查看完整版本: [-- مۇھەممەد زەيدى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> مۇھەممەد زەيدى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-06-14 11:18

مۇھەممەد زەيدى

                          مۇھەممەد زەيدى /k7wwZiY@  
+3bfD  
bv\ A,+  
,\h YEup  
مۇھەممەد ھەيدەر X VI ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ تارىخچى، ئەدىب، سەيياھ ۋە سىياسىي ئەرباب. ئۇ شەرقنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تارىخچىلىرى قاتارىدىن ئۆزىگە خاس ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئەدەبىي تەخەللۇسى«ئاياز» ئىدى. مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ئاساسەن ئىككى ئەسىرى بار، ئۇنىڭ بىرى، 1547- يىلى پارس تىلىدا يېزىلغان. موغۇلىستان، شىنجاڭ ۋە مەركىزىي ئاسىيا تارىخىغا بېغىشلانغان مەشھۇر تارىخىي ئەسەر«تارىخىي رەشىدى»، يەنە بىرى، 1534- يىلى بەدەخشاندا خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى، ھېكايەتلەر ئاساسىدا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان«جاھاننامە» داستانىدۇر. {u 30r c"  
مۇھەممەد ھەيدەر ۋە ئۇنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى ئەسلى قەشقەرلىك بولۇپ، چاغاتاي ئۇلۇسىدا ئابرويلۇق بولغان دوغلات قەبىلىسىدىندۇر. مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلارغا دەسلەپكى چاغاتاي خانلىرىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئۇنىڭ مىراسخورلىرى زور ئىمتىياز، ئىنئاملارنى ھەمدە تارخانلىق ھوقۇقىنى بەرگەن. موغۇل خانلىرى ئۇلارغا ماڭلاي سۈيىنى بۆلۈپ بەرگەن. ئۇلار شىنجاڭ تارىخىدا چوڭ رول ئوينىغان. مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ چوڭ بوۋىسى ئەمىر سەيىد ئەلى تېمۇرىيلارنى قەشقەردىن چىقارغاندىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەت (قەشقەردىكى قەبرە ئۈستىدىكى خاتىرە بويىچە 1434-1458- يىللار) قەشقەرىينى باشقۇرغان. مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ چوڭ تاغىسى (دادىسىنىڭ ئاكىسى) مۇھەممەد ھەيدەر مىرزىمۇ بىر مۇددەت (1445-1480- يىللار) قەشقەرىينى ئىدارە قىلغان. ئۇ ئۇزۇن مۇددەت موغۇلىستان خانى يۇنۇسخان (1487- يىلى ۋاپات بولغان)نىڭ سارىيىدا خىزمەت قىلغان. مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ دادىسى مۇھەممەد ھۈسەيىن كوراگان موغۇلىستان خانى يۇنۇسخانغا كۈيئوغۇل ئىدى. ئۇ ئىستېداتلىق شائىر، موغۇلىستان خانى سۇلتان مەھمۇدخان قەشقەرى بىلەن بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا دوست ئىدى. 2%]hYr;  
ئۇ ئىككى يىلدەك ئۆمەر شەيخ سارىيىدا بولغان. ئوراتۆپىدە سۇلتان مەھمۇد قەشقەرىينىڭ نائىبى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ۋاقىت تاشكەنتتە خىزمەتتە بولغانىدى. ئالىم مىن گولوفنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇھەممەد ھەيدەر تۇغۇلغىنىدا دادىسى مۇھەممەد ھۈسەيىن قەدىمىي شاش ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى تاشكەنتتە ھاكىم بولغىنىغا ئالتە يىل بولغانىكەن. i1/}XV  
مۇھەممەد ھەيدەر 1499- يىلى مۇھاجىرلىقتا تۇغۇلغان. مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ دادىسى مۇھەممەد ھۈسەيىن ئانا يۇرتى قەشقەردە بىلىم ئالغان. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ بىلىملىك ئادىمى، ماھىر ھەربىي باشلىق ئىدى. ئۇ پات- پاتلا ئۇستازى ھەزرىتى مۇھەممەد ئىمىن بۇرھانىدىن بىلەن زامانىنىڭ زېرەك شائىرى، ئۆلىمالىرى ئابدۇراخمان جامى، ئەلىشىر نەۋائىي ۋە باشقىلارنىڭ دائىرىسىدە بولاتتى. ئۇ ئۆز ئوغلىنىڭ پەم-پاراسەتلىك، بىلىملىك ئادەم بولۇپ يېتىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ، ياش ھەيدەرگە تەربىيىچىلەرنى تەكلىپ قىلغانىدى، ئوغلىنى ئۆز سەپەرلىرىگە بىللە ئېلىپ چىقاتتى. مۇھەممەد ھەيدەر شېئىرلارنى يادقا ئالاتتى، رەسىم سىزاتتى. ئۇ تىنىم تاپماي كۆپ ھەرىكەت قىلىشقا ئادەتلەنگەنىدى. &?$\Y,{  
مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ياشلىقى تىنچسىز، خەۋپ- خەتەرلەر ئىچىدە ئۆتتى. دەشتى قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ زور ئارمىيىسى بى دەۋردە ئۆزبېك خانى مۇھەممەد شەيبانى باشچىلىقىدا ماۋەرائۇننەھىرگە بېسىپ كىرىپ بۇخارا، سەمەرقەنتلەرنى ئىگىلىگەن. بۇ چاغدا (1500- يىللىرى ئەتراپىدا) سۇلتان مەھمۇتخان شەيبانخاننى قوللىغانىدى. JY4_v>Aob  
لېكىن شەيبانخان ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلەشكە ئىنتىلدى. 1503-يىلى سۇلتان مەھمۇدخان شەيبان ئارمىيىسىدىن قاتتىق يېڭىلدى. ئۆزبېكلەر ئورا تۆپە، تاشكەنتلەرنى ئىشغال قىلدى. شەيباننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئەسىرگە ئېلىنغان سۇلتان مەھمۇدخان ئالتە ئوغلى بىلەن بىللە 1508- يىلى قەتلى قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ھۈسەين ئاۋۋال قاراتېكىنگە، ئاندىن خۇسراۋ شاھ يېنىغا، سۇلتان ھۈسەيىن (بايقارا) نىڭ تەكلىپى بىلەن خۇراسانغا، ئۇ يەردىن كابۇلغا- بابۇر ھۇزۇرىغا بارغانىدى. كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەرغانىغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە بۇ يەردە ئۆزبېكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ شەيبانخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن 1508- يىلى ھىراتتا ئۆلتۈرۈلگەن. (4)3W^/kk?  
«ئاتام بىلەن خۇسراۋ شاھ يېنىدا بىر يىل بولدۇق» دەيدۇ مۇھەممەد ھەيدەر ئاتىسى بىلەن بولغان ئاخىرقى پەيتلەرنى ئەسلەپ «ئاندىن قىش بېشىدا شەيبانىلار خارەزىمگە يۈرۈش قىلغاندا بىز خۇراسانغا كەتكەنىدۇق. مەن كىچىك بولساممۇ بۇ ھادىسىلەر مېنىڭ خاتىرەمدە ساقلىنىپ قالغان». fJ :jk 6@  
مۇھەممەد ھەيدەر ئاتىسى ئۆلتۈرۈلگەندە بۇخارادا ئىدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ ئاغىنىلىرنىڭ ياردىمى بىلەن بىر مەزگىل ئايالى بىلەن يوشۇرۇنۇپ يۈردى. كېيىن ئاتىسىنىڭ ئۇستازى مەۋلانە مۇھەممەد ئىمىن بۇرھانىدىن بىلەن بەدەخشان مىرزا ئالدىغا، ئاندىن 1509-يىلى كابۇلدىكى بابۇر يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ سارىيىدا تۇردى. بابۇر مۇھەممەد ھەيدەرگە ئانا جەھەتتىن يېقىن تۇغقان (بىر تۇغقاننىڭ بالىلىرى) ئىدى. بابۇرنىڭ ئانىسى خوپ نىگار خانىم (يۇنۇسخاننىڭ2- قىزى) مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ئانىسى نىگار خانىم (يۇنۇسخاننىڭ3-قىزى) نىڭ ئاچىسى ئىدى. 4ROWz  
مۇھەممەد ھەيدەر بابۇرنىڭ سەمەرقەنتكە قىلغان يۈرۈشلىرىدە بىللە بولدى ھەمدە جەڭلەرگە قاتناشتى. Hz4uZ*7\|  
1512- يىلى مۇھەممەد ھەيدەر سۇلتان سەئىدخان ھۇزۇرىغا كەلدى (ئۇ بۇ ۋاقىتتا ئەنجاندا ئىدى). سۇلتان سەئىدخان مۇھەممەد ھەيدەرگە ئاتا جەمەتتىن يېقىن تۇغقان بولۇپ، سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئاتىسى ئەخمەتجان مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ تاغىسى (خوپ نىگار خانىمنىڭ ئاكىسى) ئىدى. 7jZrU|:yu(  
مۇھەممەد ھەيدەر سۇلتان سەئىدخان ئالدىدا بۇ ئائىلىنىڭ مۇھىم ئەزاسى سۈپىتىدە 24 يىل ياشىدى. بۇ يىللار ئىچىدە بۇ يەردىكى كەڭ-كۇشادە ئوردا شارائىتتا ھەر تەرەپلىمە تەلىم ئېلىپ يىتۈك ئالىم، ئەرباب سۈپىتىدە كامالەتكە يەتتى. bVmvjY4  
بۇ ھەقتە مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ئۆزىمۇ كەڭ دائىرىدە يازغانىدى. زاھىرىدىن بابۇرمۇ«بابۇرنامە» دە مۇھەممەد ھەيدەرگە يۇقىرى باھا بەرگەن. بابۇرنىڭ كۆرسىتىشىچە،«ھەيدەر مىرزا...ئاتىسىنى ئۆزبېكلەر ئۆلتۈرگەندىن كېيىن مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ مۇلازىمىتىمدە3-4 يىل تۇرۇپ ئاندىن ئىجازەت تىلەپ قەشقەرگە، خان قېشىغا باردى». 5k`e^ARf  
مۇھەممەد ھەيدەر ھەر تەرەپلىمە يېتىشكەن، مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق قارايدىغان ئادەم ئىدى. ۋەقەلەرگە باي ھاياتىدا ئۇ نۇرغۇن جايلار، كۆپلىگەن مەملىكەتلەردە بولغان ۋە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇ كىچىكىدىنلا تۈرلۈك تەبىقە- گۇرۇھلار دائىرىسىدە ھەرخىل تۇرمۇش، سەنئەت كەچۈرمىشلىرىدە بولدى. ھەرخىل خەلقلەر ئارىسىدا ھاياتنى چوڭقۇر ئۆگەنگەن، بىلگەنىدى. ئۇ شىنجاڭ، موغۇلىستان، مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئىككى ئەسىرلىك ۋاقىئەلىرى توغرىلىق يىتۈك، يىگانە ئەسەر ياراتتى. {1HB!@%,(  
مۇھەممەد ھەيدەر ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن كەڭ ۋە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدىغان، زېھنى ئۆتكۈر، پاراسەتلىك ئالىم ۋە شۇنداقلا دانىشمەن دۆلەت ئەربابى سۈپىتىدە تونۇلدى ۋە بۇ ھەقتە مۇناسىپ خاتىرىلەر قالدۇرۇشقا ئىنتىلدى. ئەسەرنىڭ نامىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە قايتا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئانا يۇرتى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى، ئۆزى بىلەن بىر ئۆيدە ئۆسكەن ئابدۇرېشىتخان نامى بىلەن ئاتىدى. .??rqaZ=  
شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى: { ;' :h  
ئېيتىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى مۇھەممەد ھەيدەر ياشىغان ۋە ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇھىت ۋە شارائىتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمىسا كېرەك. بۇ دەۋردە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىلىم مەرىپەت، مەدەنىيەت خېلىلا ئالدىغا كەتكەن، ئەدەبىيات- سەنئەت راۋاجلانغانىدى. قەشقەرىيەدە مۇھەممەد ھەيدەرنى ئۆز تەربىيىسىگە ئالغان سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئۆزىمۇ ئاتاقلىق دۆلەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابى ھەم زاماننىڭ زور بىلىملىك، سالاھىيەتلىك ئادەملىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر ۋە پارس تىللىرىدا ماھارەت بىلەن شېئىرلار يازغان ئىستېداتلىق شائىر، زېھنى ئۆتكۈر ئالىم ۋە جۇشقۇن ناتىق ئىدى. B$EK_@M  
مۇھەممەد ھەيدەر سۇلتان سەئىدخان سارىيىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەرباب سۈپىتىدە مۇھىم دۆلەت ئىشلىرىنى ئورۇندىغان ھالدا سۇلتان سەئىدخان بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتى ۋە ھەربىي پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدى. مۇھەممەد ھەيدەر ئۆزىنىڭ ئىككىنچى تەربىيىچى ئاتىسى سۇلتان سەئىدخانغا تولىمۇ ئىخلاسمەن، سادىق ۋە مېھرى-مۇھەببىتى زور ئىدى. ئۇ سۇلتان سەئىدخاننىڭ كافىرىستان، لاداق، تىبەت، ئامۇ دەريا ۋە باشقا يۈرۈشلىرىگە قاتناشقان. I9s$bRbT  
سۇلتان سەئىدخان ۋاپاتىدىن كېيىن مۇھەممەد ھەيدەر بۇ يەردىن كېتىشكە مەجبۇر بولدى. سۇلتان سەئىدخان تىبەتكە ئاخىرقى قېتىم يۈرۈش قىلغاندا ۋە بۇ يەردىن قايتىۋېتىپ لاداقتا قازا قىلغاندا (1533-يىلى7-ئاينىڭ9-كۈنى) مۇھەممەد ھەيدەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. ئۇ بەدەخشانغا، ئاندىن بابۇرىيلار ئالدىغا باردى. لاھوردا بابۇرنىڭ ئوغلى كامران مىرزا ھۇزۇرىدا بولدى. 1539-1540-يىللىرى ئاگرادا ھۇمايۇن بىلەن قوشۇلدى. ئۇنىڭ بىلەن كاتتا ئۇژىدا شىر شاھقا قارشى ئۇرۇش قىلدى. 1541-يىلى كەشمىرنى ئىگىلىدى. بۇ يەردە ئاۋۋال يەرلىك شاھزادە نازۇك شاھ ۋە كېيىن ھۇمايۇن پادىشاھ ناملىرى بىلەن تەڭگىلەر چىقارغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ مۇستەقىل دۆلەت قۇرغانىدى. مۇھەممەد ھەيدەر1551- يىلى كەشمىردىكى تاغلىق قەبىلىلەرنىڭ بىر توقۇنىشىدا تاساددىپىي ئۆز ئادەملىرىنىڭ ئوقى بىلەن 52 يېشىدا ۋاپات بولدى. z 5I^0'  
ئانا ۋەتىنى شىنجاڭنى قايتا كۆرۈش ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن ۋەتەنپەرۋەر ئالىم، شائىر مۇھەممەد ھەيدەر ئۆزى سىرتتا يۈرسىمۇ ئىجادىيىتىنى ۋەتىنىگە بېغىشلىدى. ئۆزى كامال تاپقان ۋە قىزغىن سۆيگەن ۋەتىنىنىڭ گۈزەللىكى، بايلىق ۋە ئۆتمۈشىدىن گۇۋاھلىق بەرگەن ئۆلمەس ئەسەرلىرى _ «تارىخىي رەشىدى» ۋە «جاھاننامە» نى يېزىپ قالدۇردى. بىۋاقىت كەلگەن ئەجەل مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجادىنى ئوتتۇرا يولدا ئۈزۈپ قويدى. ~)!VV)  
شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژۇرنىلى 1998-يىل 3- سانىدىن ئېلىندى

ياسىنجان510 2014-06-15 12:57
ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر زاتلىرىمىز بىلەن ئۇچۇراشتۇرغىنىڭىزغا  بەركاللا.

ئەكبەرنىياز 2014-06-15 16:10
ھەقىقەتەن ئېسىل تارىخىي ئەسەر ئىكەن ، گۈلنىھالنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!

بابۇر0725 2014-06-16 00:31
پايدىلىنىش قىمىتى بەكلا يۇقىرىكەن بەك ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتسىز ھارمىغايسىز گۈلنىھال

تارىم 2014-06-16 01:22
بۇ ئەسەرنى مۇھەممەت زەيدىگە بېغىشلانغانمىكىن دىسەم....

tawpek 2014-06-28 16:27
ئاڭلىمىغانلا زاتىمىزكەن بۇ، كۆپ تەشەكۇر


查看完整版本: [-- مۇھەممەد زەيدى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled