查看完整版本: [-- ئانا تۇپراق.(دەرس لاھىيەسى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> ئانا تۇپراق.(دەرس لاھىيەسى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئارزۇيۇم 2014-06-09 11:27

ئانا تۇپراق.(دەرس لاھىيەسى)

9-يىللىق 2-قىسىم «تىل-ئەدەبىيات» دەرسىدىن سائەتلىك دەرس لاھىيەسى
3-دەرس :ئانا تۇپراق.
ئوقۇتۇش نىشانى  :    
  1....ئوقۇغۇچىلارغا شائىرنىڭ تۇپراققا –ئانا زىمىنغا بولغان كۈچلۈك مۇھابىتىنى ھېس قىلىدۇرۇش.
  2. شېئرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىستىتىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئىگەللىتىش.    
   موھىم نوقتا. .ئوقۇغۇچىلارغا شائىرنىڭ تۇپراققا –ئانا زىمىنغا بولغان كۈچلۈك مۇھابىتىنى ھېس قىلىدۇرۇش.
   قىيىن نوقتا:  شېئرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىستىتىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئىگەللىتىش.
قابىلىيەت يېتىلدۈرۈش: ۋەتەنپەرۋەرلىك  ھېسىياتىنى قوزغاپ ۋەتەن ئۈچۈن  ھاياتى كۈچكە تولغان توختىماي ئالغا ئىلىگىرلەيدىغان تۇرمۇش پۇزىتىسىيەسىنى يىتىلدۇرۇش.
ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى: دەرسلىك كىتاپ، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قوللانمىسى، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرى.  
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كىتاپ كۆرۈشكە يېتەكلەش،لىكسىيە، مۇھاكىمە، ئىلھاملاندۇرۇش، پىكىر قىلىشقا يىتەكلەش، مۇلاھىزە قوزغاش، خۇلاسە قىلىش.
ئۈگىنىش شەكىلى: ھەمكارلىشىپ ئۈگىنىش، ئىزدىنىپ ئۈگىنىش .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: شېئىرنى نەسرى شەكىلدە بايان قىلدۇرۇلۇپ، تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى :
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
«يەر-ئالتۇن قۇزۇق»،«ئۆز يۇرتىنى سۆيمىگەن كىشى ئېلىنى سۆيمەيدۇ»،«يەرنى ئالدىمىسااڭ،يەر سېنى ئالدىمايدۇ»
ساۋاقداشلار، يۇقارقى ماقال-تەمسىلدىن نىمىنى ھېس قىلدىڭلار.
شائىر ئارسلان تۇپراقنى قانداق ئۇلۇغلىغاندۇ؟تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ چىقا
ئاپتۇر توغرىسىدا:
شائىر، ژورنالىست ئارسلان 1946-يىلى تارغاباغاتاي  ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە دىھقان ئائىلىسىدەتۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى مۇھاممەت ھوشۇر.كىچىك چېغىدىلا ئائىلىسى بىللە ئانا يۇرتى ئاتۇشقا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.1962-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇپ،ئوقۇش تاماملىغاندىن كىيىن ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ «خوتەن گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە،قەشقەر مەدەنىيەت-مائارىپ باشقارمىسىدا ئىشلىگەن 1976-يىلىدىن تارتىپ «تارىم» ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مودىرى بولۇپ ئىشلىگەن.. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى 1960-يىلى باشلانغەن بولۇپ،«يۇلتۇزلار يۇرتى»،«ئاھ،مېنىڭ خىلقىم»،«ھەيكەل»،«ئۇپۇقتىكى سۈرەتلەر» «سىپايە ئايال»،«ئاق كۆڭۈل خوشامەتچى» قاتارلىق ھېكايە-پوۋسىت،داستانلىرى ،«كۈلپەتلىك مۇھاببەت» «قىساس خەنجىرى»...قاتارلىق دىرامما،كىنۇ سىنارىيىلىرى بار.
تېكىست ئوقۇش :
ئوقۇتقۇچى: شېئىرنى ئوقۇش جەريانىدا چۈشەنمەيدىغان سۆزلەر بولسا ئاستىغا سىزىپ مېڭىڭلار.( ئوقۇغۇچىلار گورۇپپىلار بويىچە شېئىرنى جانلىق،ھىسسىياتلىق دىكىلماتسىيە قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ.)  
تېكىست ئوقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن،ئېكراندا يېڭى سۆزلەر كۆرسىتىلىپ،مەنىسى ئىزاھلىنىدۇ.
<ئېكران>
تۈس- كۆرۈنۈش                  ئەبەد-مەڭگۈ
ھېدى- پۇرىقى      

1.شېئىر قانچە كۇپلىتتىن تەركىپ تاپقان؟ھەر بىر كۇپلىتتا قەنداق مەزمۇن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؟
(10 ئوقۇغۇچى10 كۇپلىتقا قارتا قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ)
2. شېئىر قانچە بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان؟ھەر بىر بۆلەكتە قەنداق مەزمۇن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؟
3.شائىر تۇپراقنى نىمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇلۇغلايدۇ؟
4.شېئىرنىڭ تۈرلىرىنى بىلەمسىز؟ئۇنداقتا بۇ شېئىر قايسى تۈرگە تەۋە ؟
(يۇقارقى ئۈچ سۇئالغا ئۈچ گورۇپتىن ئۈچ ئوقۇغۇچى جاۋاپ بېرىدۇ.)

ئاخىردا «تۇپراق» توغرىسىدا ماقال-تەمسىل،ناخشا ئېيتىش، شېئىر ئوقۇش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مۇستەھكەملەش باسقۇچى؛
شائىر نىمە ئۈچۈن «ئانىلار ئۇلۇغدۇر،لىكىن بۇ تۇپراق،
                 «شۇ ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ ئۆلمەس ئانىسى» دەپ يازىدۇ؟

تاپشۇرۇق:
(تۇپراق توغرىسىدا شېئىر  يېزىڭ.)


دەرستىن كىيىنكى تەسىرات:



ئوقۇتۇش گورۇپپىسىنىڭ پىكرى:











9-يىللىق 2-قىسىم «تىل-ئەدەبىيات» دەرسىدىن سائەتلىك دەرس لاھىيەسى
3-دەرس : ئانا تۇپراق.
ئوقۇتۇش نىشانى  :    
1....ئوقۇغۇچىلارغا شېئىرنىڭ بەددىي قىممىتى ۋە تەربىۋى ئەھمىيتىنى بىلدۈرۈش.
2.ئوقۇغۇچىلارغا شائىرنىڭ شېئىردىكى تولۇپ تاشقان قايناق ئىددىۋى ھىسسىياتىنى توغرا تەھلىل قىلدۇرۇش.
3. تۇپراق بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا نەقەدەر موھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش.
   موھىم نوقتا: تۇپراق بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا نەقەدەر موھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش.
   قىيىن نوقتا:  
ئوقۇغۇچىلارغا شائىرنىڭ شېئىردىكى تولۇپ تاشقان قايناق ئىددىۋى ھىسسىياتىنى توغرا تەھلىل قىلدۇرۇش.
  ئىددىۋى تەربىيە نىشانى: بۇ دەرسنى ئۆتۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تۇپراقنى  ئۇلۇغلاش،ئانا تۇپراق ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلالايدىغان روھنى يېتىلدۈرۈش.
قابىلىيەت يېتىلدۈرۈش: ۋەتەنپەرۋەرلىك  ھېسىياتىنى قوزغاپ ۋەتەن ئۈچۈن  ھاياتى كۈچكە تولغان توختىماي ئالغا ئىلىگىرلەيدىغان تۇرمۇش پۇزىتىسىيەسىنى يىتىلدۇرۇش.
ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى: دەرسلىك كىتاپ، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قوللانمىسى، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرى.  
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كىتاپ كۆرۈشكە يېتەكلەش،لىكسىيە، مۇھاكىمە، ئىلھاملاندۇرۇش، پىكىر قىلىشقا يىتەكلەش، مۇلاھىزە قوزغاش، خۇلاسە قىلىش.
ئۈگىنىش شەكىلى: ھەمكارلىشىپ ئۈگىنىش، ئىزدىنىپ ئۈگىنىش .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: شېئىرنى نەسرى شەكىلدە بايان قىلدۇرۇلۇپ، تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى :
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
«بېشىمدا ئاسمان،ئايىقىمدا تۇپراق.»كىممۇ ئانا يەردىن،كىممۇ ئايىقىدىكى تۇپراقتىن ئايرىلالىسۇن؟سىزنىڭ ئانا تۇپرىقىڭىز قايسى؟ئانا تۇپرىقىڭلاردا قانچە ئەۋلات ياشىدىڭلار؟ شائىر ئارسلان تۇپراقنىڭ بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا نەقەدەر موھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى قانداق ئىپادىلىگەندۇ؟

ئوقۇتقۇچى:
تۆۋەندە بىز شائىرنىڭ تۇپراق تۇيغۇسىغا جۈر بولايلى!
1.«كېلەركەن،كېتەركەنبۇ جايغا ئاي،كۈن،
كەتكەندە چىداركەن ئەجەپ پىراققا؟
مەن كەلگەن ،كەتمىدىم،كەتمەيمەن ئەبەد،
قانغۇچە يۈرىگىم مۇشۇ تۇپراققا.» بۇ كۇبلىتتا ئاپتۇرنىڭ قانداق ئىددىۋى ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن؟
  شائىر ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا تۇپراققا كۈچلۈك مۇھاببەت باغلىغان،مەڭگۈ مۇشۇ تۇپراقتا قېلىشنى،ئۆلسىمۇ يەنە شۇ تۇپراقنى باغاشلاپ ،مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىشنى ئىرادە قىلغان ۋە ئۈمۈت قىلغان.
«بۇ شۇنداق مۇھاببەت ،پۈتمەس مۇھاببەت ،
سۆيمىگەن ئانىنى قاچان بالىسى؟» دىيىش ئارقىلىق ،تۇپراق بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى مۇھاببەتنى ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى مۇھاببەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ تەسۋىرلىگەن.
«توپىغا قوشۇلغان بوۋىلار بېشى،
شۇڭلاشقا بۇ توپا جاندىن ئەتىۋار.
سەھرالار يۇلغىنى چېچەكلىرىدەك،
قايتلاپ كۆكلىگەن ئۈمۈت ئىلتىجا.»
بۇ مەزمۇنلاردا شائىرنىڭ تۇپراققا بولغان مۇھاببىتى ۋە تىۋىشى پەقەتلا تۇپراقنىڭ پەپىلەپ ئۆستۈرگەنلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى سۆيۈملۈك ئەجداتلىرىنىڭ جىسمى ۋە تارىخ مۇشۇ ئانا يەرگە سىڭىپ كەتكەنلىكىدەك ئىددىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2.شېئىرنىىڭ بېشىدىكى كۇبلىتنى ئاخىرىدا تەكرارلاشتىن قانداق ھېسسىيات ئۈمۈمى يارتىلغان؟
شېئىرنىىڭ بېشىدىكى كۇبلىتنى ئاخىرىدا تەكرارلاش شېئىرىيتىمىزدىكى بىر خىل شەكىل بولۇپ ،بۇ كۆپىنچە شائىرنىڭ مەركىزىي ئىددىيەسىنى تەكىتلەش رولىنى ئوينايدۇ.بېشىدىكى كۈبلىت پۈتكۈل شېئىرنىڭ مەركىزىي ئىددىسى دىيىشكە بولىدۇ.ئاخىردا بۇنى تەكرارلاش ئارقىلىق شائىرنىڭ ئانا تۇپراققا،ئۆز ۋەتىنىگە بولغان چوڭقۇر مۇھابىتى يەنە بىر قېتىم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىگە سېلىنىپ،شېئىردا ئىپادىلەنگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ يەنە بىر قېتىم ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن.
(بۇنىڭغا ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئىزدىنىپ جاۋاپ بېرىدۇ.ئوقۇتقۇچى ئومۇمى جەھەتتىن يېتەكلەيدۇ.)
3.شائىر نىمە ئۈچۈن: «ئانىلار ئۇلۇغدۇر،لىكىن بۇ تۇپراق،
«شۇ ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ ئۆلمەس ئانىسى.» دەپ يازىدۇ؟
تۇپراق ئىنسانىيەت ھاياتلىقىنىڭ مەنبەسى ۋە تۈۋرىكى.ئىنسان تۇپراققا تايىنىپ ھايات كگچۈرىدۇ ۋە تەرەققى قىلىدۇ،ئۆزىنىڭ كىملىكىنى نامايەن قىلالايدۇ.شۇڭا شائىر ھەرقانداق ئۇلۇغ ئانىنىڭ ئانىسى تۇپراق دەپ كېسىپ ئېيتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن تۇپراقنىڭ ئۇلۇغلىقى تېخىمۇ مۇقەددەسلىككە كۆتىرىلگەن.
دېمەك: شائىر بۇ شېئىردا خىلمۇ-خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ياردىمىدە،قويۇق شېئىرىي كەيپىيات ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئانا تۇپراققا،شۇنداقلا ۋەتىنىگە بولغان كۈچلۈك مۇھابىتى ۋە ئېتىقادىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن.
بۇ شېئىر ياش ئەۋلاتلارنىڭ ۋەتەن،خەلقنى قەدىرلەش ۋە سۆيۈشتەك ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تۇرغۇزۇشتا ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
(ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاراشلىرى ئاساسىدا خۇلاسلىنىدۇ.)

مۇستەھكەملەش باسقۇچى:
بۇ تېكىستتىن نىمىنى ھېس قىلدىڭىز؟


تاپشۇرۇق:
«تۇپراق» ھەققىدە بىر كۇپلىت شېئىر يېزىڭ.

دەرستىن كىيىنكى تەسىرات:

ئوقۇتۇش گورۇپپا باشلىقىنىڭ پىكرى:







ئۇنۋىرسال ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش
ئوقۇتۇش نىشانى      
1.  تۇپراق بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا نەقەدەر موھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش.
2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋىرسال ئىختىدارىنى  يېتىلدۈرۈش.
3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيتىنى يۇقۇرى كۆتىرىش.
موھىم نوقتا: تۇپراق بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا نەقەدەر موھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش.
   قىيىن نوقتا:  
ئۇنۋىرسال ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشتىكى بېرىلگەن تەلەپلەرنى جايىدا ئورۇنداش.
  ئىددىۋى تەربىيە نىشانى: بۇ دەرسنى ئۆتۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تۇپراقنى  ئۇلۇغلاش،ئانا تۇپراق ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلالايدىغان روھنى يېتىلدۈرۈش.
قابىلىيەت يېتىلدۈرۈش: ئۇنۋىرسال ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش.
ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى: دەرسلىك كىتاپ، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قوللانمىسى، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرى.  
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كىتاپ كۆرۈشكە يېتەكلەش،لىكسىيە، مۇھاكىمە، ئىلھاملاندۇرۇش، پىكىر قىلىشقا يىتەكلەش، مۇلاھىزە قوزغاش،مەشق، خۇلاسە قىلىش.
ئۈگىنىش شەكىلى: ھەمكارلىشىپ ئۈگىنىش، ئىزدىنىپ ئۈگىنىش . مۇستەقىل ئۆگىنىش.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: تۇپراق ھەققىدىكى چۈشەنچىسى  بايان قىلدۇرۇلۇپ، تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ.يېزىقچىلىق مەشقىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى :
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
ئوقۇتقۇچى:«بېشىمدا ئاسمان،ئايىقىمدا تۇپراق.»كىممۇ ئانا يەردىن،كىممۇ ئايىقىدىكى تۇپراقتىن ئايرىلالىسۇن؟سىزنىڭ ئانا تۇپرىقىڭىز قايسى؟ئانا تۇپرىقىڭلاردا قانچە ئەۋلات ياشىدىڭلار؟ سىز تۇپراق ھەققىدە قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز؟
ئۇنداقتا تەسىراتىڭىزنى قەغەز يۈزىدە ئىپادىلىپ بېقىشنى خالامسىز؟ قېنى،قابىلىيتىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ.
(ئوقۇغۇچىلار يېزىقچىلىق مەشقىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.)

ئاخىردا يەر ھەققىدە ماقال-تەمسىل، ئىدىئۇم،شېئېر ۋەتارىخى ھىكايىلەرنى سۆزلەش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلىپ،ئوقۇغۇچىلارغا يەرنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن نەقەدەر موھىملىقى تونىتىلدۇ.

تاپشۇرۇق:
  تۇپراق توغرىسىدىكى بىلىمىڭىز ئاساسىدا تۇپراقنى تىما قىلىپ، شېئىرىي تەسەۋۋۇرىڭىزنى قانات يايدۇرۇپ ،بىرەر پارچە لىرىك نەسىر ياكى شېئىر يېزىڭ.



    

بابۇر0725 2014-06-11 00:08
ئەتراپلىق ياخىشى تەييارلىنىپتۇ ھارمىغايسىز

ئەكبەرنىياز 2014-06-13 05:02
ھەقىقەتەن ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلىنىپتۇ . بىر ھېس قىلغان يېرىم ، يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشتە شىئېر ماۋزوسىنىڭ ئۆزىنىلا تەھلىل قىلغۇزۇپ باشلاپ كەتسىڭىزمۇ بوپتىكەن !؟ مەسىلەن :«ئانا تۇپراق »نى قانداق چۈشىنىسىز ؟ نېمىشقا تۇپراق ئانا دېيىلمەي ئانا تۇپراق دېيىلىپ قالىدۇ ؟ ئىككىسىنىڭ قانچىلىك پەرقى بار ؟ زادى ئانا ئۇلۇغمۇ ياكى ئانىمىزدەك بىزنى باققان تۇپراق ئۇلۇغمۇ ؟...
دېگەندەك سۇئاللار ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ باقساق دېمەكچىمەن .

tawpek 2014-06-22 22:49
مۇھەممەت ھوشورنىڭ كىتاپخانىلاردىن تاپقىلى بولىدىغان بىرەر ئەسەرلەر توپلىمى ياكى كىتابى دىگەندەكلەر بولسا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىەەن بولساڭلار


查看完整版本: [-- ئانا تۇپراق.(دەرس لاھىيەسى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled