查看完整版本: [-- تۆتتاش: ئاياللارغا ئايلانسا دۇنيا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> تۆتتاش: ئاياللارغا ئايلانسا دۇنيا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2014-06-13 13:14

تۆتتاش: ئاياللارغا ئايلانسا دۇنيا

ئاياللارغا ئايلانسا دۇنيا

تۆتتاش

سايرىماقتا رەڭگارەڭ دۇنيا،
ئۆتمۈشىنى قىلىپ پايانداز.
بىر توپ قۇشلار قاھ قاھلاپ كۆلەر،
پەتنوستىكى جۈپ-جۈپ رومكىلار،
ئاياللارنى قىلار شەرەنداز.

قېنى
بىر چاغلاردىكى
تونۇردىكى شۇ ئوتلۇق ناۋا،
قۇياشنى ئالقىنىغا ئالغاندەك گويا.
قىزىپ كىتەر تونۇر ئەتراپى،
بايرام بۇلار
ئوچاقلاردا تولغىنار  ئاپتاپ.
چىقىپ تۇرغاچ مىھىرلىك لاۋا.
بۆگۈن
بازارلاردا تەڭنە، ئۇن تاختا...
سۇپرا،نوغۇچ ھەتتا تاۋاقلار
خىرىدارسىز تۇراتتى باتناپ.

تەييار خېمىر، تەييار جېلىتلەر
پەردازلىنىپ تۇرار  خىرامان،
ھورۇنلىشىپ كەتكەن ياغلىققا،
ياقا يىرتىپ كۈلەر بۇ زامان.

ئاياللارغا ئايلانسا دۇنيا
مىھىر بىلەن تولسىدى خانەم
كۈلكە بىلەن كەلسىدى ئۈگرە
ساداقەتتە ئۆتسىدى ئادەم
گۈل بەرگىدەك ياشنايدۇ ئالەم.

2014-يىل 11-ئىيۇن

توقسۇ



nadiraay 2014-06-13 13:34
.ئاخىرقى  كۇبلېتىنى  تازا  ياخشى چۈشىنەلمىدىمغۇ؟

nadiraay 2014-06-13 13:39
ئاياللارغا ئايلانسا دۇنيا،
مېھىرلەرگە تولسا بۇ خانەم.
كۈلكە بىرلە كەلسىدى ئۈگرە،
ئاسارىگە ئايلانسا ئادەم،
ئاھ تولغىنار كۈلگۈن بۇ ئالەم.
مەن  مۇشۇنداق  ئۆزگەرتىپ باقتىم.  ئاتىكاچىلىقىمنى  كەچۈرۈڭ.

گۈلنىھال 2014-06-13 16:15
مۇبارەك بولسۇن تۆتتاش ئاكا ، شۇنداق ئېسىل لىرىكا بوپتۇ .
بۇ كۇبلىتىنى بەكلا ياقتۇردۇم :

  
ئاياللارغا ئايلانسا دۇنيا
بىر تۈپ بۇغداي بولسىدى خانەم
نەدىن چىقار بىر چىنە ئۈگرە
ئاسارىگە ئايلانسا ئادەم،
ئاھ تولغىنار كۈلگۈن بۇ ئالەم.

ئارزۇيۇم 2014-06-13 17:22
ئاياللارغا ئايلانسا دۇنيا
بىر تۈپ بۇغداي بولسىدى خانەم
نەدىن چىقار بىر چىنە ئۈگرە
ئاسارىگە ئايلانسا ئادەم،
ئاھ تولغىنار كۈلگۈن بۇ ئالەم.
بۇ مىسرالارنىڭ مەزمۇنى تولىمۇ چوڭقۇركەن.

nadiraay 2014-06-13 17:31
ئاخىرقى  كوبلېتىنى  تازا  چۈشىنەلمىگىنىمگە قارىغاندا  شېئىرىي  تەپەككۈرۈم ئانچە  تەرەققىي  قىلمىغان  ئوخشايدۇ.  ئاتىكاچىلىقىم  ئۈچۈن  يەنە  بىر  قېتىم  ئۆزىرىلىكمەن.

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-06-13 22:47
ياخشى چىقىپتۇ ،چاچما شئېردىكى شئېرى بوشلۇقتىن بەكمۇ ئەپچىل پايدىلىنىپسىز،قايىلمەن !

بابۇر0725 2014-06-14 00:27
بەكلا ياخشى يېزىپسىز

ئەكبەرنىياز 2014-06-15 16:16
نادىرەئاينىڭ تۈزىتىپ ئوقۇغىنى بەكلا ياخشى چىقىپتۇ ، ئويلىشىپ باقارسىز !!!

تارىم 2014-06-16 01:27
ئاياللارغا ئايلانسا دۇنيا،
گۈل سوۋغا قىپ يۈرەمسەنكىن-تاڭ.
زۇلۇم سالسا نازۇك بەدەنلەر،
غورىلىققا قاچامسەنكىن-تاڭ؟. تەشەككۈر،چاخچىقىمنى توغرا چۈشۈنۈڭ تۆتتاش ئەپەندىم.

ھاتەھاتەم 2014-06-16 12:10
بۆگۈن
بازارلاردا تەڭنە، ئۇن تاختا...
سۇپرا،نوغۇچ ھەتتا تاۋاقلار
خىرىدارسىز تۇراتتى باتناپ.
راس ئاياللار تەييارغا كۇنىۋالدى.ئېسىل لىرىكاىڭىزدىن ئىستېتىك زوق ئالدۇق.

tursun 2014-06-17 16:06
بۇمۇ ياخشى تەسەۋۋۇر بولۇپتۇ تۆتتاش...شېئىرمۇ ناھايىتى ئىسىل چېقىپتۇ...مۇبارەك بولسۇن...!

«ئاياللارغا ئايلانسا دۇنيا»
ئۆسۈپ بارار ئەرنىڭ باھاسى.
ئەرلەر ئۈچۈن ئاياللار باس-باس،
ئۆسۈپ بارار ئەرلىك باھاسى...!

nadiraay 2014-06-17 16:24
tursun:بۇمۇ ياخشى تەسەۋۋۇر بولۇپتۇ تۆتتاش...شېئىرمۇ ناھايىتى ئىسىل چېقىپتۇ...مۇبارەك بولسۇن...!«ئاياللارغا ئايلانسا دۇنيا»ئۆسۈپ بارار ئەرنىڭ باھاس .. (2014-06-17 16:06) 

ئەرلەرنىڭ  باھاسى  بەك ئۆسۈپ  كەتسە  چىداپ  تۇرۇپ ۋاز  كېچەرمىز  يا

توغراق 2014-06-17 16:39
تولىمۇ ئېسىل لىرىكا بوپتۇ، بەكمۇ ھوزۇرلاندۇق، ھازىرچە تەكلىپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىپ قالدىم.

مىھرىبانىم 2014-06-24 23:03
ھارماڭ تۆتتاش ئەپەندىم ، يازغان لىرىكىلىرىڭىزنى ئوقۇشمۇ بىر ھوزۇر كىشىگە . مەنمۇ تۈزىتىلگەن مىسرانى بەكرەك ياقتۇردۇم . ئويلىشىپ باقارسىز .

ئاياللارغا ئايلانسا دۇنيا،
مېھىرلەرگە تولسا بۇ خانەم.

تۆتتاش 2014-06-25 03:17
دوستلارنىڭ سەمىمى پىكرىدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم.
شېئىر  قايتىدىن تۈزۈتۈلدى.

tawpek 2014-06-27 21:23
ئوقوپ تولىمۇ ھۇزۇرلاندىم، ئاخىردىن ئىككىنجى كۇبلىتنى ئايالىمغا نەچچە ئوقوپ بەردىم.

ھورۇن ياغلىق  

بۇخىل شىئىرى تەپەككۇرىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇردۇم


查看完整版本: [-- تۆتتاش: ئاياللارغا ئايلانسا دۇنيا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled