ablatmuhamma |
2014-06-08 21:05 |
پايپىقىم
پايپىقىم
( ساتىرا )
يىرتىپ باقسام قېپىڭنى ماركاڭ باركەن پايپىقىم ،
رەزمىسىدە نومۇرۇڭ يوغان سانكەن پايپىقىم ،
لىكىن كىيسەم پۇتۇمغا ئېنىڭ تاركەن پايپىقىم ،
چاخچاق قىلدىم رەڭگىڭگە تېرەم مايكەن پايپىقىم ،
قىزىپ كەتتى پۇتلىرىم ئەسلى يازكەن پايپىقىم .
يېڭى ئالغان ئاياغقا يالاڭئاياق ياراشماس،
يۇمشىمىسا ئىككى پۇت نازۇك بەدەن قاملاشماس ،
ئىشتان بىلەن ئىدىيە دەۋىر ساقلاپ چاڭلاشماس ،
ئۇچۇق چىققان خىياللار رىئاللىققا پارلاشماس ،
سەن بولمىساڭ بارماقلار بولار تازكەن پايپىقىم .
تىلەپ تۇرار ئوزۇقلۇق كەڭ تېرەمنىڭ تۈكلىرى ،
قېلىپدىن چىقالماي كۆز يۇمىدۇ شۈكلىرى ،
تىكەن سانجار چېقىمغا موھتاجلىقنىڭ يۈكلىرى ،
دۇئايىمغا ئاتتى تاش يامانلارنىڭ < سۈف > لىرى،
كىملەر ئىكەن بۈدۈر چاچ ، كىملەر تازكەن پايپىقىم ؟
بىراۋ سۆزلەپ قويمىسۇن تەرلىگىنىم نورمال ئىش ،
ئوت ياقىدۇ شامالغا ھەسەت دىمەك -خامان ئىش ،
قورساق سالسۇن كەيپىيات قىسىر تۇرسۇن يامان ئىش ،
تۇيغۇسىدا كۆكلىسۇن ئەل كۈلكىسى -ئامان ئىش .
نۆۋىتىدە كىم ئۆردەك ، كىملەر غازكەن پايپىقىم .
چېچەكلىسۇن دوقمۇشۇم بوسوغامنى سۇغىراي ،
ئۈمۈد ساقلاپ سائىلدا غەم چەشىنى توغىراي ،
ئارمىنىمنى ئوغلۇمنىڭ چۈشلىرىگە يۇغىراي ،
غەلبە ئۈچۈن ئاخىرىقى مەھكەم ئىستېھكام قۇراي ،
ئۈمۈد دىگەن ئەسلىدە ساناق سانكەن پايپىقىم .
پۇت پۇرايدۇ تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدە ئېزىلىپ ،
قىممىتىمىز قالامدۇ تۇرساق يەنە قېزىلىپ ،
چېچىلماقتا رىزقىمىز ئارقا بەتكە يېزىلىپ ،
بالىلارغا سەت بولدى ئارقا رەتكە تىزىلىپ ،
سۈكۈت قىلدىڭ سۆزۈمگە گېپىڭ ئازكەن پايپىقىم .
يىرتىلغاندا غەملىرىم ھېجارىما رىئاللىق ،
قىممىتى يوق توقۇلۇش كىملەر ئۈچۈن زىيانلىق ،
رەڭ ئۆزگەرتسە سايىلەر بىلىنەمدۇ گۇمانلىق !
ئەۋلادلارنى ئۇسسىتار يىلتىزى يوق ئورمانلىق ،
سېنى ساقلاپ ئاسىراش بەكلا تەسكەن پايپىقىم .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
|
|