ئوخشىغۇم بار ئۆزۈمگە مىنىڭ (نۇرقىز)
ئوخشىغۇم بار ئۆزۈمگە مىنىڭ
(نۇر قىز )
ئوخشىغۇم بار ئۆزۈمگە مىنىڭ، ئوخشىيالماي بولدۇم ئاۋارە. ئىچىمدە مىڭ بىر ئوت كۆيسىمۇ، تەنلىرىم مۇز ،قىلاي نە چارە.
ئوخشىغۇم بار ئۆزۈمگە مىنىڭ، تىلىكمنى باغاش ئەتكۈم بار. باھار ئىزلەپ قارلىغاچ كەبى. جەنۇپ تامان ئۇچۇپ كەتكۈم بار.
ئوخشىغۇم بار ئۆزۈمگە مىنىڭ، ئاھلىرىمدىن ئۇچقۇن چاچقۇم بار. روھلىرىمنى بەنت قىلىپ قويغان. سېھرىلەرنى ئۈزۈپ قاچقۇم بار.
ئوخشىغۇم بار ئۆزۈمگە مىنىڭ، ھاياتلىقتىن يۈتكىچە بىر رەت. شۇ چاغ مەندەك بىرى ئۆتكەنگە. ھەيران قالار جىمى تەبىئەت.
2014-يىل سەپەر ئېيىنىڭ 11-كۈنى يېزىلدى.
|