查看完整版本: [-- گۈلنىھال : شىئېر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> گۈلنىھال : شىئېر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-06-06 23:17

گۈلنىھال : شىئېر

    
       شىئېر



  قەلبىمدىكى تۈگىمەس ئازاپنى ،
ئېلىپ كەتكىن يىراق - يىراققا .
ھەسرىتىڭدە يۈرۈپ دائىما ،
قىينالدى جان ئىشىق - پىراقتا .

كۆرگىنىمدە نۇرلۇق سىمايىڭ ،
تىپىرلايدۇ يۈرىكىم ئەنسىز .
قىينالساممەن دەردىڭدە جېنىم ،
سەن يۈرەمسەن بىغەم  - پەرۋاسىز ...


ھەسرەتلەرنى يەڭگىللەت جانان ،
ئاتا قىلىپ ماڭا مۇھەببەت .
پەر قاقايلى كۆكتە ئاي كەبى ،
دىلدا ئازاپ قالمىسۇن پەقەت ...

2014  - يىلى 6 - ئىيۇن .


        

نۇرلالە 2014-06-07 11:31
ئازاپ ،گۇلخان كەبى ئادەمنى،
تاۋلاپ بارار ئۈنسىز-تىۋىشسىز،
ئۇ بېرىدۇ ساڭا كۈچ-غەيرەت.
تىرىشقانلار قۇچىدۇ بەخىت،
قۇت ئىچىدە ياشايسەن ئەبەت.

گۈلنىھال 2014-06-07 11:45
نۇرلالە:ئازاپ ،گۇلخان كەبى ئادەمنى،تاۋلاپ بارار ئۈنسىز-تىۋىشسىز،ئۇ بېرىدۇ ساڭا كۈچ-غەيرەت.تىرىشقانلار قۇچىدۇ بەخىت،قۇت ئىچىدە ياشايسەن ئەبەت. (2014-06-07 11:31) 

رەھمەت ، ئەگىشەلمىدىم ...

نىھان 2014-06-07 15:39
مۇھەببەت، ئۇ ۋولقان كەبى ئادەمنى،
كۆيدۈرىدۇ ۋۇجۇدۇڭنى بارىڭنى.
ۋىسال تاپماي گەر ئۆتكۈزسەڭ ئۆمرۈڭنى،
سۇلدۇرىدۇ ياشلىق باھار گۈلۈڭنى،
ۋىسال ئۈچۈن بولسۇن ئىرادە غەيرەت.

گۈلنىھال 2014-06-07 19:34
ياخشىغۇ ئەزىزىلەر ...
سىلەرگە ياندىشاي دىسەم بۈگۈن نىمە بولدۇمكى ...  پەقەت بولمىدى .
سىلەرگە بەرىكەت تىلەيمەن .

بابۇر0725 2014-06-07 22:53
ھەسرەتلەرنى يەڭگىللەت جانان ،
ئاتا قىلىپ ماڭا مۇھەببەت .
پەر قاقايلى كۆكتە ئاي كەبى ،
دىلدا ئازاپ قالمىسۇن پەقەت ...

بۇ مىسرالار بەكمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ

توغراق 2014-06-08 21:23
قەلبىمدىكى تۈگىمەس ئازابنى،

بۇ مىسرانى
قەلبىمدىكى پۈتمەس ئازابنى
دەپ ئۆزگەرتىپ باقساق بولارمۇ؟

گۈلنىھال 2014-06-08 22:14
توغراق:قەلبىمدىكى تۈگىمەس ئازابنى،بۇ مىسرانى قەلبىمدىكى پۈتمەس ئازابنى دەپ ئۆزگەرتىپ باقساق بولارمۇ؟ (2014-06-08 21:23) 

بولغۇدەك ، رەھمەت سىزگە !

ئەكبەرنىياز 2014-06-13 02:40
پەر قاقايلى كۆكتە ئاي كەبى ،
بۇ مىسرانى يەنە بىر كۆرىۋەتسىڭىز ياخشى بولىدىغاندەك ھېس قىلدىمغۇ !؟

گۈلنىھال 2014-06-13 10:07
ئەكبەرنىياز:پەر قاقايلى كۆكتە ئاي كەبى ،بۇ مىسرانى يەنە بىر كۆرىۋەتسىڭىز ياخشى بولىدىغاندەك ھېس قىلدىمغۇ !؟  (2014-06-13 02:40) 

تۈزىتىپلىۋەتكەن بولسىڭىزچۇ ؟ خۇش بوللاتتىم ...

ئارزۇيۇم 2014-06-13 10:53
تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىلمەن.

ئارزۇيۇم 2014-06-13 10:53
لېرىكىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.

گۈلنىھال 2014-06-13 12:25
ئارزۇيۇم:تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىلمەن. (2014-06-13 10:53) 

رەھمەت سىزگە !

tawpek 2014-06-17 11:41
شىئىر  دىگىنىڭىز بۇ تىمىنىڭ ژانىرىمۇ ياكى ماۋزۇسىمۇ؟

گۈلمىھرە   دىگىنى ئەسەرنىڭ ئاپتۇرىمۇ ياكى شىئىرنىڭ ماۋزۇسىمۇ؟

گۈلنىھال 2014-06-17 17:00
tawpek:شىئىر  دىگىنىڭىز بۇ تىمىنىڭ ژانىرىمۇ ياكى ماۋزۇسىمۇ؟گۈلمىھرە   دىگىنى ئەسەرنىڭ ئاپتۇرىمۇ ياكى شىئىرنىڭ ماۋزۇسىمۇ؟ (2014-06-17 11:41) 

ئەلۋەتتە مېنىڭ ئىسمىم !


查看完整版本: [-- گۈلنىھال : شىئېر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled