查看完整版本: [-- توغراق: قىز كۈلكىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> توغراق: قىز كۈلكىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

توغراق 2014-06-07 17:03

توغراق: قىز كۈلكىسى

قىز كۈلكىسى
ئابدۇۋەلى تۇردى

قىز كۈلكىسى ـــ ئالەم كۈلكىسى،
قىز كۈلگەندە كۈلەر كائىنات.
قىز كۈلكىسى ـــ ئايەم كۈلكىسى،
ئۇندىن شادلىق تاپىدۇ ھايات.

قىز كۈلكىسى ـــ ئەرلەر كەلگۈسى،
قىز كۈلكىسى قۇتتىن بىشارەت.
قىز كۈلگەندە جەننەت كۈلگۈسى،
سۆزلەپ بىزگە گۈزەل رىۋايەت.

قىز كۈلكىسى قوغلار دىللاردىن،
شىۋىرغانلىق جۇتنى، سوغۇقنى.
ئەللەيلىتەر شاھلىق تەختىدە،
روھى گاداي، شادلىقى يوقنى.

ياش تۆكۈلسە قىزنىڭ كۆزىدىن،
قارا بۇلۇت باسار ئالەمنى.
قىز كۈلكىسى تاتلىق سۆزىدىن،
ئۇنتالايمىز قايغۇنى، غەمنى.

قىز كۈلكىسى ـــ باھار، ياز پەسلى،
خۇشاللىقنىڭ تاجى ـــ قىز دېگەن.
دۇنيا گۈزەل بولاركەن ئەسلى،
قىز كۈلكىسى،جىلۋىسى بىلەن.
(ئاپتۇر: ئونسۇ ناھىيە 3- ئوتتۇرا مەكتەپتە)

تۆتتاش 2014-06-08 13:15
ئاياللار ژورنىلىغا ئەۋەتىڭ بۇرادەر

توغراق 2014-06-08 21:16
بولىدۇ ، شۇنداق قىلاي راست، مەنمۇ قايسى مەتبۇئاتقا ئەۋەتسەم بولار دەپ بېشىم قاتقانتى، ژۇرنالغا يارىغۇدەك بوپتىمۇ زادى؟

ئارزۇيۇم 2014-06-11 18:14
تەشەككۈر.

ئەكبەرنىياز 2014-06-13 03:05
ژۇرنالغىلا ئەمەس ، ئەڭ مۇھىمى دىللارغا يارىغۇدەك شىئېر بوپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن !!!

tawpek 2014-06-17 18:14
قىز كۈلكىسى ئىزىتقۇ كۈلكە
رەڭۋازلىقتا ئەسلىتەر تۈلكە


ياخشى چىقىپتۇ


查看完整版本: [-- توغراق: قىز كۈلكىسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled