查看完整版本: [-- گۈلنىھال : يۈرىكىمگە قىلمىغىن ئۇۋال --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> گۈلنىھال : يۈرىكىمگە قىلمىغىن ئۇۋال [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-06-08 22:28

گۈلنىھال : يۈرىكىمگە قىلمىغىن ئۇۋال

يۈرىكىمگە قىلمىغىن ئۇۋال

   گۈلمېھرە




ماي ئېيىنىڭ ئايدىڭ ئاخشىمى ،
ھېدلىرىڭنى ئېپ كەلدى شامال .
يۈرىكىمدە ياندى  ئوت - ئاتەش
نىگار سېنى قىلىپ مەن خىيال .

ۋىسالىڭغا يېتەلمەي كۈن - تۈن ،
يۈرمەكتىمەن  مەيۈس  بى نىشان .
ئازاپ  بىلەن  قارىسام    ئايغا ،
ئايمۇ   ماڭا   باقار   پەرىشان .

تاپالمىغاچ سۆيگۈڭدىن ۋىسال ،
بولماقتىمەن ھېجرىڭدە مالال .
كەلگىن قۇچاق ئېچىپ ئەي دىلدار ،
يۈرىكىمگە قىلماستىن   ئۇۋال ...

مەنبە --- مەن .

ئايبەرگى 2014-06-09 08:09
تاپالمىغاچ سۆيگۈڭدىن ۋىسال ،
بولماقتىمەن ھېجرىڭدە مالال .

بۇ مىسرالارنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم.شىئېرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقتىم.سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

تۆتتاش 2014-06-09 10:06
تىرىشچانلىقنىڭ مىۋىسى كۆرۈلۈشكە باشلاپتۇ مانا.
ئەمدى مۇشۇ ئىزچىللىقىڭىزنى ساقلاپ توختاتماي يىزىڭ.

ئارزۇيۇم 2014-06-09 10:20
گۈلنىھال،مەن سىزگە بەكمۇ قايىلمەن.

گۈلنىھال 2014-06-09 10:32
ھەممىڭلارغا رەھمەت !

گۈلنىھال 2014-06-09 10:33
تۆتتاش:تىرىشچانلىقنىڭ مىۋىسى كۆرۈلۈشكە باشلاپتۇ مانا.ئەمدى مۇشۇ ئىزچىللىقىڭىزنى ساقلاپ توختاتماي يىزىڭ. (2014-06-09 10:06) 

بولىدۇ ، تىرىشىمەن .
رەھمەت !

نىھان 2014-06-09 18:16
ماۋزۇسىنى بەك ياقتۇردۇم ، شېئىرىڭىز شۇنداق ئوبرازلىق چىقىپتۇ خۇددى سۈرەتتەكلا.

نۇرلالە 2014-06-09 18:41
ـفـلخج مخسرفلخرخڭخز ئۈزۈلمخسۇن.

نۇرلالە 2014-06-09 18:45
كەچۈرۈڭ ،ئىنكاس يازسام بەلگىلا كۈرۈنۈپ،خەت كۈرۈنمىمىگەچكە ىاتالىق بەك ككپ. ئكزگەرتەلمەي،بەك قىينالدىم ياردەم قىلىڭا

گۈلنىھال 2014-06-09 21:12
نۇرلالە:ـفـلخج مخسرفلخرخڭخز ئۈزۈلمخسۇن.[ئىپادە] [ئىپادە] [ئىپادە] [ئىپادە]  (2014-06-09 18:41) 

راست دىگەندەك يازغان خېتىڭىزنى پەقەتلا ئوقۇغىلى بولمىدى . نىمە ئىشتۇ  بۇ ئەمدى ؟ قانداق بەلگە چىقىۋالغاندۇ ؟

گۈلنىھال 2014-06-09 21:12
نىھان:ماۋزۇسىنى بەك ياقتۇردۇم ، شېئىرىڭىز شۇنداق ئوبرازلىق چىقىپتۇ خۇددى سۈرەتتەكلا. (2014-06-09 18:16) 

بۇ سۆزىڭىزدىن راستلا خۇش بولدۇم ، رەھمەت !

توغراق 2014-06-10 12:07
شېئىرىڭىز خىلۋەتتىكى بىر قىزنىڭ مەيىن شامالنىڭ ھەمرالىقىدىكى يېقىملىق، ئەمما مەيۈس ئاۋازىنى ئەسلەتتى، تېخىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن!

گۈلنىھال 2014-06-10 19:08
توغراق:شېئىرىڭىز خىلۋەتتىكى بىر قىزنىڭ مەيىن شامالنىڭ ھەمرالىقىدىكى يېقىملىق، ئەمما مەيۈس ئاۋازىنى ئەسلەتتى، تېخىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن! (2014-06-10 12:07) 

رەھمەت ، خۇش بولدۇم !

گۈلنىھال 2014-06-10 19:49
نىھان:ماۋزۇسىنى بەك ياقتۇردۇم ، شېئىرىڭىز شۇنداق ئوبرازلىق چىقىپتۇ خۇددى سۈرەتتەكلا. (2014-06-09 18:16) 

شۇنداق خۇش  بولدۇم ...

بابۇر0725 2014-06-11 00:06
تاپالمىغاچ سۆيگۈڭدىن ۋىسال ،
بولماقتىمەن ھېجرىڭدە مالال .
كەلگىن قۇچاق ئېچىپ ئەي دىلدار ،
يۈرىكىمگە قىلماستىن   ئۇۋال ...
بەكلا ياخشى يېزىلىپتۇ

ھاتەھاتەم 2014-06-11 17:18
ئازاپ  بىلەن  قارىسام    ئايغا ،
ئايمۇ   ماڭا   باقار   پەرىشان
ياخشى چىقىپتۇ.ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلار ئۈستىدە توختالغاندا مىسال قىلساق بولغىدەك.

گۈلنىھال 2014-06-11 18:04
ھاتەھاتەم:ئازاپ  بىلەن  قارىسام    ئايغا ،ئايمۇ   ماڭا   باقار   پەرىشان ياخشى چىقىپتۇ.ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلار ئۈس .. (2014-06-11 17:18) 

ئېسىمگە سالدىڭىز بۇنى ، رەھمەت .

ئەكبەرنىياز 2014-06-13 04:26
ئېسىل لېرىكا بوپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن !!!

گۈلنىھال 2014-06-13 10:04
ئەكبەرنىياز:ئېسىل لېرىكا بوپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن !!! (2014-06-13 04:26) 

ئەكبەر مۇئەللىم  ، مۇكاپاتىڭىزغا رەھمەت .
خۇش بولدۇم !

ئارزۇيۇم 2014-06-13 11:03
مېنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىم نەگە قەتكەندۇ؟

گۈلنىھال 2014-06-13 11:32
ئارزۇيۇم:مېنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىم نەگە قەتكەندۇ؟ (2014-06-13 11:03) 

بىلمىدىم ، قايتا يېزىڭە سىڭلىم .
ياكى تور يولى چاتاق بولۇپ يوللانماي قالغاندۇ .

tawpek 2014-06-17 20:48
ئەسلى ئىسمىڭىز گۈلمىھرە ئوخشىمامدۇ؟


شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ

گۈلنىھال 2014-06-17 22:10
tawpek:ئەسلى ئىسمىڭىز گۈلمىھرە ئوخشىمامدۇ؟شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ (2014-06-17 20:48) 

ھەئە ، شۇنداق .

رەھمەت !

tawpek 2014-06-17 22:13
ئىسمىڭىز چىرايلىقكەن، شۇ كەمەىچە ئىسمىڭىزنى سوراپ باقمىغىنىمدىن خىجىلمەن



يۈرىكىڭگە كىم قىلدى ئۇۋال
ئىيتىپ بەرگىن قىپ بىرەي ئوسال

گۈلنىھال 2014-06-18 10:26
tawpek:ئىسمىڭىز چىرايلىقكەن، شۇ كەمەىچە ئىسمىڭىزنى سوراپ باقمىغىنىمدىن خىجىلمەنيۈرىكىڭگە كىم قىلدى ئۇۋال....... (2014-06-17 22:13) 

كەڭ قوساق بوپ قىلمىساڭ ئوسال ،
سەبىر قىلىپ   تاپارمەن ۋىسال .


گۈلنىھال 2014-06-18 10:31
tawpek:ئىسمىڭىز چىرايلىقكەن، شۇ كەمەىچە ئىسمىڭىزنى سوراپ باقمىغىنىمدىن خىجىلمەنيۈرىكىڭگە كىم قىلدى ئۇۋال....... (2014-06-17 22:13) 

خىجىل بولماڭ ، ھەممە ئالدىراش ، سىز تېخىمۇ شۇنداق ...
ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت !!!

ھاتەھاتەم 2014-06-18 17:56
ماي ئېيىنىڭ ئايدىڭ ئاخشىمى ،
ھېدلىرىڭنى ئېپ كەلدى شامال .
بۇ  مىسرالار ماڭا بەك ياقتى.

تىلداش 2014-06-18 18:56
«باھرىمنىڭ ئايدىڭ ئاخشىمى،
ھىدلىرىڭنى ئېپ كەلدى شامال.
گۈلمېھرىگە قانامدۇ بۇلبۇل،
ئەزىز تەنگە قىلمىسا ئۇۋال.»

مەلىكەبېلقىس 2014-06-19 16:19
مادلال بولماڭ ، بۇنداق يارقىن ، گۈزەل تىلىڭىز بىلەن شېئىرلىرىڭىزدىن چۇقۇم ۋېسال تاپىدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن.

مەلىكەبېلقىس 2014-06-19 16:20
ئەپۇ قىلىڭ ، «مادلال » ئەمەس ، مالال ئىدى.

زەردار 2014-06-19 16:44
مەن ئەمدى مەڭگۈ بىر سىگە كۆڭلۈمنى بەرمەيمەن.مەن ئەركەك سۈيگۈدىن تارتىدىغان ىورلۇقنىڭ ھەممىنى تارتتىمئيۈرىكىم ئېتىلىپ كەتسىچۇ دەپ كەتتىم.ئازاپلانسىمۇ ئېتىلمايدىكەن.ئارزۇ قىلىدىغىنىم يۈرىكىپ ئېتىلىپ كەتسە ياكى خاتىرەمنى يوقاتسام ۋە ياكى ئۇ ۋاپاسىز ئۆلۈپ كەتسە دەپ ئويلايمەن

گۈلنىھال 2014-06-19 22:38
مەلىكەبېلقىس:ئەپۇ قىلىڭ ، «مادلال » ئەمەس ، مالال ئىدى. (2014-06-19 16:20) 

چۈشەندىم رەھمەت !

تاپتىم جېنىم سۆيگۈدە ۋىسال ،
شۇڭا بىزگە كۈلدى ھەم ھېلال ...

گۈلنىھال 2014-06-19 22:41
tawpek:ئىسمىڭىز چىرايلىقكەن، شۇ كەمەىچە ئىسمىڭىزنى سوراپ باقمىغىنىمدىن خىجىلمەنيۈرىكىڭگە كىم قىلدى ئۇۋال....... (2014-06-17 22:13) 

ھېلال ئايغا ئامراق بولغاچ ، شىئېرلاردا كۆپرەك تىلغا ئىلىپ قالىدىكەنمەن .

yusup 2014-07-17 11:58
شىئېرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ . سىزگە بەرىكەت ھەم ئامەت تىلەيمەن ، ھارمىغايسىز !

نىلۇفەر 2014-08-07 01:01

ياسىنجان510 2014-08-09 21:11
شائىرسىز يۇرت ـــ بۇلبۇلسىز چىمەن،يۇلتۇزسىز ئاسمان بولمايدۇ.


查看完整版本: [-- گۈلنىھال : يۈرىكىمگە قىلمىغىن ئۇۋال --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled