توغراق |
2014-06-07 16:56 |
توغراق:ئارمان
ئارمان ئابدۇۋەلى تۇردى دېڭىزىدا ھاياتنىڭ يۈرەك، يىراقلارغا ئۈزەر غۇلاچلاپ. گۈزەل بىر يار ئۇپۇق لېۋىدە، كىملەر ئۇنى سۆيەر باغاشلاپ؟
كىملەر ئۇنى سۆيەر باغاشلاپ؟ كىملەر يېتەر كۈتكەن مۇرادقا؟ ياشىسىمۇ مىڭ يىل، تۈمەن يىل، كىملەر قېنىپ ئۆتكەن ھاياتقا؟
كىملەر قېنىپ ئۆتكەن ھاياتقا؟ ياشلانمىغان كىملەرنىڭ كۆزى؟ يەنە كىمنىڭ نۇرلۇق چاقنىغان ، ئەڭ ئېگىزدە تەلەي يۇلتۇزى؟
شۇنداق ئىكەن ھايات ھېكمىتى، ئارمان قىزى تۇراركەن چىللاپ. يەتكەن چاغدا ئۇنىڭ ۋەسلىگە، قالارمىزكەن «تالاغا قاراپ»... (ئاپتۇر: ئونسۇ ناھىيە 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە) |
|