تىلداش |
2014-06-13 14:04 |
مەڭگۈلۈكتىن يارالغىن قايتا...
مەڭگۈلۈكتىن يارالغىن قايتا... نائىل بولۇپ، <<پىشانە>>ڭگە سەن، تۆلىمىدىڭ <<ئاق سۈت>>كە بەدەل. كۆرگۈلۈكۈڭ ئۆزۈڭگە تالىق، بىراق، بەندە-<<بۇيرۇققا >>ئەمەل.
ياخشى-يامان، سادىق ۋە خائىن، مەيلىڭ ئەمەس <<يارالغاندا>>بار. بىر سەھنىدۇر، بۇ ھايات پەقەت، ھەم زىيادە، بەزىگە ھەم تار.
ئادىمىيلىك خۇلقىدىن تانساڭ، قىلمىشلىرىڭ بولمامدۇ ساختا. شۇڭا ئۆزۈڭ ئۇنتىغىن مەڭگۈ، مەڭگۈلۈكتىن يارالغىن قايتا...
مەنبە:1995-يىلى 16-ماي خاتىرەمدىن
|
|