كەتمەن
كەتمەن
قازناقتىكى شۇ كەتمەن، زەپ چىرايلىق ئىشلەنگەن. ئۆتكۈر بىسى پارقىراق، ئىشچانلارغا بەتلەنگەن.
كەتمىنىم بار مىنىڭمۇ، ئۆزى كىچىك بەك چاققان. دادام بىلەن بەسلىشىپ، ئىش ئەمگەكتە چاقنىغان.
كەتمەن دىگەن دادامنىڭ، دېھقانچىلىق ھەمراھى. ئېتىزلاردا ئايرىلماس، دىلكەش دوستى نىدائى.
ئەجدادلىرىم كەتمەندە، گۈللەندۈرگەن يۇرتۇمنى. قەدىرلەيلى شۇڭا بىز، ئىشچان بۇلۇپ ئۇدۇمنى.
ئاددى كۆرمەڭ كەتمەننى، ئېتىز قىرنىڭ كۆيچىسى. ئۇ بولمىسا نەدە بار، تال باراڭنىڭ غۇنچىسى.
كائىناتنىڭ جامالى، گۈل كۆرىنەر كەتمەندە. ھەمراھ بۇلۇر سەھەر شام، چۆلنى بوستان ئەتكەندە.
تۆمۈرچىنىڭ تېنىدىن ، ياغاچچىنىڭ ھىدىدىن. شۇنچە نەپىس ئىشلەنگەن، دۇنيا گۈزەل بىسىدىن.
ئاپتۇرى:توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇقسىز 1- يىللىق 6-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى شەھىدە ئېزىز
يىتەكچى ئوقۇتقۇچى: تۆتتاش 2014-يىل 3-ئاي
|