nazi |
2014-06-10 10:45 |
ئىككى شېئىر
ئۇقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت،
ئۇقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت، سەبىيلەرگە ئۆگىتىپ ھېكمەت. مەرپەت بۆشكى بولسا ماكانىم، بۇ كەسىپ مەن ئۈچۈن زىننەت.
ئۇقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت، پەرزەنىت ئۈچۈن تۆكسەم تەر–مېھنەت. ئۇچۇرۇم بولسا بىلىم پەرۋانلىرى، بۇ مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت.
ئۇقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت، بارلىقىم مىللەت ئۈچۈن دەپ. ئەل بەختىنى كۆزلەيمەن ھامان، پەرزەنىت بەخىت ئۈچۈن ۋايىم يەپ.
ئۇقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت، ئەجداد روھى ماڭا يار–يۈلەك. باغۋەنلەر ئەجىردىن كۈلسە تەبىئەت، يۇقتۇر ئېھتىرام بۇنىڭدىن بۆلەك.
ئۇنتۇلغان سۆيگۈ
مەن كۈتكەن پاك سۆيگۈ كەتتى يىراقلاپ، قول سۇزسام يەتمەس ئاۋازىممۇ ھەم. قەلبىمنى چىرمىدى پىغان ۋە ھەسرەت، سېنى كۈتكەن شۇ چاغلار ئۇنتۇلدى بۇدەم.
جىسمىم ئوۋلاندى يېڭى ئوۋچىغا، قەلبىم مەڭگۈلۈك ئازاپقا مەھكۈم تەنلىرىم ئازاپتىن تىتىرگەن شۇچاغ كېلەتتى ھەر ۋاقىت دۇنيادىن كەتكۈم.
خەير ئۆتمۈشلەر،ئۇنتۇلغان سۆيگۈ، مۇھەببەت شاھىدى بولغان گۈلباغلار، ياشايمەن يېڭى مەنزىل ئۈستىدە تىنماي، ھەمرا بولغۇسىى گۈزەل تىلەكلەر.
|
|