ablatmuhamma |
2014-06-09 23:38 |
پارچە پۇل
پارچە پۇل
( ساتىرا )
سەبرى قىلغىن موھتاجلىق كۆچىشىگە پارچە پۇل ،
سۈكۈت قىلغىن غەملەرنىڭ كۆيۈشىگە پارچە پۇل ،
كىرىپ كەتمە كىگىزنىڭ تۆشىكىگە پارچە پۇل،
ئەسقاتىسەن نېسىنى تۆلىشىڭگە پارچە پۇل ،
ئېرىشىسەن ھەممىنىڭ سۆيىشىگە پارچە پۇل .
باشقىلارغا چاندۇرماي ھەميان بىلەن گەپلەشتىم ،
بەزەن سېنى تالىشىپ رەستىلەردە سەتلەشتىم ،،
ناۋاي بىلەن تالىشىپ بىر نان ئۈچۈن خەتلەشتىم ،
ئىنساب بىلەن مايلانغاچ خېلى ئوبدان ئەتلەشتىم
ئوخشاپ قالما پىقسىقىنىڭ مۈشىكىگە پارچە پۇل.
كېپەك ئالتۇن كېپەكتەك تۆكۈلگەنگە تۈگىمەس ،
تۇز -تەمى يوق ساقلىنىش قىلدى خىيال يۆگىمەش ،
خۇلاسىسى ۋاقىتنىڭ كىملەر توقاچ كىم كۆمەچ ،
ئۇششاق تاما كەلتۈرەر ئوشوق بەدەل-- سەر تۆلەش
ماركا بولما كۆڭۈلنىڭ يەشىكىگە پارچە پۇل .
قىينچىلىق قىيامى قاتتىقلاشسا مۇز تۇتار ،
زەھەر سالساڭ سەھەرگە كېچەڭ ساڭا تۇز تۇتار،
زەنجىرلەنسە ھەۋىسىڭ قانائىتىڭ يۈز تۇتار،
ئىنساب بەلگەڭ چىرايلىق ساداقەت دەپ سۆز تۇتار،
ئىنكاس قالدۇر تۇرمۇشنىڭ ئوشىقىغا پارچە پۇل .
خالتا كوچا خاتىرجەم خورۇلدىسا جان ئۈزەر ،
ھەيۋەت بولسا يۈرۈشلەر ئارقا سەپنى خان كېزەر ،
ھەسەت بولسا ئارلىشىش قۇيرىقىنى كىم ئۈزەر ؟
ئالچاڭلىسا رەسمىيەت قىلىقىنى كىم تۈزەر ؟
ھاجەتمەننىڭ چاپلاشقىن قوشىقىغا پارچە پۇل .
جان بېقىشلار ئوخشايدۇ كىرپە سىياق تىكەنگە ،
ھەسەن -ھۆسەن يېيىلار ھالال تەرنى تۆككەنگە ،
قىيان كېلەر ئېرىققا ئۆتۈك سالماي ئۆتكەنگە ،
پۇرسەت قاچار يىراقتىن قىردا توشقان كۈتكەنگە ،
قىيا باقما ئەپەندىم ئېشىكىگە پارچە پۇل ،
يىرتىقىنى غېمىنىڭ ھاجەتمەنلەر چاپلايدۇ ،
بىر موچەنلىك ئوسمىلار چار بازارنى ساقلايدۇ ،
روھى ئويغاق ئەۋلادلار ئېتىقادنى ساپلايدۇ،
ئۈمۈدىنى مىللەتنىڭ كارخانىلار ئاقلايدۇ ،
روھلان قىسىر دىللارنىڭ قورسىقىدا پارچە پۇل .
تامچىلىسا قىسمەتلەر دېڭىز سۈيى تۇزلىنار ،
قاپاق تۈرگەن دۆڭلەرگە تاغ ئالجىسا تىزلىنار ،
شامال تەگسە ئەۋرەتكە غورۇر تەندە ھورلىنار ،
موھتاج بولسا كىيىمگە يالاڭ كىندىك زارلىنار ،
نەزەر سالما ھارامنىڭ بۆشىكىگە پارچە پۇل .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
|
|