查看完整版本: [-- توغراق: سېنى سۆيۈش گۈزەل بىر ئازاب --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> توغراق: سېنى سۆيۈش گۈزەل بىر ئازاب [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

توغراق 2014-06-12 11:38

توغراق: سېنى سۆيۈش گۈزەل بىر ئازاب

سېنى سۆيۈش گۈزەل بىر ئازاب(بىر قىزغا‹5›)
ئابدۇۋەلى تۇردى
شىۋىرلىشار ئەركە شاماللار،
يۈرىكىمگە ئويۇپ ئىسمىڭنى.
ئۇلۇغ بىلىپ قىلىشار تاۋاب،
نۇردىن پۈتكەن نۇردەك جىسمىڭنى.

قۇياش كۆرۈپ نۇرلۇق يۈزۈڭنى،
خىجىللىقتا قالار گاڭگىراپ.
ھەسرەت يۇتۇپ تولغىنىپ قىلدەك،
ئاي، يۇلتۇزلار ئىچىشەر شاراب.

ئالەم چۆكەر زۇلمەت قوينىغا،
كىرپىكلىرىڭ تاشلىسا سايە.
گىرە سالار شادلىق بوينۇمغا ،
يوللىرىڭدا بولسام مەن پايە.


يەنە جەننەت تۇيۇلار ئالەم،
ئىشقىڭ مېنى قىلسىمۇ خاراب.
مەيلى مېنى سۆيمە،مەن ئۈچۈن ـــ
  سېنى سۆيۈش گۈزەل بىر ئازاب.
(ئاپتۇر : ئونسۇ ناھىيە 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە)

بابۇر0725 2014-06-12 23:55
ئالەم چۆكەر زۇلمەت قوينىغا،
كىرپىكلىرىڭ تاشلىسا سايە.
گىرە سالار شادلىق بوينۇمغا ،
يوللىرىڭدا بولسام مەن پايە
بەكلا ياخشى يېزىلىپتۇ

نىھان 2014-06-13 00:43
ۋاھ، بەك ئوبرازلىق تەسۋىرلەپسىزغۇ!؟ قەلبىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل قىزئىكەن -دە!
قەلىمىڭىز بەك قۇۋۋەتلىك ئىكەن سىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

گۈلنىھال 2014-06-13 10:13
نىھان:ۋاھ، بەك ئوبرازلىق تەسۋىرلەپسىزغۇ!؟ قەلبىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل قىزئىكەن -دە!قەلىمىڭىز بەك قۇۋۋەتلىك ئىكەن سىزگە بەرىكەت تىلەيمەن. (2014-06-13 00:43) 

چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس ، كۆيگەن چىرايلىق ...

زۆھرەگەتاھىرنىڭ كۆزى بىلەن ، مەجنۇنغا لەيلىنىڭ كۆزى بىلەن قاراش كېرەك ...

گۈلنىھال 2014-06-13 10:14
شىئېرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، ئۇتۇق تىلەيمەن .

گۈلنىھال 2014-06-13 10:14
مەيلى مېنى سۆيمە،مەن ئۈچۈن ـــ
  سېنى سۆيۈش ئەڭ گۈزەل ئازاب....


بۇ مىسرالارنى ياقتۇردۇم .

توغراق 2014-06-13 12:23
ھەممىڭلارنىڭ مەدەت ، ئىلھاملىرىڭلارغا رەھمەت!

nadiraay 2014-06-13 12:53
مۇھەببەت مەڭگۈلۈك  تېما . تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ  قالمىسۇن. سىزگە يەنىمۇ ئوتلۇق  ئىلھاملار يار  بولسۇن.

ئەكبەرنىياز 2014-06-15 16:41
ئېسىل شىئېر بوپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن !!!
كىچىككىنە تەكلىپ :

يۈرەكلەرگە ئويۇپ ئىسمىڭنى.

بۇ مىسرانى مۇنداق ئوقۇپ باقتىم :

يۈرىكىمگە  ئويۇپ ئىسمىڭنى.

باشقا مىسرالىرى بەكلا ئېسىل چىقىپتۇ ، بىر ئىلھامىڭىزغا مىڭلارچە ئىلھام قوشۇلغاي !!!



توغراق 2014-06-16 13:06
ۋاھ !رەھمەت سىزگە!ئەمدى يۈرەك ئىگىسىنى تېپىپتۇ.

tawpek 2014-06-26 16:21
قەلەم ئىگىللىرىنىڭ يەنىلا بىز ئوقوتقۇچىلار سىپىدىن كۆپلىكىنى ئويلىسام كەسپىمدىن تىخىمۇ سۆيۆنۆپ كىتىمەن.

بىز ئوقوتقۇچىلار مۇشۇنداق بار ئالاھىدىلىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇش بىلەنمۇ ئۆز ئوبرازىمىزنى جەمىيەتتە چاقنىتالايمىز دەپ ئويلايمەن.


داۋاملىق يىزىپ تۇرۇڭ

توغراق 2014-06-27 10:57
بۇ ئەسىرىمنى مەنمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن.


查看完整版本: [-- توغراق: سېنى سۆيۈش گۈزەل بىر ئازاب --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled