查看完整版本: [-- ئوتقاشئەرقۇتى :قەلبىڭگە يۇشۇرغىن مىھىر- سۆيگۈڭنى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ئوتقاشئەرقۇتى :قەلبىڭگە يۇشۇرغىن مىھىر- سۆيگۈڭنى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-06-08 23:16

ئوتقاشئەرقۇتى :قەلبىڭگە يۇشۇرغىن مىھىر- سۆيگۈڭنى






قەلبىڭگە يۇشۇرغىن مىھىر- سۆيگۈڭنى



روھىڭغا شۇڭغۇپ كىرگۈم بار دۇستۇم،  
قەلبىڭدىن بىر ھەسرەت تۈكەر مۇڭىنى.
نە ئۈچۈن تەقدىرىڭ كۈلمەيدۇ ساڭا،
قوزغىماس چىن سۆيگۈڭ خەقنىڭ زوقىنى.

سەندىكى دىيانەت ھەمدە ساپ نىيەت ،
نە ئۈچۈن قەلبىڭگە بولدى يۇشۇرۇن .
قەلبىڭنى چۈشەنمەس نىچۈن نامەرتلەر ،
نە ئۈچۈن قەلبىدىن تەگمىدى ئورۇن .

تەقدىرىڭ سەن بىلەن ئويناشقانمۇ- يا ؟
بىر بەخىت سىنىلا تۇرغاندۇ كۈتۈپ .
نە ئۈچۈن كەلمەيدۇ ساقلىغان تەقدىر ،
كۆزلەردىن شادلىقمۇ كەتتىغۇ ئۈچۈپ .

قەلبىڭگە يۇشۇرغىن مىھىر- سۆيگۈڭنى ،
نە ئۈچۈن چىن سۆيگۇ بۇلىدىكەن خار ،
قەلبىڭدە يۇشۇرۇن ياتقان ئەقىدەڭ ،
بىر كۈنى ئاشىقنى قىلار ئىنتىزار .



ئوتقاشئەرقۇتى
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى



گۈلنىھال 2014-06-08 23:33
بىر كۈنى ئاشىقنى قىلار ئىنتىزار ،
بولسىلا قەلبىڭدە چىن سۆيگۈ ھالال .
تاپارسەن بەختىڭنى شادلىققا چۈمۈپ ،
ھېجراننىڭ دەردلىرى قىلالماس مالال .

گۈلنىھال 2014-06-08 23:34
مۇبارەك بولسۇن ، شۇنداق ياخشى يېزىپسىز !
تېتىملىق شىئېر بوپتۇ .

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-06-08 23:39
ھېجراننىڭ دەردلىرى قىلالماس مالال ،
بولسىلا قەلبىڭدە ۋىجدان ساداقەت .
ھايا  ۋە ئەخلاق بولسا يۈلەنچۈك ،
چىن سۆيگۈ ياشايدۇ مەڭگۈگە ئەبەد .

گۈلنىھال 2014-06-08 23:48
چىن سۆيگۈ مەڭگۈگە ياشايدۇ ئەبەد ،
بولسا گەر يايرىڭغا سادىق مۇھەببەت .
سۆيگۈڭنىڭ باغلىرى تولىدۇ دائىم ،
گۈل - چېچەك ھېدىغا ئۈزۈلمەي پەقەت .

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-06-08 23:58
چىن سۆيگۈ مەڭگۈگە ياشايدۇ ئەبەد,
سۆيگۈسىز ھىچ ئىنسان بولمىغان پەقەت ،
قەلبىڭدە  بولسىلا   ۋاپا  ساداقەت ،
بەخىتتىن غەم يىيىش ئەسلا بىھاجەت .

تۆتتاش 2014-06-09 10:09
دوستۇم سىزنى شېئىرىڭىزنىڭ مۇۋەپىقيىتى ئارقىلىق تەبرىكلەيمەن.
سالامەت بولغايسىز.

نىھان 2014-06-09 18:13
بەختتىن غەم يېيىش ئەسلا بىھاجەت،
كۈتۈشتىن بولمىغىن دوستۇم بىتاقەت.
سەۋىردىن غورىدا ھالۋا پۈتۈدۇ،
شۇندىلا ھەقلىقسەن بەختكە ئەبەد.

نۇرلالە 2014-06-09 18:35
شۇندىلاھەقلىقسەنبەىىتكە ئەبەد
چىنسۆيەۈ يار بولسا قەلبىڭەە پەقەت.
بەىىت ئىلكىدە يايرايسەن چۇقۇم،
دىلىڭغا لىق تولسا ۋاپا -ساداقەت.

نۇرلالە 2014-06-09 18:38
ئىنكاس يازسام خەت كۇرۇنمەي يي بەلگىلا كۈرۈنۈپ تۇرغاچقا ئىملا ىاتالىقى بەك ئىغىر بۇلىۋاتۇدۇ بۇنى ئكزەگرـگلمگي بگۆ جخينفلژخم جفنژفج جخلسفم بۇلژۇ ؟يفرژگم بېرخڭف؟؟؟

نۇرلالە 2014-06-09 18:46
كەچۈرۈڭ ،ئىنكاس يازسام بەلگىلا كۈرۈنۈپ،خەت كۈرۈنمىمىگەچكە ىاتالىق بەك ككپ. ئكزگەرتەلمەي،بەك قىينالدىم ياردەم قىلىڭا

ئەكبەرنىياز 2014-06-13 04:29
قەلبىڭگە يۇشۇرغىن مىھىر- سۆيگۈڭنى ،
نە ئۈچۈن چىن سۆيگۇ بۇلىدىكەن خار ،
قەلبىڭدە يۇشۇرۇن ياتقان ئەقىدەڭ ،
بىر كۈنى ئاشىقنى قىلار ئىنتىزار .

بەكلا ئېسىل چىقىپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن بۇرادەر !!!

tawpek 2014-06-17 20:53
خەت يازسىڭىز نىمىشقا ئۇنداق بولغاندۇ؟

ئۆلچەملىك تور كۆرەۈچنى ئىشلىتىپ سىناپ بىقىڭ


查看完整版本: [-- ئوتقاشئەرقۇتى :قەلبىڭگە يۇشۇرغىن مىھىر- سۆيگۈڭنى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled