىز ئۆتۈپ كەتكەن 10يىللىق ھاياتىغا قاتتىق ئېچىنىدۇ.دولان ئۇسسۇلىنى ئىجاد قىلغان ئەجدادلىرىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.كېيىنكى تۇرمۇشىنى قادىرلەپ،مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلايدۇ.مانا بۇ،كەنجىنىڭ ئىدىيىۋى ھېسياتىدىكى ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش.كەنجىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىش، ئاخىرقى ھېساپتا ئۇنى ئىلغار تەرەپنىڭ ۋەكىلىگە ئايلاندۇرغان.ئۇنىڭ خارەكتىرىدىكى سەلبىي ئامىللار بىردىنلا خىرەلىشىپ،ئىجابىي ئامىللار خۇددى تاڭ قۇياشىدەك رۇشەن پارلايدۇ.بىز پېرسۇناژلارنىڭ خارەكتىرىگە توغرا باھا بېرىش ئۈچۈن،ئۇلارنىڭ ئىدىيىۋى ھېسياتىدىكى مۇشۇنداق ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئىنچىكە ئانالىز قىلىشىمىز لازىم. $3S`A]xO دېمەك،مۇرەككەپ پېرسۇناژلارنىڭ خارەكتىرىنى ئايرىشتا،ئۇلارنى يوقۇرقى تۆت خىل ئۇسۇل بويىچە ياخشى تەھلىل قىلىش كېرەك.ئەگەر تەھلىل قىلغان پېرسۇناژنىڭ خارەكتېرىدىكى سەلبىي ئامىللارغا تارىخىي شارائىت سەۋەب بولغان،سەلبىي ئامىلغا نىسبەتەن ئىجابىي ئامىل گەۋدىلىكرەك بولغان،ئۇ پېرسۇناژ تۈرلۈك ئىجتىمائىي شارائىتنىڭ تەسىرى بىلەن ئىدىيىۋىي ھېسياتتا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ياساپ ئىلغارلىققا ۋەكىللىك قىلغان بولسا،بۇنداق پېرسۇناژ ئىجابىي پېرسۇناژبولىدۇ.ناۋادا ئىلغارلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان پېرسۇناژنىڭ خارەكتىرىدىكى ئىجابىي ئامىللار سەلبىي تەرەپكە ئۆزگىرىپ،ئاخىرى ھېسابتا ئەكسىيەتچى كۈچلەرگە ۋەكىللىك قىلغان بولسا،ئۇنداق پېرسۇناژسەلبىي پېرسۇناژ بولىدۇ. ]*X z~Ox2 مەنبە:شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى 2001-يىل 3-سانىدىن ئاپتور:ھېسامىدىن ئۆمەر 3T
/_#=9TV
|
|