查看完整版本: [-- تېپىۋالدىم ئۆزۈمنى قايتا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> تېپىۋالدىم ئۆزۈمنى قايتا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نىھان 2014-06-09 19:19

تېپىۋالدىم ئۆزۈمنى قايتا

                       تېپىۋالدىم ئۆزۈمنى قايتا
                         (نىھان)

تېپىۋالدىم ئۆزۈمنى قايتا،
خاتىرەمنىڭ بىر بۇرجىكىدىن.
ئېلىپ چىقتى مېنى يورۇققا،
قەلبىمدىكى ئاشۇ ۋەھىدىن.

يەپ كەتكىلى تاس قاپتۇ مېنى،
بۇ تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكى.
خاسلىقىممۇ كەتكەنتى يوقاپ،
تېپىۋالدىم شېئىردىن ئۇنى.

ئۆگەنگىنىم قالمايلا دەپتۇ،
ئۆگەتكىدەك ئەۋلاتلىرىمغا.
تالانتلىرىم بارئىكەن تېخى،
بېغىشلىغان ئوتلۇق شېئىرغا.

تۇرمۇشقا مەن چۆكسەممۇ چۆكەي،
ئائىلەمگە پاسىبان ئۆتەي.
يوقالمىسۇن ئەمما خاسلىقىم،
ئىشەنچىمنى يوقاتماي كېتەي.

مەنبە: ئىجادىيىتىم. (ئۆزۈمگە شۇنداقلا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۆزىنىڭ خاسلىقنى يوقۇتۇپ قويۇۋاتقان بارلىق خانىملارغا بېغىشلايمەن.)

گۈلنىھال 2014-06-11 09:48
نىھان شىئېرلىرى يېقىشلىق يېزىلىۋاتىدۇ . رەھمەت !

گۈلنىھال 2014-06-11 09:52
ئىشەنچىمنى يوقاتماي كېتەي ،
ھەق سۆز ئۈچۈن بۇ جاندىن كېچەي .
ئەتەم ئۈچۈن ،ئەقىدەم  ئۈچۈن ،
جېنىم بىرلە  بارىمدىن كېچەي ...

گۈلنىھال 2014-06-11 09:53
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن جېنىم !

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-06-11 12:25
بەكمۇ ياىشى يېزىپسىز !ئىجادىيىتىڭىزگە ئوتۇق يار بولغاي !

ئارزۇيۇم 2014-06-11 17:33
شئېرىڭىزنى ياخشى يېزىپسىز،
ئۆزىڭىزنى ئوبدان قېزىپسىز.
ئىشەنچىڭىزنى راسلا يوقاتماڭ،
ھەق سۆز ئۈچۈن جاندىن كېچىپسىز.

ئارزۇيۇم 2014-06-11 17:41
شئېرىڭىزنى ياخشى يېزىپسىز،
جىسمىڭىزدىن گۆھەر قېزىپسىز.
خاسلىقىڭىزنى يوقاتماڭ ھەرگىز،
تۇرمۇشنىمۇ تېتىپ كۆرۈپسىز.

ئارزۇيۇم 2014-06-11 17:58
تىكلىۋالدىم سىزنى بىر ئۆلگە،
كىرىپ كېتىمىز ئاخىرى گۆرگە.
ئىلىم-مەرىپەت سۈيىى ئىچىپ،
ھايات يولىمىز پۈركەنسۇن گۈلگە

نىھان 2014-06-12 00:37
ئارزۇيۇم:تىكلىۋالدىم سىزنى بىر ئۆلگە،كىرىپ كېتىمىز ئاخىرى گۆرگە. ئىلىم-مەرىپەت سۈيىى ئىچىپ،ھايات يولىمىز پۈركەنسۇن گۈلگە (2014-06-11 17:58) 

ھايات يولىمىز پۈركەنسۇن گۈلگە،
بارىمىزنى ئاتايلى ئەلگە.
ئۈلگە قىلاي دەپسىز سىز مېنى،
جان تەسەددۇق بولسۇن شۇ سۆزگە.

رەھمەت سىزنىڭ مەدەتلىرىڭىزگە.

نىھان 2014-06-12 00:39
گۈلنىھال:سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن جېنىم ! (2014-06-11 09:53) 

رەھمەت سىزگە. مەن راستىنلا مەدەتكە مۇھتاج

گۈلنىھال 2014-06-12 09:38
نىھان:رەھمەت سىزگە. مەن راستىنلا مەدەتكە مۇھتاج  (2014-06-12 00:39) 

ئاللاھ ھەممىمىزگە مەدەت ، سەبىر - تاقەت بەرگەي ...

نىھان 2014-06-13 01:57
گۈلنىھال:ئاللاھ ھەممىمىزگە مەدەت ، سەبىر - تاقەت بەرگەي ... (2014-06-12 09:38) 

دېگەنلىرىڭىز كەلگەي. ئاللاھ ئەڭ چوڭ مەدەتكارىمىزدۇر

ئەكبەرنىياز 2014-06-13 05:14
ياخشى يېزىپسىز ، داۋاملىق ئالغا !!!

ئارزۇيۇم 2014-06-13 17:25
سىزگىمۇ رەخمەت.

nadiraay 2014-06-13 19:04
سىزدەك، مەندەك، ھەم  بىزدەك  نۇرغۇن  ئاياللار  ئۆزىمىزنى  ئىزدەۋاتىمىز، ئۆزىمىزگە قايتىش  ئۈچۈن  تىرىشىۋاتىمىز.
ھارماڭ  ئەزىزىم، قەلەملىرىڭىزگە بەرىكەتلەر يار  بولغاي، ئىلھام  قۇشلىرى ئەتراپىڭىزدا  پەرۋانە  بولغاي.

نىھان 2014-06-13 19:22
nadiraay:سىزدەك، مەندەك، ھەم  بىزدەك  نۇرغۇن  ئاياللار  ئۆزىمىزنى  ئىزدەۋاتىمىز، ئۆزىمىزگە قايتىش  ئۈچۈن  تىرىشى .. (2014-06-13 19:04) 

چىرايلىق تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت! بىرلىكتە تىرىشايلى

نىھان 2014-06-13 19:25
ئەكبەرنىياز:ياخشى يېزىپسىز ، داۋاملىق ئالغا !!! (2014-06-13 05:14) 

ئەكبەر ئۇستازنىڭ قەدەملىرىگە مەرھابا! داۋاملىق قەدەم تەشرىپ قىلغايسىز

tawpek 2014-06-13 20:21
قايتا پەيدا بوپسەن نىھانىم
شىئىرىيەت بوستانلىرىدا
كۈي ياڭراتقىن چاقنىغىن قايتا
تەۋپىقىمنىڭ داستانلىرىدا

ئويلىنىشقا بولمىسا پۇرسەت
ئوي خىيالدا ئۆلۆپ كىتىمىز
خاسلىق نىمە؟ مەنزىلىڭ قايان؟
يىغلاپ تۇرۇپ كۈلۈپ كىتىمىز

شىىئىر ئۇ بىر تاڭدىكى خوراز
ئويغىتىدۇ ئۇخلاپ ياتقاننى
يازساڭ سەنمۇ ئويغىنار قەلبىڭ
شادلاندۇرار غەمگە پاتقاننى

بىرىۋەرسە تۈگەيدۇ ھەممە
ئالماقلىقمۇ پەرىز ھەممىگە
قۇرۇق داۋراڭ چاندۇرار ھامان
باش ماس كەلسۇن يوغان سەللىگە

تالانتىڭىز بىخ تارىتتى بۈگۈن
ئەتە بەلكىم ئاچىدۇ چىچەك
ئۈلگۈرمەيمۇ قالارسىز بەلكىم
ھازا تۇتۇپ قالسا ئاق لىچەك

ئىشەنچىڭىز قاقسىلا قانات
تەۋپىقداشلار مەدەتكار سىزگە
ئاياللارنى چاغلىمايمىز بوش
ئىزچىل بولوپ قىتىلىڭ بىزگە



ئەەىشىپ قويدۇم، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز

نىھان 2014-06-19 02:23
tawpek:قايتا پەيدا بوپسەن نىھانىمشىئىرىيەت بوستانلىرىداكۈي ياڭراتقىن چاقنىغىن قايتاتەۋپىقىمنىڭ داستانلىرىدا....... (2014-06-13 20:21) 

رەھمەت سىزگە. شۇنداق ياخشى يېزىپسىز. مەدەتلىرىڭىز ۋە ئەسكەرتمىلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.


查看完整版本: [-- تېپىۋالدىم ئۆزۈمنى قايتا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled