توغراق |
2014-06-13 12:30 |
توغراق: چۈشلىرىڭگە باشلىۋال مېنى
چۈشلىرىڭگە باشلىۋال مېنى ئابدۇۋەلى تۇردى
ئۇخلىماقچى بولساڭ ناۋادا، بىللە ھەمراھ قىلىۋال مېنى. بۇندا يالغۇز قالغۇم يوق مېنىڭ، يانلىرىڭدا ئېلىۋال مېنى.
ئۇخلىيالماي قالساڭ ناۋادا، ئېيتىپ بېرەي ئەللەي ناخشىسى. يانلىرىڭدا پاسىبان بولۇپ، قوغداي سېنى ھەركۈن كېچىسى.
مېنى كۆرگەن ھەربىر چۈشۈڭگە، پىدا قىلاي ئەزىز جېنىمنى. مەندىن ئۆزگە ھېچكىم كۆرمىسۇن، ئۇيقۇدىكى تەبەسسۇمىڭنى.
تەرلەپ كەتسەڭ يەلپۈگۈچ بولاي، ياستۇقۇڭغا تاشلىۋال مېنى. ئويغانغۇچە قانداق چىدايمەن، چۈشلىرىڭگە باشلىۋال مېنى.
يۈرىكىمنى بېرەي مەن ساڭا، ساقلاپ قويغىن تۇتىيا بىلىپ. قارا بېسىپ قالمىسۇن يالغۇز، ئېسىۋالغىن تىلتۇمار قىلىپ. (ئاپتۇر: ئونسۇ ناھىيە 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە) |
|