查看完整版本: [-- ئۇجمە پىششىقىدىكى سېغىنىش  (نۇرقىز) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ئۇجمە پىششىقىدىكى سېغىنىش  (نۇرقىز) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرقىز 2014-06-12 10:46

ئۇجمە پىششىقىدىكى سېغىنىش  (نۇرقىز)

ئۇجمە پىششىقىدىكى سېغىنىش


(نۇرقىز)

قىزىل گۈل بەرگىدە يالتىرار شەبنەم،
شاخلاردا كۆز قىسىپ مارىلايدۇ جۈجەم.
چېكەمگە گۈل قىسىپ ئۈجمە يىگەندە،
ئەسلىدىم،ئاھ سېنى،ئەسلىدىم ئەركەم.


شاخلارغا ئېسىلغان قوشماق جۈجەمنى،
سۇنغاندا يۈزلىرىم كەتكەن ئوت ئېلىپ،
سۆيگۈڭدەك بىر تاتلىق جۈجەم يىگەندە،
تەمىدە تەنلىرىم كەتكەنتى ئېرىپ.

ھە مانا كېپ قاپتۇ،ئۈجمە پىششىقى،
ۋە لىكىن نىگارىم سەنلا كەلمىدىڭ.
چېكەمدە گۈللەرمۇ سولىشىپ قاپتۇ،
ئىشقىڭدا يۈرەكنى ئەجەپ تىلغىدىڭ.

كۈتەرمەن نەچچە رەت ئۈجمە پىششىقى،
بىلمىدىم ئاھ نىگار، ئەجەپ بىلمىدىم.
بىلگىنىم سەن تۇتقان جۈجەمدەك يەنە،
زەپ شېرىن جۈجەمنى قايتا يىمىدىم.

قىزىل گۈل بەرگىدە يالتىرار شەبنەم،
شاخلاردا كۆز قىسىپ مارىلايدۇ جۈجەم.
چېكەمدە قىزىل گۇل،كۆزۈمدە لىق ياش،
سېغىندىم ،زەپ سىنى سېغىندىم ئەركەم.

2014-يىل سەپەر ئېينىڭ 11-كۈنى












نۇرقىز 2014-06-12 19:12
مىنى قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت، كۆپىرەك يول كۆرسىتەرسىلەر.

بابۇر0725 2014-06-13 00:12
كۈتەرمەن نەچچە رەت ئۈجمە پىششىقى،
بىلمىدىم ئاھ نىگار، ئەجەپ بىلمىدىم.
بىلگىنىم سەن تۇتقان جۈجەمدەك يەنە،
زەپ شېرىن جۈجەمنى قايتا يىمىدىم.
بەكلا ياخشى يېزىپسىز .لىرىكىلىرىڭىز ئۈزۈلۇپ قالمىغاي

نىھان 2014-06-13 00:39
شىئېرىڭىز شۇنداق تەسىرلىك ،لىرىكىغا باي چىقىپتۇ. بەك ياقتۇردۇم. ھارمىغايسىز

ئەنگەر 2014-06-13 08:35
ياخشى  يېزىپسىز

ئارزۇيۇم 2014-06-13 10:17
سىزگە ئاپىرىن.

ئارزۇيۇم 2014-06-13 10:19
شئېرىڭىز بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.

ھاتەھاتەم 2014-06-13 10:31
شاخلارغا ئېسىلغان قوشماق جۈجەمنى،
سۇنغاندا يۈزلىرىم كەتكەن ئوت ئېلىپ،
سۆيگۈڭدەك بىر تاتلىق جۈجەم يىگەندە،
تەمىدە تەنلىرىم كەتكەنتى ئېرىپ.
بەك ياختى.تەپەككۇرىڭىزگە ئاپىرىن.

nadiraay 2014-06-13 18:25
شېئىرىڭىزنىڭ ھەر  بىر مىسرالىرى  شۇنداق  مۇكەممەل  چىقىپتۇ.  قەلەملىرىڭىزگە يەنىمۇ  بەرىكەت  تىلەيمەن. ھارماڭ  ئەزىزىم.

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-06-13 22:23
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز نادىر لېرىكىلار ئۈزۈلمىگەي !

ئەكبەرنىياز 2014-06-15 16:45
نېمىدىگەن ئېسىل لېرىكا !!! مۇبارەك بولسۇن !!!
كىچىككىنە تەكلىپ :
تۇرپان شىۋىسى بۇيىچە «ئۈجمە » نىڭ ئورنىغىمۇ «جۈجەم » لا دەپ ئالسىڭىزمۇ بوپتىكەن ، ئويلىشىپ باقارسىز !؟

نۇرلالە 2014-06-16 10:47
    
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز   

توغراق 2014-06-20 17:35
شۇنداق ھېسسىياتقا باي چىقىپتۇ!

tawpek 2014-06-24 00:17
شاخلاردا كۆز قىسىپ مارىلايدۇ جۈجەم.

شاخلاردا كۆز قىسىپ مارىلار جۈجەم.


دەپ ئالسڭىز ئاھاڭدارلىقىغا تەسىر يەتمىگۈدەك


查看完整版本: [-- ئۇجمە پىششىقىدىكى سېغىنىش  (نۇرقىز) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled