查看完整版本: [-- شىئېرىي مەۋجۈدلۇق ۋە يازغۇچىنىڭ « ئالەملىك  كۆزى» --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> شىئېرىي مەۋجۈدلۇق ۋە يازغۇچىنىڭ « ئالەملىك  كۆزى» [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-06-09 10:22

شىئېرىي مەۋجۈدلۇق ۋە يازغۇچىنىڭ « ئالەملىك  كۆزى»

شىئېرىي مەۋجۈدلۇق ۋە يازغۇچىنىڭ « ئالەملىك  كۆزى» Fz^5cxmw  
3R ZD=`  
cK6IyJx-  
ياڭ شۇسىن  
VU(#5X%Pn  
مۇھەممەد ھوشۇر تەرجىمىسى ,P$Crs[  
6sl2vHzA  
1 <[<]+r&*  
يازغۇچى — ئۇ بىر پارلاپ تۇرغان شەرەپلىك نام.ئېنىقكى، خالىغانكى ئادەم ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. يازغۇچىلار ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى مۈنەۋۋەر زىيالىلار توپىنىڭ بىرى. ھەقىقى بىر بۈيۈك يازغۇچىدا  ئۆتكۈر مېڭە ،مول بىلىم،باشقىلارنى بېسىپ چۈشكۈدەك نەزەر، قالتىس تالانت بولۇشتىن سىرت تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭدا يەنە  سەمىمىلىك ، ئاقكۆڭۈللۈك ۋە مۇستەقىل ئادىمىلىك ساپاسى  ھازىرلىنىشى ، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان ھەقىقى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخى بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. lv0}d  
zHW}A `Rz  
2 _#rE6./@q  
دۆلىتىمىزدە مۇنداق بىر قاراش تولىمۇ ئەۋج ئالغان: ئالى مەكتەپلەردىن يازغۇچى چىقمايدۇ. Yeb-u+23  
بۇ  ئېھتىمال تۇرمۇش تەجرىبىسى ۋە جۇغلانمىسىنى زىيادە تەكىتلەش سەۋەبىدىن ئېيتىلغان بىر تەرەپلىمىلكتىن ئىبارەت بولۇپ مۇنداق بىر  پاكىتقا سەل قارالغان: ئالىي مائارىپ ئارقىلىق تىكلەنگەن بىلىم قۇرۇلمىسى،كېڭەيتىلگەن تەپەككۈر بوشلۇقى، شەكىللەندۈرۈلگەن مول مەدەنىيەت خاسلىقى دەل دۇنيادىكى نۇرغۇن مۈنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ  مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم شەرتلەردۇر. بۇنىڭغا قارىتا بىز نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ كۆرسەك ئارتۇق كەتمەس. 1901–يىلىدىن ھازىر(2000–يىل) غا قەدەرمۇكاپاتقا ئېرىشكەن92 نەپەر شائىر، يازغۇچى ۋە دىرامماتورگ ئارىسىدا 70كىشى مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپ تەربىيەسىگە ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ماگىستېرلىقتا ئوقۇغانلار 5 نەپەر، دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەنلەر 6 نەپەر، ئالىي مەكتەپتە پىروفىسور بولۇپ ئىشلىگەنلەر7نەپەر(مەسىلەن  ئامېرىكىلق يازغۇچى سول بىلوۋ، ئىتالىيەلىك شائىر كاردۇچى ۋە كاشىمۇدو ، سانت لۇسىيەلىك شائىر ۋە دىراماتورگ دېرىك ۋولكىت،ئېرلاندىيەلىك شائىر ھېرمىس ھېينى قاتارلىقلار) ، پەنلەر ئاكادېمىسى، ئەدەبىيات–سەنئەت ئاكادېمىسى ۋە خان جەمەتى ئاكادېمىسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىدىن7نەپەر  (مەسىلەن فرانسىيەلىك يازغۇچى رومىن روللان،ئامېرىكىلىق يازغۇچى سېنكىلېر لوئىس، شىۋېدسىيەلىك يازغۇچى جونسون ۋە لاگېرلوف ، ئەنگىليەلىك يازغۇچى ۋىليام گولدۇن ، ئىسپانىيەلىك يازغۇچى سېلا قاتارلىقلار) . بۇ يازغۇچىلار ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇپلا قالماي، بەزىلىرى ھەتتا كۆپلىگەن ساھالەردە مەخسۇس تەربىيە ئالغان، مەسىلەن لۇشۈن بەكلا زوقلىنىدىغان  پولشالىق يازغۇچى سېنكىۋېچ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتلىرىدا ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان بولسىمۇ ، ئەممائۇنىۋېرسىتىتتا ئىلگىرى –كىيىن قانۇن، تىبابەت، تارىخ، تىلشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرنى ئوقۇغان، فىرانسىيەلىك يازغۇچى رومىن روللان كىچىگىدىن مۇزىكىغا مەستانە ئىدى، كىينىچە ئىمتىھان بېرىپ كىرگىنى پارىژ ئالى دارىلفۇنىنىڭ تارىخشۇناسلىق كەسپى بولغان،ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەنە ئارخىلوگىيە كەسپىنىڭ مەخسۇس ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇغان، فرانسىيەلىك يازغۇچى سېمون ئوكىسفورد، كامبېرىج ئۇنىۋېرسىتىتلىرىدا پەلسەپە ۋە ماتېىماتىكا ئۆگەنگەن.....  بۇ يازغۇچىلارنىڭ بەدىئى مۇۋەپپىقىيىتى ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ مول بىلىم قۇرۇلمىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.  بىز نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئېتىنىڭ مۇكاپاتلاش سەۋەپلىرىدە دائىم مۇنداق يەكۈنلەرنى ئۇچرىتىمىز: ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە " ئىنسانىيەتكە بولغان چۈشىنىش ھەمدە بۈگۈنكى زامان مەدەنىيىتىگە قارىتا چوڭقۇر ئانالىز " بار ( سول بىلوۋنىڭ رومانلىرىغا بېرىلگەن باھا) ؛ "غايىگە بېقىنمايدىغان تۇرمۇش  قاينىمىدا ئىنسانىيەتنىڭ قىممىتىنى ئېزاھلاپ بەردى" ( مۇنرايتنىڭ شىئېرلىرىغا بېرىلگەن باھا) ؛" مۇرەسسەسىز كۈزىتىش قابىلىيىتى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ كەسكىن توقۇنۇش دۇنياسىدىكى قىپ يالىڭاچ ھالىتىنى تەسۋېرلىدى"( مېفۇستنىڭ شىئېرلىرىغا بېرىلگەن باھا) . ئېنىقكى، مۇشۇنداق مەنىۋى ئالەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ناھايەت كەڭ مەدەنىيەت قارىشىغا ۋە ئاجايىپ مول بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇش كېرەك. ئەمەلىيەتتىمۇ ،كەڭ مەدەنىيەت قارىشى ۋە مول بىلىم قۇرۇلمىسى بۇ يازغۇچىلارنى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ مەلۇم ئەھمىيەتلىك پەللىلىرىدە پۇت تېرەپ تۇرالايدىغان قىلغان،ئۇلار شەخىسنىڭ ئەقلىيلىكى بىلەن رىئال تۇرمۇشقا تېخىمۇ ئۆتكۈر نەزەر تاشلىيالىغان ھەمدە  ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئەسەرلەرنى يارىتالىغان. $09PZBF,i  
    ئالىي مەكتەپ ۋە يازغۇچى ئوتتۇرسىدا، ئەلۋەتتە مۇقەررەر باغلىنىش مەۋجۈد ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بىلىم قۇرۇلمىسى ئارىسىدا مۇقەررەرلىك بار. ئەدەبىيات تارىخىدا ھەقىقەتەنمۇ ئالىي مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن كېرىپ باقمىغان بىر قىسىم ئەدىپلەر بار، ئەمما ئۇلارنىڭ ھاياتىغا نەزەر تاشلىساق شۇنى بايقايمىزكى بۇ يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى كىچىگىدىنلا ئەۋزەل تەربىيەلىنىش شارائىتىغا ئىگە. مەسىلەن ئەنگىليەلىك يازغۇچى بېرنارد شاۋ مۇزىكانت ئانىسىغائەگىشىپ لوندوندا ئۇزۇن مەزگىل تۇرغان مەزگىللىرىدە  كۈندە دىگۇدەك بۈيۈك بېرىتانىيە مۇزېيىغا بېرىپ تۇرغان؛ فىرانسىيەلىك ژىدنىڭ ئاتىسى پارىژ ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروفىسورى بولۇپ، بوۋىسىمۇ  ناھايىتى نۇرغۇن كىتاپلارنى  ساقلىغان بۇلار ئۇنى بالىلىقىدىنلا  كىتاپ مەستانىسىگە ئايلاندۇرغان؛ يەنە بىرفىرانسىيەلىك يازغۇچى فرانسنىڭ ئاتىسى كىتاپ سودىگىرى بولۇپ ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئاساسەن كىتاپ دېڭىزىدا ئۆتكۈزگەن. n8vteGQ  
    20–ئەسىردىكى جوڭگۇ ئەدەبىيات تارىخىدىمۇ،بىلىم قۇرۇلمىسى بىلەن بەدىئى  مۇۋەپپىقىيەت ئوتتۇرسىدىكى ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتنى كۆرىۋالالايمىز. مەسىلەن لۇشۈن، گومورو، ماۋدۈن،باجىن، لاۋشې، چىيەن جوڭشۇ، شىن سوڭۋېن قاتارلىق چوڭ يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ياكى ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ پروفىسورلىرى ياكى چەتئەلدە ئوقۇپ قايتقان ئالىملاردۇر. بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا،كىيىنكى نەچچە دەۋر جوڭگۇ يازغۇچىلىرى ئىچىدە بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ نىسپىي تارلىقى سەۋەبىدىن بەدىئىي مۇۋەپپىقىيەتتە ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ كەتكەنلىرى تولىمۇ ئاز. W! q-WU  
E A}Vb(2  
3 Th[Gu8b3  
ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئۆزىگەخاس يولى بولىدۇ. ئۇنى دىيىشكە ئوڭاي بولغان بىلەن قىلىپ كەلسە تولىمۇ تەس. \"W _\&X  
دۇنيادا  زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ دېرىزە تۈۋىدە ئولتۇرۇپ گۈللەرنىڭ ئېچىلىپ ،توزۇۋاتقانلىقىغا ،كېپىنەكلەرنىڭ قالايمىقان ئۇچۇشلىرىغا ۋە ياكى كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنا ۋە ئادەملەر توپىنىڭ ئالدىراش مېڭىشلىرىغا نەزەر سالغانلىقى نامەلۇم .بىراق بىروۋ مۇنداق چوڭقۇر مەنىلىك مىسرالارنى تۈزۈپ چىقالىغان: C.}Vm};M  
ئولتۇرىمەن سەھەردە 8m poY.E4!  
دەرىزەمنىڭ يېنىدا 4+j:]poYG{  
دۇنيا گويا سەيياھتەك _pS!sY~d  
توختاپ پەقەت بىر نەپەس ^~:&/0  
سالام بېرىپ ئالدىراش :VEy\ R>W  
ئۆتۈپ كېىتەر ئوخشاشلا. v)AadtZ0d  
تاگو« قۇشلار»دىن uk)6%  
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەتراپىمىزدا دائىم مەۋجۇد شەيئىلەردۇر.جىدىدلىك، يىقىنلىق، سالماقلىق ۋە يەنە مول پەلسەپىۋىلىككە تويۇنغان"ئۆتكۈنچى سەيياھ " كەبى "دۇنيا"نى – ئېنىقكى ، فىزىلوگىيەلىك كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن  چەكلىمىلىكتىن ھالقىغان ،ئالەمنىڭ ئۆزىنى ۋە تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك  تۈمەن  قىسمەتلىرىنى  چوڭقۇر سىزەلەيدىغان قەلپ كېرەك. يەنى ئۇ دەل شوپىنخائوئىر ئېيتقان "ئالەملىك كۆز"دىن قۇۋۋەت ئالىدۇ. بۇنداق"قەلپ " بىلەن " ئالەملىك كۆز" نى ھەرگىزمۇ رىئال  تۇرمۇش ياكى شىئېرىيەتنىڭ ئۆزى تەمىنلىيەلمەيدۇ بەلكى ئۇ ھەزارىۋى پاراسەتنىڭ تەربىيەلىنىىشىدىن كېلىدۇ. !W ,pjW%Y  
#MhieG5  
4 qU) pBA  
ئەدەبىيات- دانىشمەنلەرنىڭ كەسپى. \?9{H6<=  
ئەدەبىي ئەسەرلەردە  بەدىئي لەززەت بولۇشى كېرەك، ئەمما بۇنداق  لەززەتنىڭ كەينىدە يەنە بىر خىل يۈكسەك پەللە تۇرىشى لازىم. بۇ پەللە ناھايىتمۇ ئۆتكۈر ھەزارىۋى كۆزگە ئىگە كىشىلەر تەرىپىدىن يارىتىلىدۇ. بۇ كۆزلەر چوقۇم ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە بولۇشى لازىم. ئۇنىڭدا، ھاياتقا قارىتا ئوتتەك ئىنتىلىش، ئۈمىتسىزلىك، بىپەرۋالىق ۋە ھەتتا ئەشەددى ئۆچمەنلىك بولسىمۇ كېرەك يوق؛ ئەمما بۇ كۆزلەردە چوقۇم يازغۇچىنىڭ شەخسى تالانتى بىلەن مول بىلىم قۇرۇلمىسى ئۆز–ئارا يۇغۇرۇلۇش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن كۈچلۈك ھاياتلىق نۇرى ئەكس ئېتىشى لازىم ، بۇ كۆزلەر  ئەجىرسىزلا  ئۇياق–بۇياقتىن تېرىۋالغان ياتلارنىڭ پەلسەپىلىرىدىن ۋە  ياكى تەييار سىياسى قاراشلاردىن قوراشتۇرۇلغان "رەڭلىك كۆزئەينەك" لەرنىڭ خېرىدارى بولۇشتىن ھەر ۋاقت ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. FLI0C  
?_+h+{/@B  
5 ^q uv`d  
ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەلۋەتتە رىئال تۇرمۇشتىن ئايرىلالمايدۇ، ئەمما رىئال تۇرمۇشنىڭ نەق ئۆزىمۇ ئەدەبىيات ئەمەس.شۇڭا نۇرغۇنلىغان ھەۋەسكار ئاپتورلار ئۇزۇنغىچە رىئال تۇرمۇشقا چوڭقۇرچۆكسىمۇ، ھەزارىۋى  كۆزى ئاجىز بولغانلىقتىن،بىر ئۆمۈر تىرىشىپمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالمايدۇ. q i27:oJ  
ئەدەبىياتنى ئەلۋەتتە سىرلىقلاشتۇرماسلىق كېرەك، ئەدەبىي ئىجادىيەتمۇ، ھەرگىز ئاز ساندىكى كىشىلەر تەرىپىدىنلا مونوپول قىلىنماسلىقى لازىم. بىراق كىتاپ ئوقۇيالايدىغان ،خەت يازالايدىغانلارنىڭ  ھەممىسى ئىجاد قىلالايدۇ ،توقۇلغان ھېكايىلەرنىڭ بەرى ئەدەبىي ئىجادىيەت، ھەر قانداق بىر كىشى ئارتۇق كۈچىمەيلا شائىر، يازغۇچىغا ئايلىنالايدۇ دەپ قارالسا ئۇ ھالدا ئەدەبىيات ھەقىقەتەن خاتا چۈشىنىلگەن بولىدۇ. Z3)l5JG)  
j;|rI`67~  
6 l9%oKJ;  
بىزنىڭ ئەدەبىيات–سەنئەت نەزىريەلىرىمىزدە ئوبىكتىپ رىئال تۇرمۇشنىڭ رولى ئىزچىل بىر تەرەپلىمە ھالدا كۆپ  تەكىتلىنىپ كەلدى. بۇ ئاستا–ئاستا يازغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشقا زىيادە بېقىنىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنىڭغا ماس ھالدا، 20–ئەسىردىكى جوڭگۇ ئەدەبىيات تارىخىدا، بولۇپمۇ دۆلىتىمىزقۇرۇلغاندىن تارتىپ "مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى"غىچە بولغان ئارىلىقتا مۇنداق بىر ئومۇمى ھادىسە كۆرۈلدى: يازغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئەسىرى  كۆپىنچە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى  ھەتتا ئىجادىيىتىنىڭ چوققىسى بولۇپ قالدى. مەسىلەن:ياڭمونىڭ«ياشلىق ناخشىسى» ، چۈبونىڭ «چەكسىز ئورمان قارلىق دالا» ، فېڭ دېيىڭنىڭ«ئاچچىق قېچا» قاتارلىقلار. تۇنجى ئەسىرىدىن كىيىن بۇ يازغۇچىلار ئاساسەن ئۆزلىرىدىن ھالقىپ كېتەلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى: مەزكۈر ئەسەرلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ھەرگىزمۇ يازغۇچىنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەت قۇۋۋىتىدىن كەلگەن بولماستىن بەلكى ئەسەرلىرىدىكى  تۇرمۇشنىڭ جانلىقلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكىدىن كەلگەن. شۇنىڭدەك  بۇ ئاپتۇرلار ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بىرىنچى قول ماتېرياللارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن، ھەزارىۋى قاراشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، ناتونۇش تۇرمۇش كۆمۈندىلىرى، بولۇپمۇ قارىماققا ئاددى ئەمما چوڭقۇر ھايات ھېكمەتلىرى يوشۇرۇنغان ئەھمىيەتلىك  ماتېرياللار نى بايقىيالمىدى. ئەسلىدە ئۆزىگە پىششىق بولغان تۇرمۇش ماتېرياللىرى ئارىسىدىنمۇ كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ تەرەپلىمىلىك يېڭى قىممەتلەرنى تېپىش قولىدىن كەلمەي زور كۆپچىلىگى تۇنجى ئەسەرلىرىدىن ئېشىپ قالغان ماتېرياللارىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئىشلىتىپ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش خارەكتېردىكى باشقا نەرسلەرنى قوشۇپ،كونا قىلىپ بويىچە قوراشتۇرۇپ چىقىشتى.بۇ ئەسەرلەردە ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق سەۋىيەسى ئازراق يۇقىر ى كۆتىرىلگەن بولسىمۇ ئەمما تۇرمۇش ماتېرياللىرىنىڭ نىسپىي نامراتلىقى، ھېسياتىنىڭ نىسپىي تۆۋەنلىكى ھەمدە ئىدراكى مەزمۇن ۋە بەدىئى شەكلىنىڭ كونىلىقى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇلارنى تۇنجى ئەسەرلىرىگە  سېلىشتۇرۇش مۈمكىن بولمايقالدى. whzV7RT  
Z5vpo$l  
7 er0hf2N]  
بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچى چوقۇم تۇرمۇشقا قارىتا كۈچلۇك كۈزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، ئادەتتىكى كىشىلەرئاسانلىقچە بايقىيالمايدىغان ھايات ھېكمەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان،شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇستەقىل خاسلىقىنى يارىتالىغان بولۇشى كېرەك.   «قىزىلراۋاقتىكى چۈش» ، « قىزىل ۋە قارا» ، « جىنايەت ۋە جاز ا » ،  «تېرىلىش»،  «بوۋاي ۋە دېڭىز» ، « يۈز يىل غېرىپلىق» ،   « ئا كىيۇ نىڭ تەرجىمىھالى»  قاتارلىق زور دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە ئەسەرلەردىن بىز يازغۇچىنىڭ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان سوبىكتىپ  ئىدراكىنىڭ چاقنىشىنى سېزەلەيمىز. شۇنىڭغا ماس ھالدا ھەقىقى بۈيۈك يازغۇچىلاردىن بىز يەنە ئۆزىگە بولغان مۇنداق بىر خىل ئىشەنچنى كۆرۈۋالالايمىز: يەنى ئۇلار مەقسەتلىك ھالدا باشقىلار ئىلگىرى  يېزىپ بولغان تېمىلارغا  چېقىلىپ ، ئۇنى ئالدىنقىلاردىن بېسپ چۈشكۈدەك  قىلىپ قايتا يارىتالايدۇ. گيوتېنىڭ كاتتا ئەسىرى « فائۇست»نىئېلىپ ئېيتساق ، ئەسلىدە ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى خەلق رىۋايەتلىرىدە ئاللا بۇرۇن تەسۋېرلەنگەن بىر پىرسۇناژ ئىدى. باشقا بىر يازغۇچىمۇ   « دوكتۇر فائۇستنىڭ تېراگىدىيىسى» دەپ بىر ئەسەر يېزىپ بولغان، ئەمما گيوتې پۈتۈن ئۆمرىنى دىگۈدەك سەرپ قىلىپ پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە بولغان« فائۇست» نى قايتا ياراتتى؛ شېكىسپىرمۇ ئۆز سوبىكتىغا تايىنىپ، باشقىلارنىڭ ھاملېتى ئاساسىدا، قايتىدىن ئۆزىنىڭ "پاتنېت ھوقۇقى" بېسىلغان ھاملېتنى پەيدا قىلدى. m|RA@sY%`  
y8$TU;  
8 2VNMz[W'  
بۇندىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرى جوڭگۇئىشچى– دېھقان قىزىل ئارمىيەسى دۇنياغا مەشھۇر 25مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرنى تاماملىدى. S}=euY'i  
  يېرىم ئەسىردىن كېيىن، بىر ئالدىراڭغۇ ئامېرىكىلىق جوڭگۇغا كېلىپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىنى بويلاپ مەخپى زىيارەتكە ئاتلاندى. ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەي خاررىسون سولسبېللي ئىسىملىك بۇ ئامېرىكىلىق يازغۇچى « ئۇزۇن سەپەر ھەققىدە تىلغا ئېلىنمىغان ھېكايىلەر» ناملىق بىر كىتاپ يېزىپ چىقىپ  پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان جوڭگۇلۇق كەسىپداشلىرى  بۇنىڭغا ھەم خېجىل بولدى، ھەم  ھەسەت قىلدى. Kw%n;GFl'  
خاررىسون ئۇزۇن سەپەرنى  باشقا بىر خىل نەزەر بىلەن كۈزەتكەن ئىدى. ;xnJ+$//U  
خاررىسوننىڭ قارىشىچە، ئۇزۇن سەپەر ئىنسانىيەتنىڭ قەھرىمانلىق روھىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىدى. گەرچە ئۇ كومپارتىيە ئەزاسى ياكى ماركىسىزىمچى بولمىسىمۇ، بۇلار ئۇنىڭ ئۇزۇن سەپەرنى يېزىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمىدى. چۈنكى قەھرىمانلىق روھى ئەسلىدىنلا ھەممە كىشى چۈشىنەلەيدىغان بىر  خىل تىل ئىدى. "g)@jqq:>  
  لېكىن ئىلگىرى بىز ئۇزۇن سەپەرنى سىياسى تۈسى قويۇق بولغان "ئىنقىلاۋى قەھرىمانلىق " دەپ تونۇپ كەلگەن ئىدۇق. o;+J3\  
"ئىنقىلاۋى قەھرىمانلىق" بىلەن"ئىنسانىي قەھرىمانلىق" ئوتتۇرسىدا پەقەت ئىككىلا خەت پەرقلەنسىمۇ بىراق  بۇ تېخىمۇ مول بەدىئې تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگەئىگە "ئادىمى نەزەر" نىڭ  "سىياسى نەزەر" دىن ھالقىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق ھالقىش، بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان يازغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن ھەرگىز ئاسان ئەمەس ، ئەلۋەتتە! ,= ;d 
H!y%FaTi  
9 wG1A]OJl1  
20–ئەسىردىكى جوڭگۇ يازغۇچىلىرىنىڭ بىر پۈتۈن نەزەر دائىرسىدىن قارىغاندا، يېڭى ئېقىملار ئۈزۇلمەي چىقىۋاتقان دۇنيا ئەدەبىياتىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئوخشاشلا سوتسىيالىزىم لاگېرىغا تەۋە سابىق سوۋېت ئتتىپاقىنىڭ يازغۇچىلىرى بىلەنلا سېلىشتۇرىدىغان بولساقمۇ بىزدىكى ئەدەبى نەزەرنىڭ تېيز ۋە تارلىغىنى كۆرىۋالالايمىز. ئۇرۇش ئەدەبىياتى جۈملىسىدىن بىزدە قويۇق ئىنسانىلىق باش تېما قىلىنغان « تېنىچ دۇن »، «بىر ئادەمنىڭ كەچۈرمىشى»، «بۇيەرنىڭ سەھىرى جىمجىت» كە ئوخشاش دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەر مەيدانغا چىقالمىدى. سوتسىيالزىم قۇرۇلۇشىغا دائىر ئەسەرلەردىن  ، 50–يىللارنىڭ بېشىدىلا سوۋېت ئەدەبىياتىدا لىئاننوفنىڭ   «رۇس ئورمانزارلىقى» غا ئوخشاش ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلۈنگەن ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ماسلىقى تەشەببۇس قىلىنغان رومانلار مەيدانغا كەلگەن. 70–يىللارغاكەلگەندە ناھايىتى يۇقىرى شۆھرەت قازانغان"تەبىئەت پەلسەپىسى" دىن ئىبارەت پرۇزا ئېقىمى شەكىللىنىپ، ئايتماتوۋنىڭ  «ئاق پاراخوت»، ئاستافىيېفنىڭ«بېلىقشاھ»، سېرگېنوكوفنىڭ«ئورمان تۇلپارى»قاتارلىق بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلەر ئوتتۇرغا چىقتى. ئەمما بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا بۈگۈنگە قەدەر تەبىئەتكە بولغان ھەزارىۋى نەزەر يەنىلا بىر قەدەر كەمچىل. جېڭمىن  ئەپەندى بىر پارچە ماقالىسىدە تەنقىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: 1998 –يىلىدىكى كەلكۈنگە قارشى تۇرۇپ قەھرىمانلىقنى مەدھىلەش تېما قىلىنغان بىر داستاندا  "چاڭجىياڭ، مىللىتىم قاغايدۇ ۋەھشىلىكىڭنى" دېگەن مىسرالار ئۇچرايدۇ ،  " 20– ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى شائىرلىرىمىزدا مۇھىت ئېڭى شۇقەدەر ئاجىزكى، ئۆزىگە قارىتا ئويلىنىش بەكلا كەمچىل ،كەلكۈن ئالدىدا ئىنسانلارنىڭ بىلىمسىز نادانلىقىنى ھەمدە بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان،مەنپەئەت تالىشىپ تەبىئەتكە شەپقەتسىز بۇلاڭ–تالاڭ يۈرگۈزگەن قىلمىشلىرىنى ئەيىپلىمەستىن، ئاپەتنى باھانە قىلىپ،تەبىئەتنى قاغىشىدۇ."  بۇنىڭدىن جوڭگۇ يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي نەزەر دائىرسىنىڭ  قانچىلىك تارلىقىنى كۆرىۋىلىش مۈمكىن. :%M[|Fj  
E\5cb[Y  
10 tL?nO#Qx  
بۈگۈنكى دەۋردە كومپيۇتېر ۋە باسمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، "مىخ مەتبە" ئۇنچە سىرلىق كۆرۈنمەس بولۇپقالدى. كىشىلەر ناھايىتى ئاسانلا ئۆز "ئەسەرلىرى"نىڭ نەشىر "نۇسخىسى"غا ئېرىشەلەيدىغان بولدى؛ مەدەنىيەت تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ، جەمىيەتتە گېزىت–ژورناللارنىڭ تۈرىمۇ كۆپەيدى، يازما ئەسەرلەرگە قارىتا ئېھتىياج ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئادەملەر تولىمۇ ئوڭايلا  "يازغۇچىلىققا خۇمار" بولۇشتى. بۇ تەبئىلا ئاددى كىشىلەر بىلەن يازغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىقنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ يازغۇچىلىقنىڭ ئەسلىدىكى "سىرلىقلىقى"  ۋە   "مۇقەددەسلىكى" نى بىكار قىلىۋەتتى. بۇ شۈبھىسىزكى ، جەمىيەتتىكى غايەت زورتەرەققىيات ھېساپلىنىدۇ. $7{|  
   ماركىس مۇنداق بىشارەت بەرگەن: كەلگۈسىدىكى غايىۋى جەمىيەتتە، ھەممە ئادەم يازغۇچىغا ئايلىنالايدۇ. ئۇ ۋاقتتا يازغۇچىلىقنىڭ قىلچە "سىرلىق" ۋە "مۇقەددەس"دىگۈدەك ھېچنىمىسى قالمايدۇ. >&K1+FSmyJ  
  بەلكىم ھەممە ئادەم يازغۇچىغا ئايلىنالىشى مۈمكىن، بىراق بۇ دىگەنلىك ھەممىلا كىشى بۈيۈك ئەسەرلەرنى يارىتالايدۇ دىگەنلىك ئەمەس. ,Db+c3  
:NL.#!>/  
11 gl/n*s#r_  
ئۇزۇندىن بېرى بىز مۇنداق تەكىتلەپ كەلدۇق: خەلق ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ ئانىسى. يازغۇچى سەنئەتكارلار تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈشى، سەمىمىلىك بىلەن خەلق ئاممىسىدىن ئۆگىنىشى، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىم. ;dt&* ]wA  
  بۇ تەشەببۇس مۇنداق بىر قانۇنىيەتكە سەل قارىغان، ئۇ بولسىمۇ:ئەدەبىيات،سەنئەت ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خەلقنىڭ ئاتىسى. تۇرمۇش ئەدەبىيات،سەنئەتنى راستىنلا مەنبە بىلەن تەمىنلەيدۇ، بىراق ھەقىقى مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات–سەنئەت يېڭى تۇرمۇش يارىتالايدۇ ھەمدە يېڭى ئىجتىمائى ئەخلاق  يېتىلدۈرەلەيدۇ. X G fLi  
تېخىمۇ يۇقىرى قىممەت قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، ئەدەبىيات،سەنئەت ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىدىكى ئاز سانلىق مەدەنىيەت سەرخىللىرىنىڭ ئىشى. بۇ مەدەنىيەت سەرخىللىرى،جەمىيەت تارىخىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ئنتايىن ئاقىل  ۋە سالماق مۇئامىلە تۇتۇشى، رىئال تۇرمۇشنىڭ قىممىتىگە قارىتا ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخمۇ ساپ ۋە ئالىجاناپ غايىگە ئىگە بولۇشلىرى كېرەك. مانا مۇشۇنداق روھتىن پۈتۈلگەن ئەدەبىي ئەسەر ئاۋامنى ئۈزلۈكسىز يىڭىدىن– يېڭى ھەزارىۋى پەللىلەرگە باشلاش بۇرچىنى ئۆتىيەلەيدۇ. d($f8{~W  
4qtjP8Zv[  
ئاپتۇرنىڭ شەندوڭ دوستلۇق نەشرىياتى 2002–يىلى7–ئايدا نەشىرقىلغان«تەپەككۈر ئۇۋاقلىرى» ناملىق كىتاۋىدىن -ec ~~95  
مۇھەممەد ھوشۇر تەرجىمىسى

ھاتەھاتەم 2014-06-10 12:15
ياخشى ماتىريال يوللاپسىز.ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت

گۈلنىھال 2014-06-10 19:13
ھاتەھاتەم:ياخشى ماتىريال يوللاپسىز.ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت[ئىپادە] [ئىپادە]  (2014-06-10 12:15) 
M:i;;)cq  
رەھمەت سىزگە !

ئەكبەرنىياز 2014-06-13 04:45
ئويلاندۇرىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر كۆرسىتىلىپ بېرىلىپتۇ . كۆپ رەھمەت گۈلنىھال !!!

ياسىنجان510 2014-06-15 13:03
قىممەتلىك يازمىلىرىڭىزغا رەھمەت.

tawpek 2014-06-17 21:07
بۇ يوللانمىڭىز تولىمۇ ياخشى بوپتۇ. Bbk=0+ ^8I  
O3H dPQ  
<2Q+? L{  
شىئىر يىزىپ ئەمەلى يىزىقچىلىق ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە مانا مۇشۇنداق نەزىرىيە قىسمىنى ئۇنىڭ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىلىپ بارغاندا يىزىش مەشىقىلا ئەمەس ياخشى يىزىش مەشىقى ئىلىپ بىرىق قەلەمنى پۇشۇرغىلى بولىدۇ. %DH2]B? 0  
fHK`u'  
گۈلنىھال مەكتەپتە ئۆزلىكىدىن تەربىيلىنىۋاتقانلار قاتارىغا ئۆتۆپسىز. iupuhq$ ]  
G 92\` Q  
تەۋپىق سىز ئۈچۈن بىر ياخشى مەكتەپ بولغۇسى. H4l*  
;VVKn=X=S=  
سىز مۇشۇنداق ئۈگۈتۈش ۋەزەىپىزڭىنىمۇ ئۇنۇتماڭ

گۈلنىھال 2014-06-17 22:21
tawpek:بۇ يوللانمىڭىز تولىمۇ ياخشى بوپتۇ.شىئىر يىزىپ ئەمەلى يىزىقچىلىق ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە مانا مۇشۇنداق نەزىرىيە قىسمىنى ئۇنىڭ .. (2014-06-17 21:07) 
v@_^h}h/,=  
قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشىمەن ، تەۋپىق ئەپەندى ، رەھمەت !


查看完整版本: [-- شىئېرىي مەۋجۈدلۇق ۋە يازغۇچىنىڭ « ئالەملىك  كۆزى» --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled